Android ، iOS ۋە PHP پىروگراممېرى قوبۇل قىلىنىدۇ

يېڭى ئىشخانىغا كۆچۈپ، يېڭى تۈرلەرنى ئېچىش خىزمىتىنى باشلاپ كەتتۇق. قولىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ خېلى كۆپ تۈرلىرى بار. بۇ تۈرلەرنى ۋاقتىدا تاماملاش ئۈچۈن، بىر نەچچە نەپەر iOS پىروگراممېرى، Android پىروگراممېرى ۋە PHP پىروگراممېرى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدۇق.

ۋەزىپىسى: شىركىتىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۆز كەسپى دائىرىسىدە پىروگرامما يېزىش خىزمىتىنى قىلىدۇ.

خىزمەت ئورنى: شىركىتىمىزدە خىزمەت قىلىدۇ.

خىزمەت ۋاقتى: ھەپتىدە 6 كۈن، كۈندە 8 سائەت خىزمەت قىلىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايراملاردا ئارام ئالىدۇ.

تەلەپ: ئۆز ساھەسىدە مۇستەقىل پىروگرامما ئېچىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، رەتلىك، ئۆلچەملىك كود يېزىش ئادىتى بولۇشى، يازغان كودىنىڭ قۇرۇلمىسى ئېنىق، ئىزاھاتلىرى ئۆلچەملىك بولۇشى، ئىلگىرى قىلىپ باققان ئەمەلىي ئەمگىكى بولۇشى، ھەمكارلىشىپ تۈر ئېچىشقا ماھىر بولۇشى، ۋاقىت قارىشى يۇقىرى، مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، ئەخلاقلىق، راستچىل، سەمىمىي، كەسپىي ئەخلاققا ئىگە بولۇشى، شىركىتىمىز بىلەن كەم دېگەندە ئىككى يىللىق ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك.

يىللىق كىرىمى: پىروگراممېرلارنىڭ يىللىق كىرىمى «ئاساسىي مائاش (36 مىڭ يۈەندىن 120 مىڭ يۈەنگىچە) + ئالتە خىل سۇغۇرتا + تۈر مۇكاپاتى + قەرەلسىز مۇكاپات + ھېيتلىق تەمىنات + يىللىق مۇكاپات + پاي ئايرىش» ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ.
پىروگراممېرلار شىركەتتىكى تۆھپىسىگە ئاساسەن، شىركەت پېيىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئايرىپ بېرىلىدىغان پاي ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %1، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %49 بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:

1. ئوقۇش تارىخى بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. تېخنىكا، ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ھەرقانداق كىشى ئىشلىسە بولىدۇ.

2. مىللەت، جىنس، ياش چەكلەنمەيدۇ.

3. پىروگراممېر رەسمىي خىزمەتكە چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئىككى ئاي سىناق ئىشلەيدۇ. سىناق مەزگىلىدە 1500 يۈەن ئىش ھەققى بېرىلىدۇ. سىناقتىن كېيىن پىروگراممېر شىركىتىمىزدىن، شىركىتىمىز پىروگراممېردىن رازى بولسا، ئەمگەك توختامى تۈزۈلىدۇ. [ئەسكەرتىش: (1) پىروگراممېرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، سىناق ۋاقتىنى بىر ئايغا قىسقارتىشقا بولىدۇ؛ (2) پىروگراممېرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، سىناق مەزگىلىدىكى مائاشىنى ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.]

ئۆزىڭىزنى ياكى ئەتراپىڭىزدىكى تونۇش-بىلىشلىرىڭىزنى بۇ خىزمەتكە مۇناسىپ دەپ قارىسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

بۇ ئۇچۇردا ئېنىقسىز نۇقتىلار بولسا، تەپسىلاتىنى خىزمەت ۋاقتىدا بىۋاسىتە ئىشخانىمىزغا كېلىپ ياكى تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ.

شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30/31-ئىشخانا

تور بېكەت ئادرېسى: http://www.yultuzsoft.com/ug-CN

تېلېفون نومۇرى: 8554814 / 8554813-0991

ئېلخەت: service@yultuzsoft.com

 

ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


2012-يىلى چاغانلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2012-يىللىق چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2012-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە) سەككىز كۈن دەم ئالىدۇ. 1-ئاينىڭ 30-كۈنى (دۈشەنبە) خىزمەتكە...

  • 2012/1/20
  • 2,238

2017-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2017-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2017-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى (سەيشەنبە...

  • 2017/4/28
  • 1,946

IDC (تور نامى، تور بوشلۇقى تەمىنلەش) مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى

ئىلگىرى رايونىمىزدا بىر نەچچە شىركەت ۋە شەخسلەر مۇلازىمىتېر قويۇپ، تورداشلارنى تور بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىگەن. لېكىن، مۇلازىمىتېرلارنىڭ مۇقىمسىزلىقى تۈپەيلىدىن، بىر بېكە...

  • 2010/5/17
  • 3,283

شىركىتىمىزنىڭ يېڭى ماركىسى (LOGO) ئېلان قىلىندى

ئۈستىدىكى ماركىنى 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى گۇرۇپپىمىز قۇرۇلغاندا لايىھەلىگەن بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. بۇ ماركا شۇ ۋاقىتتىكى ھەمكارلىقنى ئاساس ...

  • 2012/4/17
  • 4,086

2015-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2015-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2015-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 4-كۈنى (دۈشەنبە) ...

  • 2015/4/28
  • 3,446

Android سىنىپىدا قايتا دەرس باشلىنىدۇ

Android ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپىدا قايتا دەرس باشلىنىدۇ «Android ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىلىدۇ» ناملىق تېمىمىزدا دېيىلگەندەك، بۇ سىنى...

  • 2014/7/26
  • 4,249

2020-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2020-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە) سەككىز كۈن دەم ئالىدۇ. 10-ئاينىڭ 9-كۈنى (ج...

  • 2020/9/29
  • 50,440

شىركىتىمىزنىڭ 2012-يىلى روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2012-يىلى 8–ئاينىڭ 19–كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ، 2012-يىلى 8–ئاينىڭ 22-كۈنى (چارشەنبە) نورمال خىزمەتكە چ...

  • 2012/8/18
  • 3,775

شىركىتىمىزنىڭ 2012-يىلى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى 2012-يىلى 10–ئاينىڭ 1–كۈنى(دۈشەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ، 2012-يىلى 10–ئاينىڭ 2-كۈنى(سەيشەنبە) نورمال خىزمەتكە چۈشىدۇ.

  • 2012/9/30
  • 3,798

2021-يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2021-يىللىق روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2021-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 16-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەتكە چۈشىدۇ.

  • 2021/5/12
  • 9,127
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.