تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» ئاخىرلاشتى

 

تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» ئاخىرلاشتى

2015-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئەلكىن يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ پىروگراممېرلارنىڭ سۇلماس ئىرادىسىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش، يېڭى نىشانلىرىغا ئىلھام بېرىش، ئۇيغۇر پىروگراممىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ياش پىروگراممېر ۋە ھەۋەسكارلارنى ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىتىدە «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» تەسىس قىلىپ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى باشلىغان ئىدى.

بۇ مۇكاپاتنىڭ 1-باسقۇچى پىروگراممىلارنى مۇكاپاتقا سۇنۇش (تەۋسىيە قىلىش) باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 00:00 دە ئاخىرلاشتى.

بۇ باسقۇچتا تۈرلەر بويىچە پىروگراممىلارنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق.

بۇ مۇكاپاتنىڭ 2-باسقۇچى «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى»غا لايىق پىروگراممىنى تاللاش باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 00:00 دە ئاخىرلاشتى.

بۇ مۇكاپاتنىڭ 3-باسقۇچى «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى»غا لايىق پىروگراممىنى تەھقىقلەش باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچ بۈگۈن (2015-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 00:00 دە) ئاخىرلاشتى.

باھالاش ھەيئەتلىرى باھالاش ئۆلچىمى بويىچە تاللاپ چىققان پىروگراممىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقى توغرىسىدا 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 00:00 دىن 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 00:00 غىچە تورداشلارنىڭ قارشى پىكىرلىرى بولمىدى. شۇڭا تۆۋەندىكى پىروگراممىلار مۇكاپاتقا مۇقىملاشتۇرۇلدى. (ئەسكەرتىش: پىروگراممىلارنىڭ تىزىلىش تەرتىپى ھېچنېمىنى چۈشەندۈرمەيدۇ.)

1. مۇكاپات نامى: iOS ئەپى مۇكاپاتى

پىروگرامما نامى: «تاپقاق» تېپىشماق تېپىش ئەپى (ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن)

پىروگراممېر ئىسمى: ئابدۇشۇكۇر توختى

2. مۇكاپات نامى: Android ئەپى مۇكاپاتى

پىروگرامما نامى: «بايلىق» پايچەك ياردەمچىسى

پىروگراممېر ئىسمى: ئابدۇزاھىر قۇربان

3. مۇكاپات نامى: Windows Phone ئەپى مۇكاپاتى

پىروگرامما نامى: «ساياھەت» ئەپى

پىروگراممېر ئىسمى: پەرھات سوپى

4. مۇكاپات نامى: Windows پىروگراممىسى مۇكاپاتى

پىروگرامما نامى: «مەن پىروگراممېر بولىمەن» سىستېمىسى

پىروگراممېر ئىسمى: ئابدۇراھمان سىيىت

5. مۇكاپات نامى: تور بېكەت پىروگراممىسى مۇكاپاتى

پىروگرامما نامى: «ئەلئامان» يەر تەۋرەش ئۇچۇر سىستېمىسى

پىروگراممېر ئىسمى: ئەسقەر ئابلىمىت

6. مۇكاپات نامى: ئالاھىدە پىروگرامما مۇكاپاتى

پىروگرامما نامى: «مەن پىروگراممېر بولىمەن» سىستېمىسى

پىروگراممېر ئىسمى: ئابدۇراھمان سىيىت

مۇكاپاتلانغان پىروگراممىلارنىڭ ئەھۋالى، مۇكاپات سوممىسى قاتارلىقلارنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ:

http://bbs.xjcfan.com/thread-4520-1-1.html

شۇنداق، بۈگۈن (2015-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 00:00 دە) تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 00:00 دىن باشلاپ، مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ.

بۇ پائالىيەتنى قوللىغان بارلىق قېرىنداشلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

كېيىنكى قېتىملىق پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، پىكىر-تەكلىپ بەرگۈچىلەرنى داۋاملىق قارشى ئالىمىز.

زۆرۈر بولسا، شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

تېلېفون نومۇرى: 8554813-0991

فاكس نومۇرى: 8554814-0991

تور بېكەت: http://www.yultuzsoft.com/ug-CN

ئېلخەت:  service@yultuzsoft.com

ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30-ئىشخانا

* ئەسكەرتىش: پائالىيەتنىڭ ئاخىرىقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ ئەلكىن يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە تەۋە.

ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ ئەلكىن يۇمشاق دېتال پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى

2015-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


2018-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-يىللىق يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2017-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 2018-يىلى 1-ئاي...

  • 2017/12/24
  • 1,668

2012-يىلى چاغانلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2012-يىللىق چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2012-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە) سەككىز كۈن دەم ئالىدۇ. 1-ئاينىڭ 30-كۈنى (دۈشەنبە) خىزمەتكە...

  • 2012/1/20
  • 1,172

2019-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 2018-يىلى 1-ئاينى...

  • 2018/12/28
  • 21,141

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى خادىم قوبۇل قىلىدۇ

دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى – «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى ئىقتىساسلىق خادىم كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خادىم قوبۇل قىلىدۇ. ئالدىنقى ھەپتە...

  • 2013/3/18
  • 2,524

شىركىتىمىز سىستېما ئۇستىسى قوبۇل قىلىدۇ

نۆۋەتتە ئېچىۋاتقان تۈرلەر ۋە كېيىنكى زۆرۈر خىزمەتلەر ئۈچۈن، شىركىتىمىز تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە سىستېما ئۇستىسى قوبۇل قىلىدۇ. 1. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان WordPress ئۇستىسى:...

  • 2014/3/21
  • 2,000

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تور دۇكىنى ئېلان قىلىندى

2011-يىلى IT ساھەسى يېڭىلىققا تولغان بىر يىل بولۇۋاتىدۇ. جۈملىدىن كومپيۇتېر ساھەسىدىمۇ يېڭىلىقلار ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ يېڭىلىقلار ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر جەمئىي...

  • 2011/4/28
  • 1,907

Android سىنىپىدا قايتا دەرس باشلىنىدۇ

Android ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىدا قايتا دەرس باشلىنىدۇ «Android ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىلىدۇ» ناملىق تېمىمىزدا دېيىلگەندەك، بۇ سىنى...

  • 2014/7/26
  • 2,904

XJCFAN شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىدە

ئىنتېرنېت مىسىلسىز تەرەققىياتلارغا ئېرىشىۋاتقان، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ھەرساھە ئىنتېرنېتتىن ئۆزىگە يېتەرلىك ئورۇن ئىزدەۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە (2011–يىلى 1–ئاينىڭ...

  • 2011/1/12
  • 2,303

2018-يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-يىللىق دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ. 10-ئاينىڭ 8-كۈنى (دۈشەنبە) خىزمەتكە چۈ...

  • 2018/9/28
  • 11,191

2020-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2020-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2020-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە) بەش كۈن دەم ئالىدۇ. 4-ئاينىڭ 26-كۈنى (يەكشەنبە) ۋە 5-ئا...

  • 2020/4/29
  • 31,303
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554813

0991 - 8554814

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.