مۇلازىمەت تېلېفونى:
0991 - 8554814
0991 - 8554813
«پۈتۈك» پەقەت بىرلا مەقسەت – Windows Phone دا ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن.
«پۈتۈك» ناملىق بۇ ئەپ Windows Phone نىڭ 8.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرىلىرىدە ئىشلەيدۇ.
«پۈتۈك» ناملىق بۇ ئەپ Windows Phone مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش، پۈتۈكنى ئۈندىدار (Wechat) دىكى دوستلارغا، دوستلار چەمبىرىكىگە، قىسقا ئۇچۇرغا ۋە ئېلخەتكە ھەمبەھرىلەش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.
بۇ ئەپنىڭ تۇنجى نەشرى 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بەزى خاتالىقلار بايقالدى، Windows Phone ئىشلەتكۈچىلىرىمۇ بەزى ياخشى پىكىرلەرنى بەردى.
ئەپنىڭ بۇ قېتىملىق نەشرىدە 1-نەشرىدىكى «پۈتۈك پۈتكەندە نۇر بەلگىسى چىقماسلىق» كاشىلىسىدىن باشقىلىرى ئاساسەن ھەل قىلىندى. بۇ مەسىلىنىمۇ داۋاملىق ھەل قىلىۋاتىمىز.
بۇ ئەپتە بىز ھېس قىلمىغان ئۇنداق ياكى مۇنداق خاتالىقلار ساقلانغان بولۇشى تەبىئىي. كېيىنكى نەشرىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىقتىدارلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئىشلىتىش جەريانىدا خاتالىق بايقىسىڭىز ياكى ئەپكە نىسبەتەن تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسا، service@yultuzsoft.com غا يوللاپ بەرگەيسىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەتراپىڭىزدىكى Windows Phone ئىشلىتىۋاتقان دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇمىغايسىز.
چۈشۈرۈش ئادرېسى 1: بۇ يەرنى بېسىڭ
چۈشۈرۈش ئادرېسى 2: Windows Phone ئەپ بازىرىدىن Xjcfan ياكى Putuk دەپ ئىزدەپ، چۈشۈرۈۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تۆۋەندە ئەپتىن كەسمە رەسىملەر بېرىلدى.
كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى
2016-يىللىق روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2016-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 7-ئاينىڭ 10-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەتكە چ...
2017-يىللىق روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2017-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 6-ئاينىڭ 29-كۈنى (پەيشەنبە) خىزمەتكە چۈشىدۇ.
2020-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2020-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە) بەش كۈن دەم ئالىدۇ. 4-ئاينىڭ 26-كۈنى (يەكشەنبە) ۋە 5-ئا...
بۈگۈن ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئورگان تور بېكىتى-ئەلداۋا ساغلاملىق تورى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، رايونىمىزد...
2020-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2020-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە) ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 4-ئاينىڭ 7-كۈنى (سەيشەنبە) نورمال خىزم...
2017-يىللىق چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2017-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ. 2-ئاينىڭ 3-كۈنى (دۈشەنبە) خىزمەتكە چۈ...
2019-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە) ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 4-ئاينىڭ 8-كۈنى (دۈشەنبە) نورمال خىزمە...
2013-يىلى جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2013-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، پەيشەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى (جۈمە) نورمال خىزم...
2012-يىلى چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2012-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى (پەيشەنبە) نورمال خىزمەتكە چۈش...
2010-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى IDC تور مۇلازىمەت سۇپىسى (www.uydata.com) ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. بۈگۈن بۇ سۇپىنىڭ يېڭى نەشرى – ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى ۋە بىردىنبىر ق...
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.