مۇلازىمەت تېلېفونى:
0991 - 8554814
0991 - 8554813
ICTEF (ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى) قۇرۇلدى
IT كارخانىلىرى ھەمكارلىق يولىغا ھەقىقىي قەدەم باستى
(ئەسكەرتىش: خەۋەرنىڭ ئاساسىي قىسمى نۇر تورىدىن ئېلىندى. ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى شىركىتىمىز تەييارلىدى)
بۇ يىللاردا مەيلى دۆلىتىمىز ئىچىدە بولسۇن ياكى پۈتكۈل خەلقئارا مىقياسىدا بولسۇن IT (ئۇچۇر تېخنىكىسى) ساھەسىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ھەممە ئادەمنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى، ئۇ خۇددى تۇيۇقسىز كەلگەن شىددەتلىك ئېقىندەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تارىلىپ، سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ، پاراۋانلىق، كۈندىلىك تۇرمۇش قاتارلىقلارغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىپ، جەمئىيەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى.
ئۇ ھەتتا ھەربىر شەخىسنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇسلۇبلىرىغىچە ئۈسسۈپ كىردى. ئۇ بۇ جەرياندا ئۇچۇر دەۋرى، زامانىۋىيىلىق، تەرەققىيات قالپىقىنى كىيگەن يېڭى بىر خىل ئىقتىساد ئەندىزىسى، ياشاش ئۇسۇلى شەكىللەندۈرۈپ، ئەنئەنىۋى مەۋجۇتلۇق قانۇنىيىتىگە خىرىس ئېلىپ كەلدى. مۇنداقچە ئېيتساق، بۇ قالپاقنى ئوڭشاپ كىيەلىگەنلەر ۋە بۇنىڭغا ماسلىشالىغانلار ھايات قالدى، تەرەققىي قىلدى. بۇ قالپاقنى كىيەلمىگەنلەر ۋە ماسلىشالمىغانلار بولسا تەبئىيلا شاللاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇچۇر تېخنىكىسىنى جەمئىيەت ئىقتىسادىنى ئالغا سىلجىتىشتا تۈۋرۈكلۈك رول ئوينىغۇچى ئەڭ مۇھىم ئامىل دەپ قاراشقا تامامەن بولىدۇ.
جاھان تەرەققىيات ئەھۋالىدىن ھەممە ھەر ۋاقىت خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىغان بۇ دەۋر بىزگە ئۆزىمىزنى ياخشى تونۇتتى، بىزنى كۆپ ئويلاندۇردى، ئېنىق سېلىشتۇرما ئارقىلىق پەرقنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر مەيدان جەمئىيەتنى ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دولقۇنى شەكىللەندى، ھەرخىل ساھەلەردە كارخانا-شىركەتلەر قۇرۇلدى.
يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، يېڭى دەۋىردىكى يېڭى چولپان — ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىمۇ ئۇيغۇرچىلىقتىن ئورۇن ئېلىپ، دىيارىمىزدا بۇ ساھەدە يېڭى گۈللىنىش دولقۇنى قوزغالدى. ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىقتىساد تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك تەرەققىيات ئىستىقبالى، كەسكىن رەھىمسىز بازار رىقابىتى ۋە پۈتمەس-تۈگىمەس يېڭىلىق يارىتىش پۇرسەتلىرىنى ياراتتى.
ئۇنىڭغا ياخشى ماسلىشىش، جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە توختىماي ئۆزىنى كۈچەيتىپ تۇرۇش لازىم. نىيەت بىر، نىشان ئوخشاش ئەھۋالدا ھەمكارلىق ئەڭ گۈزەل نەتىجىنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئەلۋەتتە.
شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ۋە دىيارىمىزدىكى باشقا سەككىز شىركەتنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشى نەتىجىسىدە، 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى دىيارىمىزدا «ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى» قۇرۇلدى. بۇ مۇنبەر 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇمشاق دېتال ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەستىقلاندى.
