DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تارقىتىلدى

 DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى باش بېتى كۆرۈنۈشى

 

 DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى باشقۇرۇش سۇپىسى كۆرۈنۈشى

 

تور بېكىتىمىز DedeCMS V5.5 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئارىسىدا DedeCMS ئىشلىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بولۇپمۇ بېكىتىمىز ئىشلەتكەن «بىلەرمەن» سۇپىسى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىدىكى يېڭىلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىلىم ھاجەتمەنلىرىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلدى. شۇ جەرياندا بېكىتىمىز ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئارىسىدا مۇئەييەن ئورۇنغا ئىگە بولدى.

بۈگۈنگە قەدەر، بەزى تورداشلىرىمىز ئۆزى تەرجىمە قىلغان ياكى باشقىلار تەمىنلىگەن DedeCMS نى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئۆزىدىكى نۇسخىنىڭ ئۆلچەملىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن دېگەندەك رازى بولۇپ كېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتىشتى. بىز ئۇلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدۇق ھەم DedeCMS نىڭ بەزى بۆلەكلىرىنى تەمىنلىدۇق. ھالبۇكى، ئۇيغۇر تور ئەمەلىيىتى DedeCMS نى تارقىتىش، تارقاتقاندىمۇ ھەقسىز تارقىتىشنى تەقەززا قىلاتتى.

2010-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى بېكىتىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى DedeCMS تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، بېكەت باشلىقى قىسمەت DedeCMS تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا قوبۇل قىلىندى. شۇنداق قىلىپ DedeCMS نى تارقىتىش شارائىتى ھازىرلاندى.

ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان DedeCMS V5.5 ھەققىدە

1. ئالدى بەتنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش نىسبىتى %99 كە يەتكۈزۈلدى.

2. باشقۇرۇش بېتى (ئارقا سۇپا) تەرجىمە قىلىنماي، يېزىق كىرگۈزۈلىدىغان ئورۇنلار ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە كەلتۈرۈلدى.

3. ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە ئىملاسى تۈزىتىلدى.

4. بەت يۈزى IE , Firefox لارغا ماسلاشتۇرۇلدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى Firefox تا Eot تونۇماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

5. ئىشلىگۈچى تەرەپ ئەسكەرتكەن ۋە ئۆزىمىز زۆرۈر دەپ قارىغان بىخەتەرلىك ياماقلىرى قاپلىۋېتىلدى.

قوشۇمچە:

6. ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان DedeCMS V5.5 سىستېمىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈن، PHP قوللايدىغان تور بوشلۇقى ۋە MYSQL ساندان بوشلۇقى تەييارلىشىڭىز كېرەك.

بايانات :

1. بېكىتىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقاتقان DedeCMS V5.5 نىڭ بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى گۇرۇپپىمىزغا تەۋە.

2. ئۇيغۇرچە نۇسخىدىكى DedeCMS V5.5 سىستېمىسى باش بېكەتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئەنگە ئېلىنغان. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە، سىستېمىنىڭ ئەسلى ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھوقۇقى ساقلاپ قىلىنىدۇ . جۈملىدىن بېكەت ئاستىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ( باش بېكەت ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى ئۇچۇرلىرىنى) چىقىرىۋېتىشكە، ئەقلىي مۈلۈك ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ.

3. بېكىتىمىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان DedeCMS V5.5 ھەقسىز تارقىتىلدى. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ھەرقانداق شەكىل، ھەرقانداق سەۋەب بىلەن سېتىشىغا بولمايدۇ.

 

بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ 1                  بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ 2                بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ 3

ئاخىرقى سۆز:
1. بىزنى قوللىغان تورداشلارغا، DedeCMS نىڭ تەرجىمىسى ۋە باشقا خىزمەتلەردە جاپالىق ئەجىر قىلغان گۇرۇپپىمىز ئەزالىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

2. كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ DedeCMS ھەققىدىكى تەجرىبىلىرىنى تورداشلار ھۇزۇرىغا سۇنۇپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

3. DedeCMS نى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر، تەكلىپ، پىكىرلەر بولسا يوللاپ، كېيىنكى قېتىملىق نۇسخىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل چىقىشىغا ھەسسە قوشۇشىڭىزنى سورايمىز.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تور دۇكىنى ئېلان قىلىندى

2011-يىلى IT ساھەسى يېڭىلىققا تولغان بىر يىل بولۇۋاتىدۇ. جۈملىدىن كومپيۇتېر ساھەسىدىمۇ يېڭىلىقلار ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ يېڭىلىقلار ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر جەمئىي...

  • 2011/4/28
  • 3,223

ئەلكىن ۋە يۇلتۇزسوفت ھەمكارلاشتى

بۈگۈن (2020-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى)، شىركىتىمىز كونا ھەمكارلاشقۇچىسى شىنجاڭ ئەلكىن يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلاشتى. ئەلكىن شىرك...

  • 2020/6/30
  • 27,126

گۇرۇپپىمىز مەسئۇلى «ياشلىق مېلودىيەسى» پىروگراممىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى

بۈگۈن گۇرۇپپىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پىروگراممىسى «ياشلىق مېلودىيەسى»دە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى نىشان قىلغان...

  • 2011/5/26
  • 3,224

شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ 2013-يىلى ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىلى ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2013-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى (...

  • 2013/4/22
  • 3,494

2021-يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2021-يىللىق روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2021-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 16-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەتكە چۈشىدۇ.

  • 2021/5/12
  • 46,667

«جادۇ كۆز ئۇيغۇرچە ئىزدەش سۇپىسى» ئېچىۋېتىلدى

توردىن ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئىزدەش سىستېمىسى «جادۇ كۆز ئۇيغۇرچە ئىزدەش سۇپىسى» بۈگۈن ئېچىۋېتىلدى. بۇ سىستېما خەلقئارادىكى داڭلىق ئىزدەش ماتورى Google نى ئۆزىگە يادرو قىلغان ...

  • 2010/9/10
  • 3,926

2021-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2021-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2021-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 4-ئاينىڭ 6-كۈنى (سەيشەنبە) نورمال خىزمەت...

  • 2021/4/1
  • 50,727

DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسى تارقىتىلدى

ئۇيغۇر-قازاق قېرىنداشلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالدىنقى نىشان قىلغان DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسى بۈگۈن قولدىن چىقتى. سىستېمىنى ئېلان قىلىشتىن ئاۋۋال DedeCMS V5.5 قازاقچە...

  • 2010/11/15
  • 3,656

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى بىلەن شاھدىيار كومپيۇتېر دۇنياسى بىرلەشتى

ئىككى يىل ئىلگىرىكى مۇشۇ كۈنلەردە تۆت ئەركەك جەم بولۇپ، ھەمكارلىشىش، بىرلىشىش نىيىتىدە «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى» ۋە «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى»نى قۇرۇپ چىقق...

  • 2012/2/21
  • 4,060

مۇبارەك XJCFAN، قۇتلۇق 10 يېشىڭغا مۇبارەك!

مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈنلەردە شۇنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتۇق: ئەينى چاغدا XJCFAN گۇرۇپپىسىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ، كېيىنكى شىركەتكە ئاساس سالغان ئەمەتجان (قىسمەت)، ياسىنجان ...

  • 2021/12/12
  • 3,531
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.