ICTEF نىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى شىركىتىمىز ئۈستىگە ئالدى

ICTEF نىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى شىركىتىمىز ئۈستىگە ئالدى

ICTEF (ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى) 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ۋە دىيارىمىزدىكىIT شىركەتلىرىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشى بىلەن قۇرۇلغان.

ICTEF (ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى) بىلىم تارقىتىش، ھەمكارلىق، باراۋەرلىك ۋە ئېچىۋېتىش پىرىنسىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇھاكىمە يىغىنىنى تەشكىللەشكە مۇنبەرگە ئەزا شىركەتلەر نۆۋەت بىلەن مەسئۇل بولىدۇ. مەسئۇل شىركەت ھەر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا چەك تارتىش ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ.

ICTEF (ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى) نىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئالماس شىركىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنى  2015-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى  ئۆتكۈر بىز شىركىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى.

   

بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا شىنجاڭ ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى «ئۈچ جەمئىيەت»نىڭ باش كاتىپى گاۋ شيا، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ھوشۇر ئىسلام، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئىلىم-پەن بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى چۈ يى، شىئەن ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور لۇ چاۋياڭ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىنىستىتۇتى كومپيۇتېر مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئۇچۇر پەن-تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى غالىپ قۇربان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپ تىللىق ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىن فەرۇخ قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر، شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئۆلچەم يۇمشاق دېتال تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى بىلىگ تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى ئۆتكۈر بىز يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ يىپەك يولى بۇلۇت تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى يەلتاپان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ سەركار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى قاتارلىق مۇنبەرگە ئەزا شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكىIT  كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە ھەۋەسكارلاردىن بولۇپ، 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىن ئاخىرىدا كۈنتەرتىپكە ئاساسەن، كېيىنكى قېتىملىق يىغىننى ئۆتكۈزىدىغان ئەزا شىركەتنى تاللاش ئۈچۈن چەك تارتىلدى. نەتىجىدە مۇنبەرنىڭ ئىنگلىزچە نامى يېزىلغان چەك ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە چىقتى.

دېمەك، مۇنبەرنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپى شىركىتىمىزگە نېسىب بولدى.

نۆۋەتتە شىركىتىمىز ئۆتكۈزۈۋاتقان ‮«‬بىلوگ باھالاش پائالىيىتى‮»‬ ئاخىرىقى باسقۇچقا كىردى؛ ‮«‬پىروگرامما مۇكاپاتى‮»‬ داۋاملىشىۋاتىدۇ؛ بەزى تۈرلەر ئۈچۈن جىددىي ئىشلەۋاتىمىز. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، مۇنبەرنىڭ بىزگە نېسىپ بولغان ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنىنى ئالتۇز كۈز مەزگىللىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزىمىز.

ۋاقتى كەلگەندە بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي يىغىلىشتىن ئەتراپتىكىلەرنى خەۋەرلەندۈرۈپ، IT يېڭىلىقلىرىدىن بىللە بەھرلىنىمىز.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


2019-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى (يەكشەنبە) ۋە 5-ئا...

  • 2019/4/26
  • 29,372

2021-يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2021-يىللىق روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2021-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 16-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەتكە چۈشىدۇ.

  • 2021/5/12
  • 27,437

تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى»نى قوللىغان...

تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى»نى قوللىغان ئورۇنلار تۆۋەندىكىچە: (ئەسكەرتىش: بۇ تەرتىپ ئورۇنلارنىڭ پائالىيەتكە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ۋ...

  • 2015/8/28
  • 3,517

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى تور دۇكىنى ئېلان قىلىندى

2011-يىلى IT ساھەسى يېڭىلىققا تولغان بىر يىل بولۇۋاتىدۇ. جۈملىدىن كومپيۇتېر ساھەسىدىمۇ يېڭىلىقلار ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ يېڭىلىقلار ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر جەمئىي...

  • 2011/4/28
  • 3,133

شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ 2014-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2014-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، شەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى (دۈشەنبە) نورمال خىزمەت...

  • 2014/4/4
  • 2,950

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 5-سان

   مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى      مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى      مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى      مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى     ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1     ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2

  • 2011/10/24
  • 3,234

ژۇرنال خادىملىرىنىڭ 2014-يىللىق دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى دۈەنۋۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ژۇرنال خادىملىرى (2014-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، دۈشەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى (سەيشەنبە) خىزمەتكە چۈشىدۇ.

  • 2014/5/29
  • 3,081

2017-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2017-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە) سەككىز كۈن دەم ئالىدۇ. 2017-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • 2017/9/26
  • 2,662

يۇلتۇزسوفت 4 ياشقا كىردى، بۇ 4 يىل يۇلتۇزسوفتنىڭ نەتىجىلىك 4 يىلى بولدى

يۇلتۇزسوفت، 4 يېشىڭغا مۇبارەك! 10 يىل ئىلگىرى XJCFAN گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان چاغدا، مەيلى گۇرۇپپا قۇرغۇچىلىرى بولسۇن، مەيلى گۇرۇپپا خادىملىرى بولسۇن، مەيلى كېيىنكى XJCFAN ش...

  • 2020/1/13
  • 70,871

2016-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2016-يىلى چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2016-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى (دۈشەنبە) نورمال خىزمەتكە چۈشىدۇ.

  • 2016/3/28
  • 2,539
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.