گۇرۇپپىمىز مەسئۇلى «تور سودىسى ھەققىدە سۆھبەت» كە تەكلىپ قىلىندى

ئىنتېرنېت تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيىدە ئولتۇرۇپلا نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىغان ھالەت شەكىللەندى. شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا ئىنتېرنېتتىكى ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ توردا دۇكان ئېچىپ، ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئىشلار كۆپىيىشكە باشلىدى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كىيىم-كېچەك، ئۈن-سىن، يېمەك-ئىچمەك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەتتىكى دۇكاندارلاردىن تاكى چوڭ كارخانىلارغىچە سېتىپ چىقىرىش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تور ماگىزىنلىرىدا قوشۇمچە دۇكان ئېچىپ توردىمۇ مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلەشكە باشلىغىلى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولۇپ قالدى. يەنە نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئۆيىدە ئولتۇرۇپلا تور دۇكىنى ئېچىپ، شىركەت-زاۋۇت بىلەن خېرىدار ئارىسىدا ۋاسىتىلىك قىلىش ئارقىلىق، مال سېتىش ۋە ئەۋەتىش يولى بىلەن بېيىماقتا.

سىزنىڭ تور سودىسى ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىز قانداق؟ باشقىلارنىڭ تور سودىسى قىلىپ بېيىپ كەتكەنلىكىنى ياكى ۋەيران بولغانلىقىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا گاڭگىراپ قالغانمۇسىز؟ « مەنمۇ شۇغۇللىنىپ باقسام قانداق بولار؟ تور سودىسى دېگەننى چۈشەنمىسەم، چاتاق چىقارمۇ؟ » دېگەن ئويلارغا كەلگەن ۋاقىتلىرىڭىزمۇ بولغاندۇ ھەقاچان!؟ بۈگۈنكى سۆھبەت ئارقىلىق، سوئالىڭىزغا جاۋاب تاپىسىز.

بۈگۈن (2011–يىلى 11–ئاينىڭ 12-كۈنى، شەنبە) ئۈرۈمچى ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن 9:00 غىچە ئاڭلىتىلىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پىروگراممىسى «شەھەر ئاۋازى» دا «تور سودىسى ھەققىدە سۆھبەت» ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەتكە گۇرۇپپىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل، ئىزنا سودا شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمى قاتناشتى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى بىلەن شاھدىيار كومپيۇتېر دۇنياسى بىرلەشتى

ئىككى يىل ئىلگىرىكى مۇشۇ كۈنلەردە تۆت ئەركەك جەم بولۇپ، ھەمكارلىشىش، بىرلىشىش نىيىتىدە «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى» ۋە «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى»نى قۇرۇپ چىقق...

  • 2012/2/21
  • 2,565

2014-يىلى جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2014-يىلى 9-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنلىرى) نورمال دەم ئېلىش كۈنى بىلەن قوشۇپ ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 9-ئ...

  • 2014/8/29
  • 2,276

يۇلتۇزسوفت 4 ياشقا كىردى، بۇ 4 يىل يۇلتۇزسوفتنىڭ نەتىجىلىك 4 يىلى بولدى

يۇلتۇزسوفت، 4 يېشىڭغا مۇبارەك! 10 يىل ئىلگىرى XJCFAN گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان چاغدا، مەيلى گۇرۇپپا قۇرغۇچىلىرى بولسۇن، مەيلى گۇرۇپپا خادىملىرى بولسۇن، مەيلى كېيىنكى XJCFAN ش...

  • 2020/1/13
  • 56,212

2019-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى (يەكشەنبە) ۋە 5-ئا...

  • 2019/4/26
  • 28,011

Windows Phone ئۈچۈن پۈتۈك ئېلان قىلىندى

«پۈتۈك» پەقەت بىرلا مەقسەت – Windows Phone دا ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن. «پۈتۈك» ناملىق بۇ ئەپ Windows Phone نىڭ 8.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرىلىرى...

  • 2014/8/20
  • 2,808

2015-يىلى يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2015-يىلى يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-كۈنىگىچە) ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى (يەكشەنبە) ن...

  • 2014/12/30
  • 2,151

شىنجاڭ ئىنتېرنېت كارخانىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئىنتېرنېت كارخانىلىرى سۆھبەت يىغىنى شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدە ئېچىلدى. شىركىتىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل...

  • 2019/12/13
  • 60,699

شىركىتىمىزنىڭ 2012-يىلى روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2012-يىلى 8–ئاينىڭ 19–كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ، 2012-يىلى 8–ئاينىڭ 22-كۈنى (چارشەنبە) نورمال خىزمەتكە چ...

  • 2012/8/18
  • 2,726

Windows Phone ئۈچۈن «جەمگاھ» ئېلان قىلىندى

ئەپ نامى: جەمگاھ (Jemgah) خىزمەت مۇھىتى: +Windows Phone 8.0 نەشرى: 1.0.0.0 سىغىمى: 1265KB رولى: تور دۇنياسىدىكى IT بىلىملىرىنى جەملەپ ھەمبەھرىلەش ئەپ چۈشەندۈرۈلۈشى: «I...

  • 2015/2/18
  • 3,397
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554813

0991 - 8554814

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.