«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى خادىم قوبۇل قىلىدۇ

دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى – «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى ئىقتىساسلىق خادىم كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خادىم قوبۇل قىلىدۇ.

ئالدىنقى ھەپتە ژۇرنال باش مۇھەررىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىقتىساسلىقلار يىغىلىشى»غا بېرىپ، 20 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالىنى ئېلىپ كەلدى. باش مۇھەررىر 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئىقتىساسلىقلار يىغىلىشى»غا بېرىپ، يەنە ئىقتىساسلىقلار بىلەن ئۇچراشماقچى.

خادىملارغا قويۇلىدىغان شەرت:

1. قانۇن ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

2. تولۇق كۇرستىن يۇقىرى (تولۇق كۇرسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

3. كومپيۇتېر ۋە تور مەشغۇلاتىدىن خەۋەردار، Word , Publisher لارغا پىششىق بولۇشى كېرەك.

4. IT كەسپىنى ياخشى چۈشىنىدىغان، IT دائىرىسىدە خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك.

5. ئىملا، ۋاقىت، ھەمكارلىق قارىشى كۈچلۈك بولۇشى كېرەك.

خىزمەت ۋاقتى، مائاش، مۇكاپات، دەم ئېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت بېكىتكەن ئۆلچەملەر بويىچە بولىدۇ.

خىزمەت دائىرىسى: ئاساسلىقى ماقالە تەھرىرلەش، بەت تىزىش ئىشلىرىنى قىلىدۇ.

خىزمەت ئورنى: ئۈرۈمچىدە «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە بولىدۇ. بۇ دۆلەت ئورگىنىغا دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە مۇنتىزىم خادىم تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش ئىشى بولغاچقا، توردا ئىشلەيدىغانلار ماس كەلمەيدۇ.

دەسلەپتە ئۈچ ئاي سىناق ئىشلەيسىز، ئاندىن كېيىن توختام تۈزۈلۈپ تەكلىپلىك خادىم سالاھىيىتىدە ئىشلەيسىز. مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئۆتىسىڭىز، ئاندىن رەسمىي ئىشتاتلىق خادىم بولىسىز. بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت بېكىتكەن تەرتىپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تېخىمۇ تەپسىلىي ئىشلارنى 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئىقتىساسلىقلار يىغىلىشى»دا بىز بىلەن كۆرۈشۈپ، يۈز تۇرانە سۈرۈشتۈرۈڭ.

ئەگەر بۇ خىزمەتكە ماس كېلىدىغان ئىقتىساسلىقلار بولسا، 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئىقتىساسلىقلار يىغىلىشى»دا بىزنى ئىزدىسە بولىدۇ.

ئەڭ يېڭى ئەسكەرتىش: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرمىگەنلەر تەرجىمىھالى ۋە ئالاقىدار كىنىشكىلىرىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى قاتارلىقلارنى بىۋاستە ئىشخانىمىزغا ئەكىلىپ بەرسە بولىدۇ.

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى
2013-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


2021-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2021-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2021-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 4-ئاينىڭ 6-كۈنى (سەيشەنبە) نورمال خىزمەت...

  • 2021/4/1
  • 2,374

ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللىرى ۋە Windows Phone ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلە...

شىركىتىمىز بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللىرىنى ۋە Windows Phone ئەپلىرىنى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يىل بېشىدا...

  • 2014/3/31
  • 4,050

XJCFAN ئۈندىدار سۇپىسى سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

بۈگۈن يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە XJCFAN ئۈندىدار سۇپىسى ئېلان قىلىندى. بۇ سۇپا «تېخنىكىلىق مۇلازىمەت سۇپىسى» ۋە «ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى» دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. «تېخن...

  • 2014/1/1
  • 2,737

iOS ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىغا تىزىملاش باشلاندى

شىركىتىمىز بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ iOS ئەپلىرىنى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يىل بېشىدا بەزى تۈرلەرنى پىلانغا ئالدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ...

  • 2014/7/25
  • 4,609

گۇرۇپپىمىز «تارىم» ژۇرنىلى تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ بۇرۇن نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى ئانا ژۇرنال «تارىم» ژۇرنىلى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سە...

  • 2011/6/13
  • 2,196

2017-يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2017-يىللىق روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2017-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 6-ئاينىڭ 29-كۈنى (پەيشەنبە) خىزمەتكە چۈشىدۇ.

  • 2017/6/19
  • 1,716

كېرىيە ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تام...

بۈگۈن شىركىتىمىز كېرىيە ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  • 2013/4/5
  • 2,227

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى

بۈگۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تارقىتىش ۋاسىتىسىنىڭ بىرى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى. ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئاساسلىقى تېخن...

  • 2011/4/12
  • 2,053

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى

شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى ۋە تور بېكىتى قۇرۇلغىلى بۈگۈن نەق ئىككى يىل بولدى. بۇ جەرياندا ئوخشاش مەقسەت ۋە ئارزۇ-ئارمانغا تويۇنغان تور بېكەت ۋە شەخسلەر ئۇ...

  • 2012/2/13
  • 2,442

ژۇرنال خادىملىرىنىڭ 2013-يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ژۇرنال خادىملىرى (2013-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە) ئالتە كۈن دەم ئالىدۇ. 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى (يەك...

  • 2013/9/27
  • 2,506
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.