مۇلازىمەت تېلېفونى:
0991 - 8554814
0991 - 8554813
شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسى A بىنا 6-قەۋەت 6004/6003-ئىشخانا
service@yultuzsoft.com
834480060
834480060
تېچلىقمۇ
مەن تور بېتىڭلاردىن بىر قىسىم دەرسلىكلەرنى چۈشۈرۋالغان ئىدىم. ھۆججەت فورماتى SWF ئىكەن. لېكىن ھەر قانداق بىر فىلاش قويغۇچتا بۇ دەرسلىكلەرنى قۇيۇپ پايدىلنالماي قالدىم. قايسى قويغۇچتا بۇ دەرسلىكلەرنى نۇرمال قۇيۇپ كۈرۈپ پايدىلانغىلى بولىدۇ؟
ياخشىمۇسىز!
Flash Player ياكى 迅雷影音 دېگەندەك فلەش قويالايدىغان ھەر قانداق قويغۇچتا قويسىڭىز بولىدۇ. سىز چۈشۈرۈۋالغان ھۆججەتلەر قاتارىدا بەزى قويغۇچلار تەمىنلەنگەن، شۇلاردا قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
مەن ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلىگەن، 5 يىل بولاي دېدى، فىلىم كىرىشتۈرۈش، ئىشلىرىغا كومپيۇتېر رېمونت ئىشلىرىغا ئاساسلىقى قاتتىق دېتال ئىشلىرىغا ماھىر، ئۇنىڭدىن باشقا كۆزىتىش ئاپپاراتى رېمونت قىلىش بولسۇن، قويۇش بولسۇن بىمالال قىلىپ كېتەلەيمەن. مۇمكىن بولسا سىلەر بىلەن ھەمكارلاشسام، بىلىم ئۆگەنسەم.
دۇكىنىم تازا چوڭ ئەمەس، لېكىن سودام ياخشى.
بولىدۇ، ئاساسىي ئەھۋالىڭىزدىن خەۋەردار بولدۇق، تەپسىلىي ئىشلاردا مۇلازىمەتچىمىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
تېلېفون: 8554813-0991، ئۈندىدار ۋە كيۇكيۇ: 834480060
مەن سانجى ئۇنۋىرسىىتىتى قۇللىنىشچان كومپىيۇتىر تېخنىكىسىنىڭ ئاسپىرانتى، مەنچە ھەمكارلىشىش پۇرسىتى بۇلسا، ياكى مىنىڭ تەربىيەلىنىش پۇرسىتىم بۇلسا ئالاقىلاشساق
بولىدۇ.
ئالاقە تېلېفونى: 8554813-0991، ئۈندىدار ۋە كيۇكيۇ: 834480060
3dmax — AutoCAD
مۇشۇ ئىككى سىستمنىڭ راۋرۇس ئۆگىنىش دەرىسلىكى ئۇيغۇرچە بولسا ھەقلىق بولسمۇ تەمىنلسەڭلار بولاتتى،
قېنى، بىز بىر ئۇقۇشۇپ باقايلى
مەن ئاندىرويىد ئەپ ياسىتاي دېگەن ئىدىم، سىلەر قىلامسىلەر ياكى باشقىلار قىلامدۇ؟
بىزنىڭ قىلىۋاتقان مۇلازىمەتلىرىمىزنىڭ بىرى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن ئەپ ئېچىش.
مۇلازىمەتچىمىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
تېلېفون: 8554813-0991، ئۈندىدار ۋە كيۇكيۇ: 834480060
ياخشىمۇسىلەر، مەن كومپيۇتېر مۇلازىمىتى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، 2014 -يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن، بۇيىل 24 ياش.
ئېلېكتىرون تېخنىكىسى، يەككە ئۆزەككە پىروگرامما يېزىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك يولى لايىھەلەش كەسىپلىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرى بولسا، بەكلا ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى.
2014-يىلى توردا مۇشۇ كەسىپلەر توغرىلىق تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېلانىنى كۆرگەن، لېكىن شارائىت يار بەرمەي تىزىملىتالمىغان ئىدىم، ئەگەر مۇشۇنداق تەربىيەلەش كۇرسلىرى بولسا، ياكى سىلەر قوبۇل قىلساڭلار، سىلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى خالايمەن. ئەگەر قوبۇل قىلىشنى خالىسا، ئۇستازلارنىڭ قولىدا تەربىيەلەنسەممۇ مەيلى، رەھمەت.
