مۇلازىمەت تېلېفونى:
0991 - 8554813
0991 - 8554814
سۇپا نامى: سىفىرلاشقان مائارىپ مۇلازىمەت سۇپىسى
پىروگرامما تىلى: net+MSSQL.
سىستېما قۇرۇلمىسى:
ماس كېلىدىغان ئورۇن:
سۇپا تىلى: ئۇيغۇرچە / خەنزۇچە
تەۋە تۈر: سۇپىلار
پۈتكەن ۋاقتى: 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
كۆرۈش ئادرېسى: http://www.yultuzsoft.com
سىفىرلاشقان مائارىپ مۇلازىمەت سۇپىسى – بۇلۇت تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان، ئىنتېرنېتكە يۈزلەنگەن، B/S قۇرۇلمىسىدىكى كۆپ تىللىق ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىدۇر. بۇ سۇپىدا سىستېمىنى كومپيۇتېرغا قاچىلاش ھاجەتسىز. پەقەت ئەزالىق ھېسابات ئۇچۇرلىرى (كىرىش نومۇرى، كىرىش پارولى ۋە سىفىرلىك سالاھىيەت دەلىللەش پارولى) بولسىلا، خالىغان جايدا، خالىغان ۋاقىتتا سۇپىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئىشلەتكۈچى تور كۆرگۈچكە بېكىتىلگەن تور ئادرېسى ياكى IP نى كىرگۈزۈپ، ئەزالىق ھېسابات ئۇچۇرلىرى (كىرىش نومۇرى، كىرىش پارولى ۋە سىفىرلىك سالاھىيەت دەلىللەش پارولى) ئارقىلىق سۇپىغا كىرسە بولىدۇ. ئىشلەتكۈچىنىڭ ئەزالىق ھېسابات ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، سۇپا ئىشلەتكۈچىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈپ، ئىشلەتكۈچى تەۋە بۆلۈمگە ئاساسەن، ماس كېلىدىغان فۇنكسىيەلىك بۆلەكلەرنى ئېچىپ بېرىدۇ. سۇپىغا بۇلۇت تېخنىكىسى قوللىنىلغان، سۇپا قويۇلغان بۇلۇت مۇلازىمىتېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، سىستېما ئىقتىدارلار ۋە بۇلۇت مۇلازىمىتېرىغا چۈشىدىغان بېسىمنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدۇ. سۇپىغا ناھايىتى قاتتىق مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان، سىستېمىدىكى ئۇچۇرلار مەخپىيلەشتۈرۈلگەن، باشقىلار خالىغانچە پايدىلىنالمايدۇ.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك ياكى ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش پۇرسىتىنى دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر تور، يۇمشاق دېتال مۇھىتى بەرپا قىلىش، يەنە شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش – يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.