مۇلازىمەت تېلېفونى:
0991 - 8554813
0991 - 8554814
تور بېكەت نامى: خەلق تورى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى
پىروگرامما تىلى: PHP+MySQL
تور بېكەت تىلى: ئۇيغۇرچە
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى
يانفون بېتى: بار
تور ئادرېسى: http://uyghur.people.cn
شىركىتىمىزنىڭ پەخىرلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى بولغان خەلق تورى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى (2019-يىللىق نۇسخىسى) بۈگۈن (2019-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى) رەسمىي ئېلان قىلىندى. خەلق تورى 1997-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى 10 چوڭ گېزىتنىڭ بىرى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ خەۋەرنى ئاساس قىلغان توردىكى چوڭ تىپتىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور تاراتقۇسىنىڭ بىرى. خەلق تورى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق باشلامچى تور بېكىتى بىلەن سۈپىتى بىلەن، «نوپۇزلۇق بولۇش، ئەمەلىي كۈچى بولۇش، خەلقنى مەنبە قىلىش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «نوپۇزلۇق بولۇش، ئاممىۋىلاشقان بولۇش، ئاممىۋى ئىشەنچلىك بولۇش» نى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، «كۆپ تىللىق بولۇش، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇش، يەر شارىلاشقان بولۇش، ھەممە جاينى قاپلىغان بولۇش» نى نىشان قىلىپ، «دۇنيانى خەۋەر قىلىش، جۇڭگونى تەشۋىق قىلىش» ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ كەلدى.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.