يۇلتۇزسوفت 5 ياشقا كىردى، بۇ 5 يىل يۇلتۇزسوفتنىڭ نەتىجىلىك 5 يىلى بولدى

يۇلتۇزسوفت، 5 يېشىڭغا مۇبارەك!

11 يىل ئىلگىرى XJCFAN گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان چاغدا، مەيلى گۇرۇپپا قۇرغۇچىلىرى بولسۇن، مەيلى گۇرۇپپا خادىملىرى بولسۇن، مەيلى كېيىنكى XJCFAN شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولسۇن، ھېچقايسىمىز XJCFAN دىن 6 يىل كېيىن «يۇلتۇزسوفت» نامىدا شىركەت قۇرۇلىدىغانلىقىنى، يۈكسىلىپ ئۆزىدىن ئىلگىرى قۇرۇلغان XJCFAN گۇرۇپپىسى ۋە شىركىتىنى بالا شىركەت قىلىۋالىدىغانلىقىنى پىلان تۈگۈل، خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمىگەن.

لېكىن، رېئاللىق شۇنداق بولدى، پەلەكنىڭ چاقى چۆرگۈلەپ، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىگە كەلگەندە يۇلتۇزسوفت دۇنياغا كەلدى. ئارىدىن 3 ئاي ئۆتۈپ (2016-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى)، يۇلتۇزسوفت XJCFAN نى رەسمىي ھالدا بالا شىركەت قىلىپ قوشۇۋالدى.

بۇ رېئاللىق بەزى ئىشلارنى يادىمىزغا سالدى، دۇنياغا داڭلىق Google شىركىتى 1998-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى قۇرۇلۇپ، تەرەققىياتى يۈكسەك بىر پەللىگە يەتكەندە (2015-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى) Alphabet شىركىتى تەشكىللەنگەن، Google شىركىتى Alphabet نىڭ بالا شىركىتى قىلىپ بېكىتىلگەنىدى.

ۋەقەلىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىككى كىنونى كۆرگەندەك بولدىڭىز ھە!؟ لېكىن بۇ كىنو ئەمەس، رېئال ۋەقە.

شۇنداق، مۆجىزە دائىم غەربتىلا يۈز بەرمەيدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، يېڭى يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى، سېھىرلىك، گۈزەل ماكان شىنجاڭدىمۇ يۈز بېرىدۇ…

خوش، يۇلتۇزسوفتنى چۈشىنىپ باقامدۇق؟

يۇلتۇزسوفت – تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، ج خ، قاتناش، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى.

يۇلتۇزسوفت ئاساسلىقى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار / بۇلۇت / چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسى تەتقىقاتى، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش / سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما / مەھسۇلات ئىشلەش، IT تۈرلىرىنى پىلانلاش / مەھسۇلاتلاشتۇرۇش، ئىنتېرنېتقا يۈزلەنگەن كۆپ تىللىق سۇپا / يۇمشاق دېتال / تور بېكەت / ئەپ / ئۈندىدار ئەپچىسى / سالونلارنى ئېچىش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش، ئىدارە-ئورگان، شىركەت-كارخانىلار ئۈچۈن بىر گەۋدىلەشكەن ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈش ۋە يۈرگۈزۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقاتى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىكى، IT مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى، IT تېخنىكىلىرىدىن، تۈرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

سۆزلەپ كەلسەك گەپ تولا، ۋاقتىڭىزنى ئالمايلى، ھازىرچە يۇلتۇزسوفتنىڭ 5 ياشلىق خاتىرە كۈنىگە، خۇشاللىقىغا جور بولغاچ تۇرۇڭ، ۋاقتىڭىز يەتكەندە يۇلتۇزسوفتنى تولۇق ئارىلاپ چىقارسىز، چۈشەنچىڭىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشار…

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ 2014-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2014-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، شەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى (دۈشەنبە) نورمال خىزمەت...

  • 2014/4/4
  • 2,976

شىركىتىمىزنىڭ يېڭى ماركىسى (LOGO) ئېلان قىلىندى

ئۈستىدىكى ماركىنى 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى گۇرۇپپىمىز قۇرۇلغاندا لايىھەلىگەن بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. بۇ ماركا شۇ ۋاقىتتىكى ھەمكارلىقنى ئاساس ...

  • 2012/4/17
  • 4,252

2014-يىلى روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2014-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى (جۈمە) نورمال خىزمە...

  • 2014/7/22
  • 3,228

2018-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى (چارشەنبە...

  • 2018/4/26
  • 2,064

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 3-سان

مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1 ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2

  • 2012/6/13
  • 5,687

2019-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 2018-يىلى 1-ئاينى...

  • 2018/12/28
  • 22,546

2019-يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 8-ئاينىڭ 14-كۈنى (چارشەنبە) خىزمەتكە چۈشىدۇ.

  • 2019/8/5
  • 46,778

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى

شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى ۋە تور بېكىتى قۇرۇلغىلى ئىككى يىل بولاي دېگەن مۇشۇ دەقىقىدە، بىزدە يەنە بىر يېڭىلىق بولدى. يىللاردىن بۇيان، بىر نەچچە كومپيۇتېر...

  • 2011/12/12
  • 3,524

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 6-سان

   مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى      مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى      مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى      مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى     ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1     ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2

  • 2011/12/22
  • 3,116

رايونىمىزدىكى تۇنجى قوش تىللىق IDC تور مۇلازىمەت سۇپىسى ئېلان قىلىندى

2010-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى IDC تور مۇلازىمەت سۇپىسى (www.uydata.com) ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. بۈگۈن بۇ سۇپىنىڭ يېڭى نەشرى – ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى ۋە بىردىنبىر ق...

  • 2011/10/15
  • 3,217
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.