بۇ مۇنبەر بىلىم تارقىتىش، ھەمكارلىق، باراۋەرلىك ۋە ئېچىۋېتىش پىرىنسىپى ئاساسىدا پەسىللىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، مەخسۇس سۆھبەت، لېكسىيە قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق IT ساھەسىدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى مەقسەت قىلغان.
مۇنبەرگە دەسلەپكى قەدەمدە دىيارىمىزدىكى توققۇز كارخانا ئەزا بولغان بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
(ئەسكەرتىش: شىركەت ماركىسى باش ھەرپىنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىلدى)
شىنجاڭ ئالماس يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى
ئۈرۈمچى ئەلا يۇمتال چەكلىك شىركىتى
ئۈرۈمچى بىلىگ تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئۈرۈمچى ئۆتكۈر بىز يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئۈرۈمچى ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ يىپەك يولى بۇلۇت تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئۈرۈمچى يەلتاپان ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
بۇ توققۇز كارخانا مۇنبەرنىڭ دەسلەپكى ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزالىرى بولۇپ، بۇ قوشۇن داۋاملىق كېڭەيتىلىدۇ. دىيارىمىزدىكى مۇشۇ ساھەدىكى شىركەتلەر مۇنبەرگە تىزىملىتىپ، ئەزا بولسا بولىدۇ.
ئەزا تىزىملاش ئېلخېتى: tayir@almas.biz
مەزكۇر مۇنبەر ئۇيغۇر IT كارخانىلىرىنىڭ ھەقىقىي تۈردە ھەمكارلىق يولىغا قەدەم باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قەدەملەردىن يېڭى بىر گۈللىنىش پەيدا بولغۇسى.
ھەمكارلىق ھەققىدىكى بۇ خەۋەرنى ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇلنىڭ 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سۆزلىگەن «IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» لېكسىيەسىدىكى تۆۋەندىكى بايانلار بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز.
«بىز IT كارخانىلىرى ھامان ھەمكارلىشالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنگەن ئىدۇق. دەرۋەقە، مانا ھەمكارلاشتۇق. بىز پەقەت ھەمكارلىققىلا ئەمەس، ھەقىقىي ھەمكارلىقنىڭ نەتىجە بېرىدىغانلىقىغا، ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققان مەشغۇلات سىستېمىسى، تاختا كومپيۇتېر، يان تېلېفون قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ھامان ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىغا، شۇ مەھسۇلاتلارنى ھەممىمىزنىڭ تاراقشىتىپ تۇرۇپ ئىشلىتىدىغانلىقىمىزغىمۇ ئىشىنىمىز. بىز بۇ مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش يولىدا ئاداققىچە، تاكى قارا تۇپراققا كىرىپ كەتكۈچە ماڭىمىز.»
2013-يىلى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى خادىملىرى (2013-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە) بەش كۈن دەم ئالىدۇ. 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ...
2013-يىلى چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2013-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى (جۈمە) نورمال خىزمەتكە چۈشىدۇ.
2017-يىللىق يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-كۈنىگىچە) ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى (سەيشەنبە)...
«IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدىكى لېكسىيەنىڭ تولۇق تېكىستى لېكسىيە سۆزلىگۈچى: ئەمەتجان رۇسۇل (كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش پىرو...
بۈگۈن شىركىتىمىز ئىسكەندەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى «ئسىكەندەر» ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
2019-يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 8-ئاينىڭ 14-كۈنى (چارشەنبە) خىزمەتكە چۈشىدۇ.
شىركىتىمىزنىڭ IDC تور مۇلازىمىتى سۇپىسى http://www.uydata.com تۆت يىل ئىلگىرى (2010-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى) ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. بۇ تۆت يىل جەريانىدا مۇلازىمىتىمىزنى قوبۇ...
مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1 ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2
بۈگۈن شىركىتىمىز «مۇساباي» ئىقتىساد تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.
2015-يىلى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2015-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە) ئالتە كۈن دەم ئالىدۇ. 7-ئاينىڭ 22-كۈنى (چارشەنبە) خىزمەتكە چۈشىدۇ...
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.