يۇلتۇزسوفت 3 ياشقا كىردى، بۇ 3 يىل يۇلتۇزسوفتنىڭ نەتىجىلىك 3 يىلى بولدى

يۇلتۇزسوفت، 3 يېشىڭغا مۇبارەك!

9 يىل ئىلگىرى XJCFAN گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان چاغدا، مەيلى گۇرۇپپا قۇرغۇچىلىرى بولسۇن، مەيلى گۇرۇپپا خادىملىرى بولسۇن، مەيلى كېيىنكى XJCFAN شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولسۇن، ھېچقايسىمىز XJCFAN دىن 6 يىل كېيىن «يۇلتۇزسوفت» نامىدا شىركەت قۇرۇلىدىغانلىقىنى، يۈكسىلىپ ئۆزىدىن ئىلگىرى قۇرۇلغان XJCFAN گۇرۇپپىسى ۋە شىركىتىنى بالا شىركەت قىلىۋالىدىغانلىقىنى پىلان تۈگۈل، خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمىگەن.

لېكىن، رېئاللىق شۇنداق بولدى، پەلەكنىڭ چاقى چۆرگۈلەپ، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىگە كەلگەندە يۇلتۇزسوفت دۇنياغا كەلدى. ئارىدىن 3 ئاي ئۆتۈپ (2016-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى)، يۇلتۇزسوفت XJCFAN نى رەسمىي ھالدا بالا شىركەت قىلىپ قوشۇۋالدى.

بۇ رېئاللىق بەزى ئىشلارنى يادىمىزغا سالدى، دۇنياغا داڭلىق Google شىركىتى 1998-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى قۇرۇلۇپ، تەرەققىياتى يۈكسەك بىر پەللىگە يەتكەندە (2015-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى) Alphabet شىركىتى تەشكىللەنگەن، Google شىركىتى Alphabet نىڭ بالا شىركىتى قىلىپ بېكىتىلگەنىدى.

ۋەقەلىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىككى كىنونى كۆرگەندەك بولدىڭىز ھە!؟ لېكىن بۇ كىنو ئەمەس، رېئال ۋەقە.

شۇنداق، مۆجىزە دائىم غەربتىلا يۈز بەرمەيدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، يېڭى يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى، سېھىرلىك، گۈزەل ماكان شىنجاڭدىمۇ يۈز بېرىدۇ…

خوش، يۇلتۇزسوفتنى چۈشىنىپ باقامدۇق؟

يۇلتۇزسوفت تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەتنى بىر گەۋدە قىلغان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، خەۋەرلىشىش، ئەدلىيە، ج خ، قاتناش، سودا-سانائەت، پۇل-مۇئامىلە، خەلق ئىشلىرى، داۋالاش، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ چىقىرىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى.

يۇلتۇزسوفت ئاساسلىقى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار / بۇلۇت / چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسى تەتقىقاتى، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش / سۈرەت پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما / مەھسۇلات ئىشلەش،IT تۈرلىرىنى پىلانلاش / مەھسۇلاتلاشتۇرۇش، ئىنتېرنېتقا يۈزلەنگەن كۆپ تىللىق سۇپا / يۇمشاق دېتال / تور بېكەت / ئەپ / ئۈندىدار ئەپچىسى / سالونلارنى ئېچىش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش، ئىدارە-ئورگان، شىركەت-كارخانىلار ئۈچۈن بىر گەۋدىلەشكەن ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈش ۋە يۈرگۈزۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا تەتقىقاتى، IDC تور مۇلازىمىتى، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىكى، IT مەدەنىيىتى مۇلازىمىتى، IT تېخنىكىلىرىدىن، تۈرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش، رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى پىلانلاش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

سۆزلەپ كەلسەك گەپ تولا، ۋاقتىڭىزنى ئالمايلى، ھازىرچە يۇلتۇزسوفتنىڭ 3 ياشلىق خاتىرە كۈنىگە، خۇشاللىقىغا جور بولغاچ تۇرۇڭ، ۋاقتىڭىز يەتكەندە يۇلتۇزسوفتنى تولۇق ئارىلاپ چىقارسىز، چۈشەنچىڭىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشار…

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تارقىتىلدى

 DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى باش بېتى كۆرۈنۈشى    DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى باشقۇرۇش سۇپىسى كۆرۈنۈشى   تور بېكىتىمىز DedeCMS V5.5 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلەت...

  • 2010/7/17
  • 2,320

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى كەسىپ ئېھتىياجىدىن بىر نەپەر تور مۇلازىمەتچىسى (كاتىپ) قوبۇل قىلىدۇ. خىزمەت دائىرىسى: شىركەت قارمىقىدىكى IDC تور مۇلازىمەت سۇپىسى...

  • 2011/12/18
  • 2,303

XJCFAN ئۈندىدار سۇپىسى سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

بۈگۈن يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە XJCFAN ئۈندىدار سۇپىسى ئېلان قىلىندى. بۇ سۇپا «تېخنىكىلىق مۇلازىمەت سۇپىسى» ۋە «ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى» دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. «تېخن...

  • 2014/1/1
  • 2,335

Windows Phone ئۈچۈن پۈتۈك ئېلان قىلىندى

«پۈتۈك» پەقەت بىرلا مەقسەت – Windows Phone دا ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن. «پۈتۈك» ناملىق بۇ ئەپ Windows Phone نىڭ 8.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرىلىرى...

  • 2014/8/20
  • 2,663

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى QQ توپى قۇرۇلدى

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى خىزمەتلەرگە قۇلايلىق يارىتىش، ئاپتورلار قوشۇنى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە QQ توپى قۇردى. «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى ئاپتورلىرىن...

  • 2013/3/18
  • 2,281

«كۈلگىن تورى» قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى

بۈگۈن شىركىتىمىز «كۈلگىن تورى» قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  • 2012/2/20
  • 2,197

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 1-سان

مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1 ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2

  • 2013/2/22
  • 1,732

2018-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-يىللىق يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2017-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 2018-يىلى 1-ئاي...

  • 2017/12/24
  • 1,549

رايونىمىزدىكى تۇنجى قوش تىللىق IDC تور مۇلازىمەت سۇپىسى ئېلان قىلىندى

2010-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى IDC تور مۇلازىمەت سۇپىسى (www.uydata.com) ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. بۈگۈن بۇ سۇپىنىڭ يېڭى نەشرى – ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى ۋە بىردىنبىر ق...

  • 2011/10/15
  • 1,772

DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسى تارقىتىلدى

ئۇيغۇر-قازاق قېرىنداشلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالدىنقى نىشان قىلغان DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسى بۈگۈن قولدىن چىقتى. سىستېمىنى ئېلان قىلىشتىن ئاۋۋال DedeCMS V5.5 قازاقچە...

  • 2010/11/15
  • 2,120
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554813

0991 - 8554814

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.