يۇلتۇزسوفت يېڭى ئىشخانا رايونىغا كۆچتى

2011-يىلى 12-ئايدا، شىركىتىمىزنىڭ ئاساسى بولغان XJCFAN قۇرۇلغان چاغدا، ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا بازىسى 3-قەۋەت 37-ئىشخانىنى خىزمەت ئورنى قىلغان بولۇپ، ئارىدا خىزمەتلىرىمىزنىڭ كۆلەملىشىشى ۋە خادىملار قوشۇنىمىزنىڭ زورىيىشى بىلەن بۇ ئىشخانا كىچىكلىك قىلىپ، 2015-يىلى 2-ئايدا، ئەسلىدىكىنىڭ بىر ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان 30-، 31-ئىشخانىغا كۆچكەن ئىدى.

ئارىدىن يەنە 5 يىل ئۆتتى. بۇ بەش يىل جەريانىدا، XJCFAN تېخىمۇ زورىيىپ Yultuzsoft قا ئايلاندى؛ تالاي تەتقىقاتلار بولدى، نۇرغۇن كەسپىي نەتىجىلەر روياپقا چىقتى.

پەلەكنىڭ چارقى چۆرگىلەپ، 2020-يىلى يازغا كەلگەندە، شىركىتىمىز كونا ھەمكارلاشقۇچىسى شىنجاڭ ئەلكىن يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلاشتى. ئەلكىن شىركىتىنىڭ زور كۈچ چىقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان بۇ ھەمكارلىق نەتىجىسىدە، ئىككى شىركەت قول تۇتۇشۇپ، شىنجاڭنىڭ، تېخىمۇ توغرىسى دۆلىتىمىزنىڭ IT سەھنىسىدە يېڭىچە سىياقتا جۇلالىنىشنى پىلانلىدى.

* قىستۇرما: «شىنجاڭ ئەلكىن يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» 2004-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، رايونىمىز ئىچى-سىرتىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە كەسىپلەشكەن، مۇنتىزىم يۇمشاق دېتال ئېچىش، كومپيۇتېر ئۇچۇر تورى، يۇمشاق- قاتتىق دېتال سىستېمىلىرىنى توپلاشتۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار ۋە پەن-تەتقىقات تۈرلىرىنى كېڭەيتىش، قوللىنىشچان، كۆلەملەشكەن سىستېما لايىھەلەش، تور قۇرۇلما ۋە سەپلىمىلىرىنى پىلانلاش، سىناش، ئېچىش، يۈرۈشتۈرۈش، تېخنىكىلىق تەربىيەلەش … قاتارلىق بىر گەۋدىلەشكەن يۇقىرى پەن- تېخنىكلىق ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىكى ئۈلگىلىك كەسپىي كارخانا.

شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە، ئىشخانا مۇھىتىنى تېخىمۇ ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئىككى شىركەت ھەمكارلىقى بىلەن يېڭى ئىشخانىنى تەييارلاش ئىشىغا كىرىشتۇق. مانا بۈگۈن ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (乌鲁木齐市经济技术开发区) غا جايلاشقان شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسى (新疆软件园) دا، 300 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى يېڭى ئىشخانىنى تەييارلاش، زىننەتلەش، ئۈسكۈنە تولۇقلاش، خادىم كۆپەيتىش قاتارلىق ئىشلار تامام بولۇپ، يېڭى ئىشخانىدا ئىش باشلاندى.

نۆۋەتتە، شىركىتىمىز 300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان زامانىۋىي، تىنچ، ئازادە، ئۆلچەملىك ئىشخانا مۇھىتىغا، يۇلتۇز دەرىجىلىك 7 يۈرۈش خادىملار ياتىقىغا ئىگە. شىركىتىمىز شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسىدىكى ساناقلىق مىللىي كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنىڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قوللاش سىياسەتلىرىدىن، ئىككى شىركەت ھەمكارلىقىدىكى تېخنىكا ئەۋزەللىكلىرىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىپ، قابىل باشقۇرغۇچىلارنىڭ، كەسپىي پىروگراممېرلىرىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، تېخىمۇ ئېسىل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگۈسىمىز.

يېڭى ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شىمالىي قاناس كۆلى يولى 455-نومۇر شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسى A بىنا 6-قەۋەت 6004/6003-ئىشخانا

شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك چەكلىك شىركىتى
2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


2019-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ. 2-ئاينىڭ 11-كۈنى (دۈشەنبە) خىزمەتكە چ...

  • 2019/2/1
  • 25,084

شىركەت تور بېكىتىنىڭ 2-نەشرى ئېلان قىلىندى

2012-يىلىنىڭ بېشىدا شىركىتىمىز تور بېكىتىنىڭ 1-نەشرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. 1-نەشردىكى تور بېكەت سىستېمىسى تاكى بۈگۈنگە قەدەر شىركىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن يۈزى سۈپى...

  • 2013/9/12
  • 2,556

2015-يىلى يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2015-يىلى يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-كۈنىگىچە) ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى (يەكشەنبە) ن...

  • 2014/12/30
  • 2,340

گۇرۇپپىمىز «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى

دۆلەت ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئاشكارا نەشىر قىلىنىدىغان، كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت بىردىنبىر ژۇرنال «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 14 نەچچە يىلدىن ...

  • 2011/3/18
  • 2,118

«مۇساباي» ئىقتىساد تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى

بۈگۈن شىركىتىمىز «مۇساباي» ئىقتىساد تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  • 2013/5/22
  • 2,460

2019-يىللىق روزا ھېيت ۋە دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق روزا ھېيت ۋە دۈەنۋۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە) بەش كۈن دەم ئالىدۇ. 6-ئاينىڭ 10-كۈنى (دۈشەنبە) ...

  • 2019/5/30
  • 43,728

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى

شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى ۋە تور بېكىتى قۇرۇلغىلى ئىككى يىل بولاي دېگەن مۇشۇ دەقىقىدە، بىزدە يەنە بىر يېڭىلىق بولدى. يىللاردىن بۇيان، بىر نەچچە كومپيۇتېر...

  • 2011/12/12
  • 2,550

2016-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2016-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2016-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 4-كۈنى (چارشەنبە)...

  • 2016/4/26
  • 967

ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللىرى ۋە Windows Phone ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلە...

شىركىتىمىز بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللىرىنى ۋە Windows Phone ئەپلىرىنى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يىل بېشىدا...

  • 2014/3/31
  • 4,029

شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ 2014-يىلى چاغانلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىللىق چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2014-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى جۈمەدىن 2-ئاينىڭ 6-كۈنى پەيشەنبىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈ...

  • 2014/1/24
  • 2,107
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554813

0991 - 8554814

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.