يۇلتۇزسوفت 4 ياشقا كىردى، بۇ 4 يىل يۇلتۇزسوفتنىڭ نەتىجىلىك 4 يىلى بولدى

يۇلتۇزسوفت، 4 يېشىڭغا مۇبارەك!

10 يىل ئىلگىرى XJCFAN گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان چاغدا، مەيلى گۇرۇپپا قۇرغۇچىلىرى بولسۇن، مەيلى گۇرۇپپا خادىملىرى بولسۇن، مەيلى كېيىنكى XJCFAN شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولسۇن، ھېچقايسىمىز XJCFAN دىن 6 يىل كېيىن «يۇلتۇزسوفت» نامىدا شىركەت قۇرۇلىدىغانلىقىنى، يۈكسىلىپ ئۆزىدىن ئىلگىرى قۇرۇلغان XJCFAN گۇرۇپپىسى ۋە شىركىتىنى بالا شىركەت قىلىۋالىدىغانلىقىنى پىلان تۈگۈل، خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمىگەن.

لېكىن، رېئاللىق شۇنداق بولدى، پەلەكنىڭ چاقى چۆرگۈلەپ، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىگە كەلگەندە يۇلتۇزسوفت دۇنياغا كەلدى. ئارىدىن 3 ئاي ئۆتۈپ (2016-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى)، يۇلتۇزسوفت XJCFAN نى رەسمىي ھالدا بالا شىركەت قىلىپ قوشۇۋالدى.

بۇ رېئاللىق بەزى ئىشلارنى يادىمىزغا سالدى، دۇنياغا داڭلىق Google شىركىتى 1998-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى قۇرۇلۇپ، تەرەققىياتى يۈكسەك بىر پەللىگە يەتكەندە (2015-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى) Alphabet شىركىتى تەشكىللەنگەن، Google شىركىتى Alphabet نىڭ بالا شىركىتى قىلىپ بېكىتىلگەنىدى.

ۋەقەلىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىككى كىنونى كۆرگەندەك بولدىڭىز ھە!؟ لېكىن بۇ كىنو ئەمەس، رېئال ۋەقە.

شۇنداق، مۆجىزە دائىم غەربتىلا يۈز بەرمەيدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، يېڭى يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى، سېھىرلىك، گۈزەل ماكان شىنجاڭدىمۇ يۈز بېرىدۇ…

خوش، يۇلتۇزسوفتنى چۈشىنىپ باقامدۇق؟

يۇلتۇزسوفت – تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، ج خ، قاتناش، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى.

يۇلتۇزسوفت ئاساسلىقى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار / بۇلۇت / چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسى تەتقىقاتى، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش / سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما / مەھسۇلات ئىشلەش، IT تۈرلىرىنى پىلانلاش / مەھسۇلاتلاشتۇرۇش، ئىنتېرنېتقا يۈزلەنگەن كۆپ تىللىق سۇپا / يۇمشاق دېتال / تور بېكەت / ئەپ / ئۈندىدار ئەپچىسى / سالونلارنى ئېچىش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش، ئىدارە-ئورگان، شىركەت-كارخانىلار ئۈچۈن بىر گەۋدىلەشكەن ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈش ۋە يۈرگۈزۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقاتى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىكى، IT مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى، IT تېخنىكىلىرىدىن، تۈرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

سۆزلەپ كەلسەك گەپ تولا، ۋاقتىڭىزنى ئالمايلى، ھازىرچە يۇلتۇزسوفتنىڭ 4 ياشلىق خاتىرە كۈنىگە، خۇشاللىقىغا جور بولغاچ تۇرۇڭ، ۋاقتىڭىز يەتكەندە يۇلتۇزسوفتنى تولۇق ئارىلاپ چىقارسىز، چۈشەنچىڭىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشار…

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


«10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» تەشكىللەش ھوقۇقى ئۆتكۈزۈۋېلىندى

Blog دىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ھەش–پەش دېگۈچە ئۇيغۇر بلوگگېر (Blogger، بلوگ نەشىر قىلغۇچى، بلوگ...

  • 2012/3/12
  • 2,539

شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى ۋە تور بېكىتى قۇرۇلدى

كونىلاردا «بىرلىك بولماي، تىرىكلىك بولماس» دېگەن ھېكمەت بولىدىغان. بىزمۇ ھەم ئەنە شۇ ھېكمەتلەرنىڭ ئەقىدىچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەمكارلاشماق، بىرلەشمەك بولدۇق. ئاقى...

  • 2010/2/16
  • 2,531

2019-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ. 2-ئاينىڭ 11-كۈنى (دۈشەنبە) خىزمەتكە چ...

  • 2019/2/1
  • 24,418

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 5-سان

مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1 ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2

  • 2012/10/25
  • 1,375

2019-يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 8-ئاينىڭ 14-كۈنى (چارشەنبە) خىزمەتكە چۈشىدۇ.

  • 2019/8/5
  • 32,079

شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ 2013-يىلى چاغانلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىلى چاغان مەزگىلىدە شىركەت بىناسى ئۈچ كۈن تاقىلىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2013-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن...

  • 2013/2/5
  • 2,304

Android سىنىپىدا قايتا دەرس باشلىنىدۇ

Android ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىدا قايتا دەرس باشلىنىدۇ «Android ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىلىدۇ» ناملىق تېمىمىزدا دېيىلگەندەك، بۇ سىنى...

  • 2014/7/26
  • 2,607

XJCFAN شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىدە

ئىنتېرنېت مىسىلسىز تەرەققىياتلارغا ئېرىشىۋاتقان، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ھەرساھە ئىنتېرنېتتىن ئۆزىگە يېتەرلىك ئورۇن ئىزدەۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە (2011–يىلى 1–ئاينىڭ...

  • 2011/1/12
  • 1,952

شىركىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىغا ئاتالغان پائالىيەت

ئەتە (2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى) شىركىتىمىزنىڭ بىر ياشقا كىرگەن قۇتلۇق كۈنى. شىركىتىمىز بۇ قۇتلۇق كۈنگە ئاتاپ چوڭراق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچى ئىدى. لېكىن، يىل ئاخىر...

  • 2012/12/11
  • 2,511

2013-يىللىق «دۈەنۋۇ چاغىنى»لىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىللىق دۈەنۋۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2013-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، دۈشەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى (سەيشەنبە) نورمال...

  • 2013/6/10
  • 2,084
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554813

0991 - 8554814

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.