يۇلتۇزسوفت 6 ياشقا كىردى، بۇ 6 يىل يۇلتۇزسوفتنىڭ نەتىجىلىك 6 يىلى بولدى

يۇلتۇزسوفت، 6 يېشىڭغا مۇبارەك!

12 يىل ئىلگىرى XJCFAN گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان چاغدا، مەيلى گۇرۇپپا قۇرغۇچىلىرى بولسۇن، مەيلى گۇرۇپپا خادىملىرى بولسۇن، مەيلى كېيىنكى XJCFAN شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولسۇن، ھېچقايسىمىز XJCFAN دىن 6 يىل كېيىن «يۇلتۇزسوفت» نامىدا شىركەت قۇرۇلىدىغانلىقىنى، يۈكسىلىپ ئۆزىدىن ئىلگىرى قۇرۇلغان XJCFAN گۇرۇپپىسى ۋە شىركىتىنى بالا شىركەت قىلىۋالىدىغانلىقىنى پىلان تۈگۈل، خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمىگەن.

لېكىن، رېئاللىق شۇنداق بولدى، پەلەكنىڭ چاقى چۆرگۈلەپ، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىگە كەلگەندە يۇلتۇزسوفت دۇنياغا كەلدى. ئارىدىن 3 ئاي ئۆتۈپ (2016-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى)، يۇلتۇزسوفت XJCFAN نى رەسمىي ھالدا بالا شىركەت قىلىپ قوشۇۋالدى.

بۇ رېئاللىق بەزى ئىشلارنى يادىمىزغا سالدى، دۇنياغا داڭلىق Google شىركىتى 1998-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى قۇرۇلۇپ، تەرەققىياتى يۈكسەك بىر پەللىگە يەتكەندە (2015-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى) Alphabet شىركىتى تەشكىللەنگەن، Google شىركىتى Alphabet نىڭ بالا شىركىتى قىلىپ بېكىتىلگەنىدى.

ۋەقەلىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىككى كىنونى كۆرگەندەك بولدىڭىز ھە!؟ لېكىن بۇ كىنو ئەمەس، رېئال ۋەقە.

شۇنداق، مۆجىزە دائىم غەربتىلا يۈز بەرمەيدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، يېڭى يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى، سېھىرلىك، گۈزەل ماكان شىنجاڭدىمۇ يۈز بېرىدۇ…

خوش، يۇلتۇزسوفتنى چۈشىنىپ باقامدۇق؟

يۇلتۇزسوفت – تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، ج خ، قاتناش، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى.

يۇلتۇزسوفت ئاساسلىقى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار / بۇلۇت / چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسى تەتقىقاتى، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش / سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما / مەھسۇلات ئىشلەش، IT تۈرلىرىنى پىلانلاش / مەھسۇلاتلاشتۇرۇش، ئىنتېرنېتقا يۈزلەنگەن كۆپ تىللىق سۇپا / يۇمشاق دېتال / تور بېكەت / ئەپ / ئۈندىدار ئەپچىسى / سالونلارنى ئېچىش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش، ئىدارە-ئورگان، شىركەت-كارخانىلار ئۈچۈن بىر گەۋدىلەشكەن ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈش ۋە يۈرگۈزۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقاتى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىكى، IT مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى، IT تېخنىكىلىرىدىن، تۈرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

سۆزلەپ كەلسەك گەپ تولا، ۋاقتىڭىزنى ئالمايلى، ھازىرچە يۇلتۇزسوفتنىڭ 5 ياشلىق خاتىرە كۈنىگە، خۇشاللىقىغا جور بولغاچ تۇرۇڭ، ۋاقتىڭىز يەتكەندە يۇلتۇزسوفتنى تولۇق ئارىلاپ چىقارسىز، چۈشەنچىڭىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشار…

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


2015-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2015-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2015-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 4-كۈنى (دۈشەنبە) ...

  • 2015/4/28
  • 3,682

2012-يىلى چاغانلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2012-يىللىق چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2012-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە) سەككىز كۈن دەم ئالىدۇ. 1-ئاينىڭ 30-كۈنى (دۈشەنبە) خىزمەتكە...

  • 2012/1/20
  • 2,512

«IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدىكى لېكسىيەنىڭ تولۇق تېكىستى

«IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدىكى لېكسىيەنىڭ تولۇق تېكىستى لېكسىيە سۆزلىگۈچى: ئەمەتجان رۇسۇل (كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش پىرو...

  • 2014/5/4
  • 4,147

مۇبارەك XJCFAN، قۇتلۇق 10 يېشىڭغا مۇبارەك!

مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈنلەردە شۇنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتۇق: ئەينى چاغدا XJCFAN گۇرۇپپىسىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ، كېيىنكى شىركەتكە ئاساس سالغان ئەمەتجان (قىسمەت)، ياسىنجان ...

  • 2021/12/12
  • 23,926

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى كەسىپ ئېھتىياجىدىن بىر نەپەر تور مۇلازىمەتچىسى (كاتىپ) قوبۇل قىلىدۇ. خىزمەت دائىرىسى: شىركەت قارمىقىدىكى IDC تور مۇلازىمەت سۇپىسى...

  • 2011/12/18
  • 3,821

2016-يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2016-يىللىق دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2016-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە) توققۇز كۈن دەم ئالىدۇ. 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى (دۈشەنبە)...

  • 2016/9/29
  • 2,543

ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى

بۈگۈن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ تارقىتىش ۋاسىتىسى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى. ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئاساسلىقى تېخنىكىلىق قوللا...

  • 2011/12/18
  • 3,251

كۇرسانتلارنىڭ 2014-يىللىق دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى دۈەنۋۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كۇرسانتلار (2014-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، يەكشەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى (دۈشەنبە) نورمال دەرس ئوقۇيدۇ....

  • 2014/5/29
  • 3,396

2021-يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2021-يىللىق دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2021-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ.

  • 2021/9/29
  • 36,199
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.