IT تۈرلىرىنى پىلانلاش/مەھسۇلاتلاشتۇرۇش

مۇلازىمىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ باققان ئورۇنلارغا مەلۇمكى، شىركىتىمىز تىپىك يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى، شۇنداقلا تېخنىكىلىق مۇلازىمەت شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، IT (ئۇچۇر تېخنىكىسى) تۈرلىرىنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ تاكى مەھسۇلات سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىغىچە بولغان قەدەم-باسقۇچلارنى ئىنچىكە، ئەتراپلىق پىلانلاپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

يۇمشاق دېتال ئېچىش

شىركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمىتى كۆپ تىللىق يۇمشاق دېتال (سۇپا، تور بېكەت، ئەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئېچىش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش بولۇپ، يىللاردىن بۇيان مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان كۆپ تىللىق چوڭ تىپتىكى سۇپىدىن بىر نەچچىنى، يۇمشاق دېتالدىن ئون نەچچىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقاتى

شىركىتىمىز بۈگۈنگە قەدەر كۆپ تىللىق بىر نەچچە ئېلېكتىرونلۇق سودا (تور سودىسى) سۇپىسىنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ئاچقان بولۇپ، بۇ جەرياندا، نوقۇل تېخنىكىلىق ئېچىش خىزمىتىدىن باشقا، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى قانداق باشلاش، قانداق يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كىتاب يېزىش، ژۇرنال، تور بېكەتلەردە ماقالە ئېلان قىلىش قاتارلىق بەزى كونكېرت خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

بۇلۇت/ئىنتېرنېت+/چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسى

شىركىتىمىز يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىنتېرنېت+ ئىدىيەسى بويىچە ئىشلىگەن بەزى سۇپا تۈرىدىكى يۇمشاق دېتاللاردا بۇلۇت ھېسابلاش ۋە چوڭ مەلۇمات تېخنىكىلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەتتى.
ئىزدەش موتورلىرىدن 云计算،互联网+،大数据 ھالقىلىق سۆزلىرىنى ئىزدىسىڭىز، بۇلۇت ھېسابلاش، ئىنتېرنېت+، چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسى ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن.

يۇمشاق دېتال مائارىپى

ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇشى رايونىمىزدىكى IT شىركەتلىرىنىڭ بېشىنى ئىزچىل قاتۇرۇپ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىختىساسلىق خادىملارنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن، شىركىتىمىز بىر نەچچە قارار پىروگراممېر تەربىيەلەش سىنىپى ئاچتى. نۆۋەتتە، بۇ سىنىپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار شىركىتىمىزنىڭ ۋە ھەمكارداش شىركەتلەرنىڭ غوللۇق خادىملىرىدىن بولۇپ قالدى.

IDC تور مۇلازىمىتى

شىركىتىمىز IDC تور مۇلازىمىتى (تور نامى، مۇلازىمىتېر، بوشلۇق، ساندان ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى) نى 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى يولغا قويغان بولۇپ، سەككىز يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. بۇ جەرياندا مۇلازىمىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھەر مىللەت خەلقى بىزنى بىز ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك قوللاپ كەلدى. بىزمۇ لايىقىدا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلاردىن ھاجىتىدىن چىقتۇق ھەمدە مۇئەييەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ياراتتۇق.

IT مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى

شىركىتىمىز IT غا دائىر يىغىن، كۆرگەزمە، يىغىلىشلارنى پىلانلايدۇ ۋە ئۇيۇشتۇرىدۇ؛ «يۇمشاق دېتال ئاپتورلۇق ھوقۇقى تىزىملىتىش كىنىشكىسى»، «يۇمشاق دېتال كارخانىسى كىنىشكىسى»، «يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسى كىنىشكىسى»، «تېلېگراف قوشۇلما قىممەت كەسىپلىرى تىجارەت ئىجازەتنامىسى»، «تور مەدەنىيىتى تىجارىتى ئىجازەتنامىسى» قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى ۋاكالىتەن بېجىرىدۇ.

