ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى كەسپىي نۇسخىسى [ھەقلىق]

يۇمشاق دېتال نامى: ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى كەسپىي نۇسخىسى [ھەقلىق]

يۇمشاق دېتال تىلى: ئۇيغۇرچە

يۇمشاق دېتال تۈرى: قوراللار

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

ئەسلى باھاسى: 1800-2800 يۈەن

ھازىرقى باھاسى: 1200 يۈەن

سىغىمى: xx MB

چۈشۈرۈش ئادرېسى: بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ  كومپيۇتېردا چۈشۈرۈڭ

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، يەككە سۆزلەردىكى بىر ياكى بىر نەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە تاپالايدۇ ھەمدە ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىملادا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك ئوڭشاپ بېرەلەيدۇ. سۆزلۈك ئامبىرى پېشقەدەم مەسئۇلىيەتچان كوررېكتورلارنىڭ تەكرار تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتا تەييارلانغاندىن سىرت يەنە نۇرغۇن يېڭى كەسپىي ئاتالغۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشى كىرگۈزۈلدى.

0

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى ۋە شىركىتىمىز خادىملىرى ئىشلىتىۋاتقان بىر نەچچە دانە ئېشىنچە «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالى» كەسپىي نۇسخىسى سېتىلىدۇ.

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالى» نىڭ تەپسىلاتىنى ئۇيغۇرسوفت ئورگان تورىدىن كۆرۈڭ:

http://www.uighursoft.com/ug-CN/products/uspell.html

 

كوررېكتورنىڭ بىز سېتىۋالغان چاغدىكى ئەسلى باھاسى ۋە ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىدەك:

1

 

كوررېكتورنىڭ ھازىرقى باھاسى ۋە ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىدەك (ھازىرقى كوررېكتورنىڭ سۆزلۈك مىقدارى، باھاسى ۋە تۈرگە ئايرىلىشىدا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولغان):

2

بۇ يۇمشاق دېتالنى ئالىم ئەھەت مۇئەللىم بىزگە ئېتىبار باھادا تەمىنلىگەن. شۇڭا بىزمۇ ئېتىبار باھادا قولدىن چىقىرىمىز.

سېتىۋالغۇچىلار ئۈرۈمچى شەھىرىدە بولسا، بىۋاسىتە ئىشخانىمىزغا كېلىپ ئېلىۋالسا بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدە بولمىسا، مال توشۇش ئورۇنلىرى ئارقىلىق سېلىپ بېرىلىدۇ.

ئىدارە-ئورۇن، شىركەت نامىدا سېتىۋالغۇچىلارغا «شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتى» نامىدا بىر تۇتاش باج تالونى كېسىلىدۇ.

ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا بازىسى 3-قەۋەت 30/31-ئىشخانا

ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 8554814 / 8554813-0991

 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554813

0991 - 8554814

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك ياكى ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش پۇرسىتىنى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر تور، يۇمشاق دېتال مۇھىتى بەرپا قىلىش، يەنە شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش – يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.