كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى

شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى ۋە تور بېكىتى قۇرۇلغىلى بۈگۈن نەق ئىككى يىل بولدى. بۇ جەرياندا ئوخشاش مەقسەت ۋە ئارزۇ-ئارمانغا تويۇنغان تور بېكەت ۋە شەخسلەر ئۇيغۇر IT ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزچىل ھەمكارلىشىپ ۋە بىرلىشىپ كېلىۋاتىمىز.

گۇرۇپپىمىز (ھازىرقى شىركىتىمىز) ۋە تور بېكىتىمىزنىڭ بۈگۈنگىچە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەرھالدا يامان ئەمەس. بولۇپمۇ تور تاقالغان مەزگىللەردە شىنجاڭ تور ئەھلىگە ئاز-تولا خىزمەت قىلالىغىنىمىزدىن پەخىرلىنىمىز.

تور بېكىتىمىز ئىزچىل ھالدا IT ساھەسىنى تۇتقا قىلىش ئاساسىي نىشانىدىن ئېغىشماي، تور ئەھلى ئۈچۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن تورداشلار ۋە كارخانا-ئورۇنلارنىڭ قىزغىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىپ كەلدۇق ھەم ئېرىشىۋاتىمىز.

تور بېكىتىمىز ئەزالىرى كۈندىن كۈنگە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئېلان قىلىنغان يازمىلارغا قارىتا سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى بىر IT بىلىملىرى تور بېكىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۆپچىلىك ئورتاق تىرىشتى.

گۇرۇپپىمىز قۇرۇلۇپ بىر يىل بولغان قۇتلۇق دەملەردە، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئاشكارا نەشىر قىلىنىدىغان بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك IT بىلىملىرى ژۇرنىلى « كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش » ژۇرنىلىنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، بۇ ژۇرنالنىڭ ئەسلىدىكى شۆھرىتىنىنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ئوبدان تۆھپە قوشتى. بىز بۇ خىزمىتىمىزدىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىقمىز.

گۇرۇپپىمىز (ھازىرقى شىركىتىمىز) ۋە تور بېكىتىمىز قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلدى.

گۇرۇپپىمىز 2011-يىلى 12–ئايدا رەسمىي شىركەت بولۇپ قۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىسادىي تىرەككە، تېخنىكىلىق كۈچلەرگە ئىگە بولدى. شىركىتىمىز دۆلەتنىڭ بەزى تۈرلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، مۇناسىپ خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە.

گەپنى يىغساق ، تور بېكىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان DedeCMS نى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. بۇ CMS سىستېمىسى بولغانلىقى سەۋەبلىك، تور بىلىملىرىدىن، تور بايلىقلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش جەھەتتە نىسبەتەن چەكلىمىلەرگە ئىگە ئىدى. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە، شىركەت تېخنىكلىرىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە DedeCMS نىڭ ساندانى Discuz X2.0 نىڭ ساندانىغا پۈتۈنلەي ئايلاندۇرۇلدى. جۈملىدىن تېما، ئىنكاس، ئەزا ئۇچۇرلىرى ھەممىسى تولۇق يۆتكەپ كېلىندى. ئەزالارنىڭ ئەسلى بېكەتتىكى ئەزا نامى ۋە پارولى بىلەن يېڭى بېكەتنى زىيارەت قىلىشى، تېما، ئىنكاس يوللىشى تامامەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

DedeCMS V5.7 ئۇيغۇرچە نەشرى ئىشلىنىپ بولۇندى. نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ سىستېمىنى ئىلگىرىكىدەكلا ھەقسىز تارقىتىمىز. تورداشلار ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىۋاتقان «بىلەرمەن» سۇپىسىمۇ داۋاملىق ئېچىۋېتىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


5-تۈركۈمدىكى بازار ئېچىش خادىملىرى ئىشقا چۈشتى

2013-يىلى 8-ئايدا شىركىتىمىز بازار كېڭەيتىش ئېھتىياجىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلەردىن «بازار ئېچىش خادىمى» قوبۇل قىلىشنى باشلىغان ئىدى. ...

  • 2014/2/9
  • 3,038

3-تۈركۈمدىكى بازار ئېچىش خادىملىرى ئىشقا چۈشتى

2013-يىلى 8-ئايدا شىركىتىمىز بازار كېڭەيتىش ئېھتىياجىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلەردىن «بازار ئېچىش خادىمى» قوبۇل قىلىشنى باشلىغان ئىدى. ...

  • 2013/10/30
  • 3,371

شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورگان تورى ...

بۈگۈن شىركىتىمىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ بىرى- شىنجاڭ مىللەتلەر مەدەنىيىتى ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈچ تىلل...

  • 2013/3/21
  • 2,911

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى يېڭى ئىشخانىغا كۆچتى

شىركىتىمىز 2011-يىلى 12 –ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 37-ئىشخانىنى خىزمەت ئورنى قىلغان...

  • 2015/2/6
  • 4,217

تۇنجى تۈركۈمدىكى بازار ئېچىش خادىملىرى ئىشقا چۈشتى

8-ئايدا شىركىتىمىز بازار كېڭەيتىش ئېھتىياجىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلەردىن «بازار ئېچىش خادىمى» قوبۇل قىلىشنى باشلىغان ئىدى. بۈگۈن تۇنج...

  • 2013/9/6
  • 3,196

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 6-سان

   مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى      مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى      مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى      مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى     ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1     ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2

  • 2011/12/22
  • 3,087

شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئورگان تورى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلى...

بۈگۈن شىركىتىمىز ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى – شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئۈچ تىللىق ئورگان تورى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپە...

  • 2012/12/1
  • 2,968

يۇلتۇزسوفت ئورگان تورى يېڭىلاندى

2017-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى يۇلتۇزسوفت ئورگان تورىنىڭ 3-نەشرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن بەتنىڭ بەزى جايلىرى يېڭىلاندى. بۇ قېتىم قوشۇلغان يېڭى...

  • 2018/1/1
  • 2,820

گۇرۇپپىمىز شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پىروگراممىسى «ي...

بۈگۈن (2011–يىلى 4–ئاينىڭ 10-كۈنى، يەكشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن 9:00 غىچە ئاڭلىتىلىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پىروگرامم...

  • 2011/4/10
  • 3,256
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.