UI لايىھەلىگۈچى قوبۇل قىلىنىدۇ

ئالدىمىزدىكى نەچچە كۈن ئىچىدە يېڭى ئىشخانىغا كۆچىمىز ۋە بەزى يېڭى تۈرلەرنى ئېچىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ باشلاپ كېتىمىز.

شىركىتىمىزنىڭ UI لايىھەلىگۈچىسى ئابلىمىت ئابلەت (گىگانت) ئىتالىيەدە لايىھەلەش كەسپى بويىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ تۇرۇشلۇق شەھەر بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئالتە سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت پەرقى بولغاچقا، بەزى جىددىي ۋاقىتلاردا ئالاقىلىشىش قولايسىز بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ تۈرلىرىنى ۋاقتىدا تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئابلىمىتقا ياردەمچى قىلىپ، شىركىتىمىزدە مۇقىم ئىشلەيدىغان يەنە بىر نەپەر UI لايىھەلىگۈچى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدۇق.

ۋەزىپىسى: شىركىتىمىزنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئەپ، يۇمشاق دېتال، تور بېكەتلەرنىڭ UI (كۆرۈنمە يۈز) نى ۋە «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ گۈزەل-سەنئەت لايىھەسىنى ئىشلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

خىزمەت ئورنى: شىركىتىمىزدە خىزمەت قىلىدۇ.

خىزمەت ۋاقتى: ھەپتىدە 6 كۈن، كۈندە 8 سائەت خىزمەت قىلىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايراملاردا ئارام ئالىدۇ.

تەلەپ: رەڭ قارىشى يۇقىرى بولۇشى، مۇستەقىل لايىھە ئىشلەش ئېڭى بولۇشى، ئىلگىرى قىلىپ باققان ئەمەلىي ئەمگىكى بولۇشى، Photoshop ، Illustrator، Coreldraw قاتارلىق تەكشىلىكتە سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرىنى پۇختا بىلىشى، ھەمكارلىشىپ تۈر ئېچىشقا ماھىر بولۇشى، ۋاقىت قارىشى يۇقىرى، مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، ئەخلاقلىق، راستچىل، سەمىمىي بولۇشى، شىركىتىمىز بىلەن كەم دېگەندە ئىككى يىللىق ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك.

يىللىق كىرىمى: UI لايىھەلىگۈچىنىڭ يىللىق كىرىمى «ئاساسىي مائاش (24 مىڭ يۈەندىن 120 مىڭ يۈەنگىچە) + ئالتە خىل سۇغۇرتا + تۈر مۇكاپاتى + قەرەلسىز مۇكاپات + ھېيتلىق تەمىنات + يىللىق مۇكاپات + پاي ئايرىش» ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ.
UI لايىھەلىگۈچى شىركەتتىكى تۆھپىسىگە ئاساسەن، شىركەت پېيىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئايرىپ بېرىلىدىغان پاي ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %1، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %49 بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:

1. ئوقۇش تارىخى بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. تېخنىكا، ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ھەرقانداق كىشى ئىشلىسە بولىدۇ.

2. مىللەت، جىنس، ياش چەكلەنمەيدۇ.

3. UI لايىھەلىگۈچى رەسمىي خىزمەتكە چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئىككى ئاي سىناق ئىشلەيدۇ. سىناق مەزگىلىدە 1500 يۈەن ئىش ھەققى بېرىلىدۇ. سىناقتىن كېيىن UI لايىھەلىگۈچى شىركىتىمىزدىن، شىركىتىمىز UI لايىھەلىگۈچىدىن رازى بولسا، ئەمگەك توختامى تۈزۈلىدۇ. [ئەسكەرتىش: (1) UI لايىھەلىگۈچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، سىناق ۋاقتىنى بىر ئايغا قىسقارتىشقا بولىدۇ؛ (2) UI لايىھەلىگۈچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، سىناق مەزگىلىدىكى مائاشىنى ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.]

ئۆزىڭىزنى ياكى ئەتراپىڭىزدىكى تونۇش-بىلىشلىرىڭىزنى بۇ خىزمەتكە مۇناسىپ دەپ قارىسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

بۇ ئۇچۇردا ئېنىقسىز نۇقتىلار بولسا، تەپسىلاتىنى خىزمەت ۋاقتىدا بىۋاسىتە ئىشخانىمىزغا كېلىپ ياكى تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ.

شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30/31-ئىشخانا

تور بېكەت ئادرېسى: http://www.yultuzsoft.com

تېلېفون نومۇرى: 8554814 / 8554813-0991

ئېلخەت: service@yultuzsoft.com

 

ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى

2015-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى

بۈگۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تارقىتىش ۋاسىتىسى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلدى. ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئاساسلىقى تېخنىكىلىق قو...

  • 2011/3/24
  • 1,803

2-تۈركۈمدىكى بازار ئېچىش خادىملىرى ئىشقا چۈشتى

8-ئايدا شىركىتىمىز بازار كېڭەيتىش ئېھتىياجىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلەردىن «بازار ئېچىش خادىمى» قوبۇل قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ ...

  • 2013/9/16
  • 1,977

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتېرنېت كەسپىي جەمئىيىتى قۇرۇلدى

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتېرنېت كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى. يۇلتۇ...

  • 2019/12/13
  • 36,635

iOS ئەپ سىنىپىدا 24-چىسلا دەرس باشلىنىدۇ

«iOS ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىلىدۇ» دېگەن تېمىمىزدا دېگىنىمىزدەك، تەييارلىق خىزمەتلەر بىر قۇر پۈتتى. دەرس 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى (يەكشەنبە، چۈشت...

  • 2014/8/14
  • 2,700

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 3-سان

    مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى      مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى      مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى      مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى      ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1      ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2 

  • 2011/7/28
  • 1,900

2017-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2017-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە) سەككىز كۈن دەم ئالىدۇ. 2017-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • 2017/9/26
  • 1,341

شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ 2013-يىلى ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىلى ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2013-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى (...

  • 2013/4/22
  • 2,156

شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ 2014-يىلى يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، چارشەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى (پەيشەنبە) نورمال ...

  • 2013/12/30
  • 1,821

Android سىنىپىدا قايتا دەرس باشلىنىدۇ

Android ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىدا قايتا دەرس باشلىنىدۇ «Android ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىلىدۇ» ناملىق تېمىمىزدا دېيىلگەندەك، بۇ سىنى...

  • 2014/7/26
  • 2,834

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ ۋاقتىدا چىقماسلىق مەسىلىسىگە خاتىمە بېرىلدى

بۈگۈن «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 2011 -يىللىق 4-سانى نەشىردىن چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2-3 يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋاقتىدا چىقماسلىق مەسىلىس...

  • 2011/8/14
  • 1,843
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554813

0991 - 8554814

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.