تىنچلىقمۇ؟
ئۇچۇرىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق ۋە مەقسىتىڭىزدىن خەۋەردار بولدۇق. تىرىشچانلىقىڭىز، ئىرادىڭىز بىزنى تەسىرلەندۈردى. ئەگەر ئالدىمىزدا تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىش ياكى ئىچكى قىسىمدا تەربىيەلەش پىلانىمىز بولسىلا، بىز سىز بىلەن ئالاقىلىشىمىز.
ئاندىرويىت پىروگرامما تەربىيلەش سىنىپى ئاچامسىلە
تەربىيەلەش سىنىپىنىڭ ئىشى تېخى قارارلانمىدى، ئېچىشتىن ئاچماسلىقنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرىراق تۇرىدۇ.
تور سودىسى ئۈچۈن بىر دىتال ياسىساق بولاتتى، تەپسىلاتىنى ئايرىم خانىدا پاراڭلاشساق
بولىدۇ.
كيۇكيۇ ۋە ئۈندىدار: 834480060
ھە بولۇدۇ ئەمسە بىر مۇشۇ سىنىپ ئىچىش ياكى ئاچماسلىق توغۇرلۇق بىر ماقالە چىقىرۋەتسەڭلا بەلەن بولتى كىيىن باشقىلامۇ سوراپ يۈمەيلا شۇنى ئوقۇپلا بۈلۋالسا قولاي بولاتتى
بولىدۇ
مۇشۇنداق سىلەدىن مەسلىھەت سورغان ۋە ياكى بەزى سوراپ بولالمىغان باشقا يەنە پىروگراممىر تەربىيلەش سىنىپىدا ئوقۇغۇسى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى ئۈچۈنمۇ بوسا شىركىتىڭلارنىڭ يەنە بىر ئويلۇشۇپ مۇشۇ ئوقۇغۇسى بارلار ئۈچۈن پۇرسەت ۋە مۇھىت يارتىپ ئوقۇش قىزغىنلىقى با ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن شىركىتىڭلارنىڭ يەنە بىر قىتىم ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ بىقىش تەكلىپىنى بىرمەن بوسا يەنە مۇشۇ باش ئەتىياز مەزگىلىدە باشلىسا سىلەدىن شەخسەن ئۈزۈم خۇش بولاتتىم
بولىدۇ، مەن سىز قاتارلىق بىر نەچچەيلەننىڭ پىكرىنى مەسئۇللىرىمىزغا يەتكۈزۈپ، ئەڭ تېز پۇرسەتتە جاۋابىنى بېرىمەن.
پىروگىراممىر تەربىيلەش سىنىپى ئاچامسىلەر؟
2014-يىلى بىر نەچچە سىنىپ ئاچقان، ئۇنىڭدىن بېرى ئاچالمىدۇق.
4 كۈن ئىلگىرى شىركەت تىجارەت دائىرىسىدىن تەربىيەلەش تۈرىنى چىقىرىۋەتتۇق. دېمەك، يېقىنقى مەزگىلدە تەربىيەلەش سىنىپى ئاچمايمىز.
يەنە پىروگرامما تەربىيلەش سىنىپى ئاچامسىلە
ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئېچىش توغرا كەلسە تاراتقۇلاردا ئۇچۇر بېرىمىز.
مەن بىر مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ تەرەقى قىلدۇراي دىگەن سالون ئىشلىرىغا بەك قىززىقىمەن بولسا ماڭا ياردەم قىلساڭلار
بولىدۇ، مۇلازىم بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
QQ ۋە ۋېيشىن نومۇرى: 834480060
ئايلىق ياكى مەلۇم مۇددەتلىك توختاملىق تەربىيلەش تۈرلىرىڭلارمۇ بارمۇ ؟
2014-يىلى بىر نەچچە سىنىپ ئاچقان، ئۇنىڭدىن بېرى ئېچىپ بولالماي قالدۇق.
https://www.yultuzsoft.com/ug-CN/?p=3928
这个页面里的网站地址有误
原来是
http://www.herembag.com
这样吧。
بەتتىكى ئادرېس توغرا.
سىزنىڭ دېگىنىڭىز شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تور بېكىتى، بىزنىڭ لايىھەلىگىنىمىز شىنجاڭ ھەرەمباغ مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ تور بېكىتى.
ئىككىسى ئايرىم ئىككى شىركەت.
سىزنىڭ پىكرىڭىزگە كۆپ رەھمەت، پات-پات پىكىر بېرىپ تۇرغايسىز.