شىركىتىمىزنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىغا ئائىت تىجارەت تۈرلىرى تەستىقلاندى

شىركىتىمىز تاكى 2018-يىلى كۈزگە قەدەر، IT ساھەسىدە ئۈن-تىنسىز تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، گەرچە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن بەزى توختاملارنى تۈزگەن، بەزى چوڭ تۈرلەرنى تاماملىغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى سالاھىيەت (资质) كىنىشكىلىرىگە بەك كۈچىمىگەن ئىدى.

2018-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، شىركىتىمىز بۇ خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، «يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقى كىنىشكىسى»، «تېلېگراف قوشۇلما قىممەت كەسىپلىرى تىجارەت ئىجازەتنامىسى»، «تور مەدەنىيىتى تىجارىتى ئىجازەتنامىسى»، «يۇمشاق دېتال مەھسۇلات گۇۋاھنامىسى»، «سىستېما توپلاشتۇرۇش كارخانىسى گۇۋاھنامىسى»، «يۇمشاق دېتال كارخانىسى گۇۋاھنامىسى» قاتارلىق سالاھىيەت كىنىشكىلىرىنى تولۇقلاپ بېجىرىش ھەققىدە ئىلتىماس سۇندى. بۇ ئىلتىماسلارنىڭ بەزىلىرى تەستىقلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلارنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، بەزىلىرى تەستىقلاندى، كىنىشكىلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئالدىدا تۈرىمىز .

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسىغا شىركىتىمىزنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى رەتلەش (بەزى تۈرلەرنى قوشۇش، بەزى تۈرلەرنى چىقىرىۋېتىش) ھەققىدە ئىلتىماس سۇنغان ئىدۇق.

ئىلتىماس سۇنغان تىجارەت دائىرىسى ئىچىدە رايونىمىزغا نىسبەتەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ھېسابلىنىدىغان «سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدار، چوڭ مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش، رەسىم پەرقلەندۈرۈش (人工智能、大数据、云计算、语音识别、图像识别)» قاتارلىق تۈرلەرمۇ بار ئىدى.

گەرچە، ئىلتىماسىمىزغا قوشۇپ بۇ تۈرلەرگە ئائىت قىلغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئىسپاتى، توختاملىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلارنىڭ ئەسلى ۋە كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى بىللە تەمىنلىگەن بولساقمۇ، بۇ تۈرلەر رايونىمىزغا نىسبەتەن تېخى يېڭى ھېسابلىنىدىغانلىقى، بۇ تۈرلەرنى تىجارەت دائىرىسىگە كىرگۈزگەن شىركەتلەر رايونىمىزدا يوقنىڭ ئورنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، «يېڭى تىجارەت دائىرىسى تەستىقلانماي قالارمۇ؟» دەيدىغان ئەندىشىمىزمۇ بار ئىدى.

بۈگۈن (2019-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى) شىركىتىمىزنىڭ يېڭى تىجارەت دائىرىسى ئىلتىماسىمىز بويىچە، بىر خەت ئۇيان-بۇيان بولماستىن، تولۇق تەستىقلاندى.

بۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ قوللاپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا، جۈملىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشىمىز.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


«IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدىكى لېكسىيەنىڭ تولۇق تېكىستى

«IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدىكى لېكسىيەنىڭ تولۇق تېكىستى لېكسىيە سۆزلىگۈچى: ئەمەتجان رۇسۇل (كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش پىرو...

  • 2014/5/4
  • 2,639

DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسى تارقىتىلدى

ئۇيغۇر-قازاق قېرىنداشلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالدىنقى نىشان قىلغان DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسى بۈگۈن قولدىن چىقتى. سىستېمىنى ئېلان قىلىشتىن ئاۋۋال DedeCMS V5.5 قازاقچە...

  • 2010/11/15
  • 2,277

2020-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2020-يىللىق يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 2020-يىلى 1-ئاي...

  • 2019/12/30
  • 57,456

2016-يىللىق قۇربان ھېيت ۋە جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2016-يىللىق قۇربان ھېيت ۋە جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2016-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە) توققۇز كۈن دەم ئالىدۇ. 9-ئاينىڭ 19-كۈنى (دۈ...

  • 2016/9/3
  • 1,276

ئىشخانا ئىجارە ئېلىش ئېلانى

ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى قۇرۇلغان، «سەمىمىيەت، بىرلىك ۋە ئىختىرالىق»نى شوئار قىلغان، تەتقىقات، ...

  • 2014/5/8
  • 2,284

2014-يىلى جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2014-يىلى 9-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنلىرى) نورمال دەم ئېلىش كۈنى بىلەن قوشۇپ ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 9-ئ...

  • 2014/8/29
  • 2,276

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 2-سان

مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1 ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2

  • 2012/4/20
  • 2,963

شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ 2013-يىلى يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىلى يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، سەيشەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى (چارشەنبە) نورمال ...

  • 2012/12/30
  • 1,443

5-تۈركۈمدىكى بازار ئېچىش خادىملىرى ئىشقا چۈشتى

2013-يىلى 8-ئايدا شىركىتىمىز بازار كېڭەيتىش ئېھتىياجىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلەردىن «بازار ئېچىش خادىمى» قوبۇل قىلىشنى باشلىغان ئىدى. ...

  • 2014/2/9
  • 1,911

ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كارخانىچى پوزىتسىيە بىلدۈردى: ئىناق ئەلدە ب...

شىركىتىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل يازغان «ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كارخانىچى پوزىتسىيە بىلدۈردى: ئىناق ئەلدە بەرىكەت بولىدۇ» ناملىق پوزىتسىيە ماقالىسى تۈنۈگۈن...

  • 2017/4/21
  • 1,366
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554813

0991 - 8554814

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.