مۇلازىمەت تېلېفونى:
0991 - 8554814
0991 - 8554813
شىركىتىمىز كەسىپ كېڭەيتىش ئېھتىياجىدىن بەش نەپەر iOS پىروگىراممېرى، بەش نەپەر Android پىروگىراممېرى قوبۇل قىلىدۇ.
ئاساسلىق ۋەزىپىسى: iPhone ، iPad ، Android قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئەپ ئېچىش ۋە كېڭەيتىش.
ئىش ئورنى: توردا ئىشلەيدۇ.
ئايلىق ئىش ھەققى: 3000 ~ 10000 يۈەن بولىدۇ. لايىھەنى ياخشى تاماملىسا، ئايرىم تۈر مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.
iOS پىروگراممېرلىرىغا قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ:
1. OSX ، UNIX ۋە ObjectivC لارنى ئوبدان چۈشىنىشى، iOS سۇپىسىدا بىمالال ئەپ ئاچالايدىغان بولۇشى كېرەك.
2. MYSQL تىلىغا ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا پۇختا بولۇشى كېرەك.
3. ئوبيېكتلىق پىروگرامما لايىھەلەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
4. رەتلىك، ئۆلچەملىك كود يېزىش ئادىتى بولۇشى، يازغان كودىنىڭ قۇرۇلمىسى ئېنىق، ئىسىم، ئىزاھاتلىرى ئۆلچەملىك بولۇشى كېرەك.
5. مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
6. خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، كوللېكتىپ ئىشلەش روھى كۈچلۈك، مىجەزى ئوچۇق-يورۇق بولۇشى كېرەك.
7. ئىنگلىزچە سەۋىيىسى يۇقىرىلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.
Android پىروگراممېرلىرىغا قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ:
1. Java پىروگرامما تىلىغا پىششىق بولۇشى، Eclipse پىروگرامما مۇھىتىغا پىششىق بولۇشى، Android سۇپىسىدا بىمالال ئەپ ئاچالايدىغان بولۇشى كېرەك.
2. MYSQL تىلىغا ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا پۇختا بولۇشى كېرەك.
3. ئوبيېكتلىق پىروگرامما لايىھەلەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
4. رەتلىك، ئۆلچەملىك كود يېزىش ئادىتى بولۇشى، يازغان كودىنىڭ قۇرۇلمىسى ئېنىق، ئىسىم، ئىزاھاتلىرى ئۆلچەملىك بولۇشى كېرەك.
5. مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
6. خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، كوللېكتىپ ئىشلەش روھى كۈچلۈك، مىجەزى ئوچۇق-يورۇق بولۇشى كېرەك.
7. ئىنگلىزچە سەۋىيىسى يۇقىرىلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.
ئەسكەرتىش:
1. ئوقۇش تارىخى بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. بىزگە لازىمى قەغەز ئەمەس، بەلكى تېخنىكا ۋە ئەمەلىي كۈچ.
2. پىروگراممېرلارنىڭ ئىشخانىمىزغا كېلىپ خىزمەت قىلىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، توردا ئىشلەيدۇ. توردا ۋەزىپە تاپشۇرۇلىدۇ، توردا تاپشۇرۇۋېلىنىدۇ.
3. ئۆزىڭىز ئىشلىگەن ئەپتىن كەم بولغاندا بىرنى ۋە قىسقىچە ئىش-ئىزلىرىڭىزنى service@yultuzsoft.com غا يوللىۋېتىپ، ئاندىن تېلېفون ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30/31-ئىشخانا
شىركەت تېلېفون نومۇرى: 8554813-0991 | فاكس: 8554814-0991
ئېلخەت: service@yultuzsoft.com
ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى
مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1 ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2
2019-يىللىق جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 9-ئاينىڭ 16-كۈنى (دۈشەنبە) خىزمەتكە چۈ...
2018-يىللىق چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ. 2-ئاينىڭ 22-كۈنى (پەيشەنبە) خىزمەتكە...
2021-يىللىق يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى (دۈ...
بۈگۈن شىركىتىمىز «كۈلگىن» تورىنىڭ Metro ئۇسلۇبىدىكى 2-نەشرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. بۇ نەشرىدىكى «كۈلگىن» تورىغا نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى تور تېخنىكىلىرى ئىشلىتىلگەن، ت...
2018-يىللىق دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ. 10-ئاينىڭ 8-كۈنى (دۈشەنبە) خىزمەتكە چۈ...
2016-يىلى يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى (دۈشەنبە) خىزم...
2018-يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە) بەش كۈن دەم ئالىدۇ. 8-ئاينىڭ 27-كۈنى (دۈشەنبە) خىزمەتكە چۈشىدۇ.
توردىن ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئىزدەش سىستېمىسى «جادۇ كۆز ئۇيغۇرچە ئىزدەش سۇپىسى» بۈگۈن ئېچىۋېتىلدى. بۇ سىستېما خەلقئارادىكى داڭلىق ئىزدەش ماتورى Google نى ئۆزىگە يادرو قىلغان ...
مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈنلەردە شۇنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتۇق: ئەينى چاغدا XJCFAN گۇرۇپپىسىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ، كېيىنكى شىركەتكە ئاساس سالغان ئەمەتجان (قىسمەت)، ياسىنجان ...
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.