يۇلتۇزسوفت ماركىسىنىڭ 2019-يىللىق نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

يۇلتۇزسوفت ماركىسى 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى لايىھەلەنگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان شىركىتىمىزنىڭ ئالاقىدار تېخنىكا، مەھسۇلات، مۇلازىمەت ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىدا بۇ ماركا ئىشلىتىلىپ كەلگەن ئىدى.

يۇلتۇزسوفت ماركىسىنىڭ بەزى ئىنچىكە ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن 2019-يىللىق نۇسخىسى تۈنۈگۈن (2019-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى) پۈتۈپ چىقتى.

بۈگۈندىن باشلاپ، شىركىتىمىزنىڭ بارلىق تېخنىكا، مەھسۇلات، مۇلازىمەت ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىدا 2019-يىللىق نۇسخىدىكى يېڭى ماركا ئىشلىتىلىدۇ.

يۇلتۇزسوفت ماركىسىنىڭ 2019-يىللىق نۇسخىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىچە:

1. يېڭى ماركىدا يۇلتۇز شەكلى بىلەن y ھەرىپىنىڭ گېئومېتىرىيەلىك بىرىكىشى ئۆلچەملەشتۈرۈلدى.
1

2. يېڭى ماركىدا خەت نۇسخىسى تېخىمۇ يۇمىلاق ھەم زامانىۋىي قىلىندى.

2

3. يېڭى ماركىدا يۇلتۇز شەكلىنىڭ يېزىق ئۈستىدىكى سىزىق قىسمى y ھەرىپىنىڭ كەڭلىكىدە قىسقارتىلدى، ھەمدە تەدرىجىي رەڭ ئۆزگىرىش ئۈنۈمى قوشۇلۇپ، ئىستېرېئولۇقى ۋە قاتلاملىق ھېسسىياتى ئاشۇرۇلدى. بۇ ھەم ئۆز نۆۋىتىدە كەلگۈسى يۈزلىنىشنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

3

4. يېڭى ماركىنىڭ ئايكون ۋە باش سۈرەتكە ئىشلىتىلىدىغان نۇسخىلىرى گۈزەللەشتۈرۈلدى.

4

پۈتۈنلەي خەلقئارا ئۆلچەمگە بويسۇندۇرۇلغان، تېخنىكا تۈسى ۋە گۈزەللىككە تويۇنغان بۇ كونا-يېڭى ئىككى ماركىنى شىركىتىمىزنىڭ سابىق لايىھەلىگۈچىسى، ئىتالىيە فلورىنسىيە خەلقئارا لايىھە ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى، مول تەجرىبىلىك كەسپىي گىرافىك لايىھەلىگۈچى ئابلىمىت ئابلەت (گىگانت) لايىھەلىدى. بۇ يەردە، ئابلىمىت ئابلەتكە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز!

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


شىركىتىمىز UI لايىھەلىگۈچى قوبۇل قىلىدۇ

نۆۋەتتە ئېچىۋاتقان تۈرلەر ۋە كېيىنكى زۆرۈر خىزمەتلەر ئۈچۈن، شىركىتىمىز UI لايىھەلىگۈچى قوبۇل قىلىدۇ. 1. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان UI لايىھەلىگۈچى: 2 نەپەر 2. ئىشتىن سىرت ئى...

  • 2014/3/21
  • 1,877

2014-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى (شىركىتىمىز خ...

2014-يىللىق قۇربان ھېيت ۋە دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2014-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە) 11 كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 10-ئا...

  • 2014/9/10
  • 2,185

2019-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 2018-يىلى 1-ئاينى...

  • 2018/12/28
  • 19,695

شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى ۋە تور بېكىتى قۇرۇلدى

كونىلاردا «بىرلىك بولماي، تىرىكلىك بولماس» دېگەن ھېكمەت بولىدىغان. بىزمۇ ھەم ئەنە شۇ ھېكمەتلەرنىڭ ئەقىدىچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەمكارلاشماق، بىرلەشمەك بولدۇق. ئاقى...

  • 2010/2/16
  • 2,415

شىركىتىمىز IDC تېخنىكى قوبۇل قىلىدۇ

شىركىتىمىزنىڭ IDC تور مۇلازىمىتى سۇپىسى http://www.uydata.com تۆت يىل ئىلگىرى (2010-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى) ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. بۇ تۆت يىل جەريانىدا مۇلازىمىتىمىزنى قوبۇ...

  • 2014/9/25
  • 2,280

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى خادىم قوبۇل قىلىدۇ

دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى – «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى ئىقتىساسلىق خادىم كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خادىم قوبۇل قىلىدۇ. ئالدىنقى ھەپتە...

  • 2013/3/18
  • 2,081

يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى تور بېكىتى قۇرۇل...

بۈگۈن شىركىتىمىز يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى تور بېكەت قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  • 2013/5/4
  • 1,615

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 5-سان

مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1 ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2

  • 2012/10/25
  • 1,292

2019-يىللىق جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 9-ئاينىڭ 16-كۈنى (دۈشەنبە) خىزمەتكە چۈ...

  • 2019/9/8
  • 9,503

2-تۈركۈمدىكى بازار ئېچىش خادىملىرى ئىشقا چۈشتى

8-ئايدا شىركىتىمىز بازار كېڭەيتىش ئېھتىياجىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلەردىن «بازار ئېچىش خادىمى» قوبۇل قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ ...

  • 2013/9/16
  • 1,725
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554813

0991 - 8554814

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك ياكى ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش پۇرسىتىنى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر تور، يۇمشاق دېتال مۇھىتى بەرپا قىلىش، يەنە شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش – يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.