مۇلازىمەت تېلېفونى:
0991 - 8554813
0991 - 8554814
سۇپا نامى: يۇلتۇزسوفت ئەزالىق كارتا باشقۇرۇش سىستېمىسى
پىروگرامما تىلى: net+MSSQL.
سىستېما قۇرۇلمىسى:
ماس كېلىدىغان ئورۇن:
سۇپا تىلى: ئۇيغۇرچە
تەۋە تۈر: سۇپىلار
پۈتكەن ۋاقتى: 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى
كۆرۈش ئادرېسى: http://www.yultuzsoft.com
بۇ تورغا يۈزلەنگەن يۇمشاق دېتال بولۇپ، قاچىلاش ھاجەتسىز. ئەزالىق نامى ۋە پارول بولسىلا، ئىنتېرنېتكە ئۇلانغان ھەرقانداق ئۈسكۈنە، ھەرقانداق مەشغۇلات سىستېمىسىدا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ھەر بىر كارتىغا خاس بولغان ئاكتىپلاش نومۇرى ھاسىل قىلىنغان. خېرىدار كارتىنى ئاكتىپلىغاندىن كېيىن، نورمال ئىشلىتەلەيدۇ. شىركەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان قائىدىسىگە ئاساسەن، ھەربىر كارتىغا مەلۇم سومما ئالدىن قاچىلىنىدىغان بولۇپ، كارتىدىكى سومما ئىشلىتىلىپ تۈگىگەندىن كېيىن، ئارقا سۇپىدىن قىممەت تولۇقلىغىلى بولىدۇ. قىممەت تولۇقلاش شەكلى شىركەتلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. ئارقا سۇپىدىكى كارتا باشقۇرۇش بۆلىكى مالىيە قائىدىسىگە پۈتۈنلەي بويسۇندۇرۇلغان بولۇپ، ھەربىر كىچىك بۆلەكنىڭ ئىزدەش، ئىستاتىستىكا ئىقتىدارلىرى مۇستەقىل ئىشلەيدۇ. يېڭى ئىقتىدارلار داۋاملىق قوشۇلۇپ تۇرىدۇ. زۆرۈر تېپىلسا، سىستېمىغا ئايرىم ئىقتىدارلار قوشۇپ بېرىلىدۇ. تېخنىكىلىق تەلەپكە قاراپ، بۇ ئىقتىدارلار ھەقسىز ياكى ھەقلىق شەكىلدە بولۇشى مۇمكىن.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.