كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى يېڭى ئىشخانىغا كۆچتى

شىركىتىمىز 2011-يىلى 12 –ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 37-ئىشخانىنى خىزمەت ئورنى قىلغان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان خىزمەتلىرىمىزنىڭ كۆلەملىشىشى ۋە خادىملار قوشۇنىمىزنىڭ زورىيىشى بىلەن ئىشخانىمىز كىچىكلىك قىلىۋاتقان ئىدى.

شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە ئىشخانا مۇھىتىنى تېخىمۇ ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا يېڭى ئىشخانىنى تەييارلاش ئىشىغا كىرىشكەن ئىدۇق. مانا بۈگۈن ئەسلىدىكىنىڭ بىر ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان يېڭى ئىشخانىنىڭ زىننەتلەش، ئۈسكۈنە تولۇقلاش قاتارلىق ئىشلىرى تامام بولۇپ، شىركىتىمىز يېڭى ئىشخانىدا ئىش باشلىدى.

نۆۋەتتە شىركىتىمىز ئاز كەم 150 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تىنچ، ئازادە، ئۆلچەملىك ئىشخانا مۇھىتىغا ئىگە. مۇشۇ مۇھىتتا كەسپىي پىروگراممېرلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، نۇرغۇن كەسپىي نەتىجىلەر روياپقا چىقىۋاتىدۇ. يېڭى ئىشخانىمىزدا تېخىمۇ ئېسىل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگۈسىمىز.

يېڭى ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30/31-ئىشخانا

ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 1-سان

مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1 ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2

  • 2012/2/16
  • 3,634

2019-يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ. 10-ئاينىڭ 8-كۈنى (سەيشەنبە) خىزمەتكە چ...

  • 2019/9/28
  • 52,488

شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ 2014-يىلى ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2014-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە) ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ...

  • 2014/4/26
  • 2,991

iOS ئەپ سىنىپىدا 24-چىسلا دەرس باشلىنىدۇ

«iOS ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىلىدۇ» دېگەن تېمىمىزدا دېگىنىمىزدەك، تەييارلىق خىزمەتلەر بىر قۇر پۈتتى. دەرس 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى (يەكشەنبە، چۈشت...

  • 2014/8/14
  • 4,697

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 2-سان

مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1 ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2

  • 2012/4/20
  • 4,551

شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ 2014-يىللىق دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى دۈەنۋۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2014-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، دۈشەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى (سەيشەنبە) خىزمەتكە چ...

  • 2014/5/29
  • 3,076

گۇرۇپپىمىز شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پىروگراممىسى «ي...

بۈگۈن (2011–يىلى 4–ئاينىڭ 10-كۈنى، يەكشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن 9:00 غىچە ئاڭلىتىلىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پىروگرامم...

  • 2011/4/10
  • 3,417

يۇلتۇزسوفت 5 ياشقا كىردى، بۇ 5 يىل يۇلتۇزسوفتنىڭ نەتىجىلىك 5 يىلى بولدى

يۇلتۇزسوفت، 5 يېشىڭغا مۇبارەك! 11 يىل ئىلگىرى XJCFAN گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان چاغدا، مەيلى گۇرۇپپا قۇرغۇچىلىرى بولسۇن، مەيلى گۇرۇپپا خادىملىرى بولسۇن، مەيلى كېيىنكى XJCFAN ش...

  • 2021/1/13
  • 63,759

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 3-سان

مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1 ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2

  • 2012/6/13
  • 5,758

Windows Phone ئۈچۈن «پۈتۈك 2.0» ئېلان قىلىندى

«پۈتۈك» پەقەت بىرلا مەقسەت – Windows Phone دا ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن. «پۈتۈك» ناملىق بۇ ئەپ Windows Phone نىڭ 8.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەش...

  • 2014/12/31
  • 3,999
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.