مۇلازىمەت تېلېفونى:
0991 - 8554814
0991 - 8554813
تور بېكەت نامى: ئەلداۋا ساغلاملىق سۇپىسى 3-نەشرى
پىروگرامما تىلى: PHP+MySQL
تور بېكەت تىلى: ئۇيغۇرچە
ئەلداۋا ساغلاملىق سۇپىسى - ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 2011-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، مەخسۇس خادىملار مۇلازىمەت قىلىدىغان، دىيارىمىزدىكى تونۇلغان تېببىي مۇتەخەسسىس-ھەكىملەر كەسپىي جەھەتتىن نازارەت قىلىدىغان، ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى تۇنجى كەسىپلەشكەن، ئەڭ چوڭ ساغلاملىق سۇپىسىدۇر. «ئەلنىڭ داۋاسى-بىزنىڭ غايىمىز!» دېگەن ئۇلۇغۋار مەقسەتنى قىبلىنامە قىلىپ، ئۇيغۇر تور ئاممىسىنى ئەڭ كەسپىي، ئەڭ نوپۇزلۇق، تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش ھەمدە ئۆز ئەجرىگە يارىشا قىممەت يارىتىش - ئەلداۋالىقلارنىڭ يەتمەكچى بولغان بۈيۈك مەنزىل-نىشانىدۇر. بۇ سۇپا تور بېكەت، ئەپ، ئۈندىدار سالونى قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئەلگە داۋا، رەنجىگە شىپا ئىزدەپ، بۈگۈنگە كەلدى. سىزدە تورغا چىقالايدىغان ئۈسكۈنە (كومپيۇتېر، تاختا كومپۇتېر، يانفون) بولسىلا، زامان، ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، سۇپىمىزدىن پايدىلىنالايسىز. سۇپىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئەمەلىي ئىقتىدارلار، قولاي مەشغۇلاتلار ئەل ساغلاملىقىغا ھەر دائىم ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز. ساغلام ياشاي دېسىڭىز، مەزكۇر سۇپا سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولۇپ قالغۇسى!
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.