مۇبارەك XJCFAN، قۇتلۇق 8 يېشىڭغا مۇبارەك!

مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈنلەردە شۇنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتۇق: ئەينى چاغدا XJCFAN گۇرۇپپىسىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ، كېيىنكى شىركەتكە ئاساس سالغان ئەمەتجان (قىسمەت)، ياسىنجان (نوكىيافۇن)، ئەسقەرجان (تەدبىركار)، ئابدۇرېھىمجان (ئەرمىش) قاتارلىق ئاساسچىلارغا، XJCFAN نىڭ شىركەت بولۇپ تەشكىللىنىشىگە كۈچ چىقارغان ئەمەتجان، شىرئەلى، ئابدۇغېنى قاتارلىق ھەمكارلاشقۇچىلارغا، بۈگۈنگە قەدەر XJCFAN ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان بارلىق خادىملارغا، بىزنى يېقىندىن قوللىغان ھەر ساھەدىكى دوست-بۇرادەرلەرگە يۈرىكىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز!

شۇنداق، XJCFAN شىركىتى 8 ياشقا كىردى. بۇ 8 يىل جەريانىدا XJCFAN نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردى، بوۋاقتىن بالىغا، بالىدىن يىگىتكە ئايلاندى. قىسقىسى، پىشىپ يېتىلدى.

شۇنداق، XJCFAN شىركىتى 8 ياشقا كىردى. XJCFAN ئەزىمەتلىرى بۇ 8 يىل جەريانىدا XJCFAN ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتىڭلار، تۆھپە قوشتۇڭلار. سىلەرنىڭ مېھنىتىڭلار بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى XJCFAN ۋە Yultuzsoft بولماس ئىدى.

رەھمەت، XJCFAN ئەزىمەتلىرى! XJCFAN ئېرىشكەن ۋە ئېرىشمەكچى بولغان مۇۋەپپەقىيەتلەر سىلەرگە مەنسۇپ!

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


2017-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2017-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە) سەككىز كۈن دەم ئالىدۇ. 2017-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • 2017/9/26
  • 2,734

يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى تور بېكىتى قۇرۇل...

بۈگۈن شىركىتىمىز يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى تور بېكەت قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  • 2013/5/4
  • 3,427

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتېرنېت كەسپىي جەمئىيىتى قۇرۇلدى

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتېرنېت كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى. يۇلتۇ...

  • 2019/12/13
  • 66,351

شىركىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىغا ئاتالغان پائالىيەت

ئەتە (2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى) شىركىتىمىزنىڭ بىر ياشقا كىرگەن قۇتلۇق كۈنى. شىركىتىمىز بۇ قۇتلۇق كۈنگە ئاتاپ چوڭراق بىر پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچى ئىدى. لېكىن، يىل ئاخىر...

  • 2012/12/11
  • 4,118

يۇلتۇزسوفت ماركىسىنىڭ 2019-يىللىق نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

يۇلتۇزسوفت ماركىسى 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى لايىھەلەنگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان شىركىتىمىزنىڭ ئالاقىدار تېخنىكا، مەھسۇلات، مۇلازىمەت ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىدا بۇ ماركا ئى...

  • 2019/5/23
  • 30,380

ژۇرنال خادىملىرىنىڭ 2014-يىلى يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ژۇرنال خادىملىرى (2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، چارشەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى (پەيشەنبە) نورمال خىزم...

  • 2013/12/30
  • 3,188

شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ 2013-يىلى جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىلى جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2013-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، پەيشەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى (جۈمە) نورمال خىزم...

  • 2013/9/16
  • 3,181

2019-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 2018-يىلى 1-ئاينى...

  • 2018/12/28
  • 22,577

2020-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2020-يىللىق چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2020-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ. 1-ئاينىڭ 31-كۈنى (جۈمە) خىزمەتكە چۈشىدۇ.

  • 2020/1/20
  • 68,966

شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ 2014-يىلى چاغانلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىللىق چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2014-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى جۈمەدىن 2-ئاينىڭ 6-كۈنى پەيشەنبىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈ...

  • 2014/1/24
  • 3,093
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.