IT تېخنىكىلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش

سىز مەلۇم تۈرنى ئاچماقچى بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ باش-ئاخىرى ھەققىدە گاڭگىراپ قالغانسىز، ئۇنداقتا، بىزنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.
شىركىتىمىز رايونىمىزدىكى غوللۇق IT شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگان، شىركەت ۋە شەخسلەرگە ئەڭ يېڭىIT ئۇچۇرلىرى، پىلانلىرى، مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە ھەقلىق ۋە ھەقسىز مەسلىھەت بېرىدۇ.

رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى پىلانلاش

بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار تەييارلىنىۋاتىدۇ...

يۇمشاق دېتاللار

شىركىتىمىز تۆۋەندىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىگەن  بولۇپ، تەپسىلاتى تەييارلىنىۋاتىدۇ. دوختۇرخانا باشقۇرۇش سىستېمىسى شىركەت باشقۇرۇش سىستېمىسى ماتورلۇق ئۈسكۈنىلەر سېتىش زەنجىرسىمان دۇكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئاھالىلەر كومىتېتى نوپۇس باشقۇرۇش سىستېمىسى چىش كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى باشقۇرۇش…

ھەمكارلاشقۇچىلار / خېرىدارلار باھاسى


يېڭىلىقلار / ئۇچۇرلار


2018-يىللىق روزا ھېيت ۋە تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-يىللىق روزا ھېيت ۋە تاڭزۇڭزا چاغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈ...

  • 2018/6/10
  • 143

2018-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى (چارشەنبە...

  • 2018/4/26
  • 90

2018-يىللىق چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-يىللىق چوكانتال بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى (دۈ...

  • 2018/4/1
  • 137

2018-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-يىللىق چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2017-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ. 2-ئاينىڭ 22-كۈنى (پەيشەنبە) خىزمەتكە...

  • 2018/2/8
  • 193

يۇلتۇزسوفت 2 ياشقا كىردى

يۇلتۇزسوفت تەتقىقات، تەربىيەلەش، ئىشلەپچىقىرىشنى بىر گەۋدە قىلغان، دۇنيا IT ساھەسىدىكى سەركە شىركەتلەرنىڭ تەرەققىيات نىشانىغا ياندىشىپ، ھەقىقىي مەنىدىكى يۇقىرى پەن-تېخ...

  • 2018/1/13
  • 236

يۇلتۇزسوفت ئورگان تورى يېڭىلاندى

2017-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى يۇلتۇزسوفت ئورگان تورىنىڭ 3-نەشرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن بەتنىڭ بەزى جايلىرى يېڭىلاندى. بۇ قېتىم قوشۇلغان يېڭى...

  • 2018/1/1
  • 322

500 گە يېقىن خېرىدار

بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار

100 گە يېقىن تۈر

بۇنىڭ ئىچىدە بۇلۇت تېخنىكىسىغا تايانغان چوڭ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك سۇپىلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ

10 نەچچە خىل شەرەپ

بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكىرى ئۆلكە ھۆكۈمەت، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن بېرىلگەن شەرەپلەرمۇ بار
يۇلتۇزسوفت ئورگان تورىنىڭ 3-نەشرى ئېلان قىلىندى.
شىركىىتمىز لىدېرى ئەمەتجان رۇسۇل يازغان «ئىناق ئەلدە بەرىكەت بولىدۇ» ناملىق ماقالە دۆلەت ئىچىدىكى شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ياشىن تورى، شىنجاڭ تورى، خۇڭشەن تورى، شىنلاڭ تورى، بەيدۇ تورى، لوياڭ تورى، ئىلى تورى قاتارلىق چوڭ تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى يازغان تۇنجى پوزىتسىيە ماقالىسى بولۇپ، كارخانىچىلار ئىچىدە زور تەسىر قوزغىدى.
شىنجاڭ ئۇيكۈچ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى خەلققە قولايلىق كارتىسى سۇپىسى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى.
ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 5 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۆپ خىل تىلدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىي كومىتېتىنىڭ قۇرۇلدى، شىركىتىمىز ھەيئەت ئەزا بولۇپ سايلاندى.

لىدېرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك ياكى ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش پۇرسىتىنى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر تور، يۇمشاق دېتال مۇھىتى بەرپا قىلىش، يەنە شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش – يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