DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسى تارقىتىلدى

ئۇيغۇر-قازاق قېرىنداشلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالدىنقى نىشان قىلغان DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسى بۈگۈن قولدىن چىقتى.

سىستېمىنى ئېلان قىلىشتىن ئاۋۋال DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسىنىڭ تەييارلىنىشى ھەققىدە ئاز-تولا سۆز قىلىشنى لايىق كۆردۇق.

بىز DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسىنى تەييارلاشقا كىرىشكىنىمىزدە، تارىم قازاق تور بېكىتى ياردەمدە بولماقچى بولغان ئىدى. كېيىن بۇ خىزمەتكە ئارمان قازاق تور بېكىتىمۇ ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداق قىلىپ بۇ خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتۇق.

خىزمەت 14-كۈنىگە قەدەم قويغاندا، تەرجىمە ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلاشتى. لېكىن بىز تەرجىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئەجەللىك خاتالىققا يول قويغىنىمىزنى بىلدۇق. قازاقچە تىل ھۆججىتى تەرجىمىسىنى ئىككى تور بېكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن ئورۇندا تەرجىمە پەرقى ساقلانغان، ھەم PHP جەھەتتىكى يېتىشسىزلىك تۈپەيلىدىن %70 تىن ئارتۇق ھۆججەت بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىكەن. ۋاقىت قىستاپ كېلىۋاتاتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسىنى ئېلان قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش كېرەكمۇ؟

ۋاقىتنى كېچىكتۈرۈپ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشكىلى بولاتتى. لېكىن بىز بۇنى مۇۋاپىق كۆرمىدۇق. ئاقىۋەت ئەسلىدىكى تەرجىمىگە بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ دېگۈدەك تەرجىمە خىزمىتىنى قايتىدىن باشلىدۇق. يۇقىرىدىكى ئىككى تور بېكەت يەنە يېقىندىن ياردەمدە بولدى. ۋاقتىنى ئۇتۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دېمەي خىزمەت قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسى ئېلان قىلىندى.

قازاقچىلاشتۇرۇلغان DedeCMS V5.5 ھەققىدە

1. باشقۇرۇش بېتى (ئارقا سۇپا) تەرجىمە قىلىنماي، يېزىق كىرگۈزۈلىدىغان ئورۇنلار قازاقچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە كەلتۈرۈلدى.

2. قازاقچە لۇغەتلەردىن پايدىلىنىلىپ، تەرجىمە ئىملاسى تۈزىتىلدى.

3. بەت يۈزى IE , Firefox لارغا ماسلاشتۇرۇلدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى Firefox تا Eot تونۇماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

4. ئىشلىگۈچى تەرەپ ئەسكەرتكەن ۋە ئۆزىمىز زۆرۈر دەپ قارىغان بىخەتەرلىك ياماقلىرى قاپلىۋېتىلدى.

قوشۇمچە:

5. قازاقچىلاشتۇرۇلغان DedeCMS V5.5 سىستېمىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈن، PHP قوللايدىغان تور بوشلۇقى ۋە MYSQL ساندان بوشلۇقى تەييارلىشىڭىز كېرەك.

بايانات :

1. گۇرۇپپىمىز قازاقچىلاشتۇرۇپ تارقاتقان DedeCMS V5.5 نىڭ بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى گۇرۇپپىمىزغا تەۋە.

2. قازاقچە نۇسخىدىكى DedeCMS V5.5 سىستېمىسى باش بېكەتنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئەنگە ئېلىنغان. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە، سىستېمىنىڭ ئەسلى ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ۋە قازاقچىلاشتۇرۇش ھوقۇقى ساقلاپ قىلىنىدۇ. جۈملىدىن بېكەت ئاستىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى (باش بېكەت ۋە قازاقچىلاشتۇرغۇچى ئۇچۇرلىرىنى) چىقىرىۋېتىشكە، ئەقلىي مۈلۈك ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىغا دەخلى قىلىشقا بولمايدۇ.

3. بېكىتىمىز قازاقچىلاشتۇرغان DedeCMS V5.5 ھەقسىز تارقىتىلدى. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ھەرقانداق شەكىل، ھەرقانداق سەۋەب بىلەن سېتىشىغا بولمايدۇ.

ئاخىرقى سۆز:

1. بىزنى قوللىغان تورداشلارغا، DedeCMS نىڭ تەرجىمىسىدە يېقىندىن ياردەمدە بولغان تارىم قازاق تورىغا، ئارمان قازاق تورىغا، تېخنىكىلىق خىزمەتلەردە جاپالىق ئەجىر قىلغان گۇرۇپپىمىز ئەزالىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

2. كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ DedeCMS ھەققىدىكى تەجرىبىلىرىنى تورداشلار ھۇزۇرىغا سۇنۇپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

3. DedeCMS نى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر، تەكلىپ، پىكىرلەر يوللاپ، كېيىنكى قېتىملىق نۇسخىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل چىقىشىغا ھەسسە قوشۇشىڭىزنى سورايمىز.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


2018-يىللىق دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-يىللىق دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ. 10-ئاينىڭ 8-كۈنى (دۈشەنبە) خىزمەتكە چۈ...

  • 2018/9/28
  • 12,697

«جادۇ كۆز ئۇيغۇرچە ئىزدەش سۇپىسى» ئېچىۋېتىلدى

توردىن ئۇيغۇرچە ئۇچۇر ئىزدەش سىستېمىسى «جادۇ كۆز ئۇيغۇرچە ئىزدەش سۇپىسى» بۈگۈن ئېچىۋېتىلدى. بۇ سىستېما خەلقئارادىكى داڭلىق ئىزدەش ماتورى Google نى ئۆزىگە يادرو قىلغان ...

  • 2010/9/10
  • 3,926

شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ 2012-يىلى يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2012-يىلى يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2012-يىلى 1-ئاينىڭ 1-، 2-كۈنلىرى، يەكشەنبە، دۈشەنبە) ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ...

  • 2011/12/30
  • 2,601

تۇنجى تۈركۈمدىكى بازار ئېچىش خادىملىرى ئىشقا چۈشتى

8-ئايدا شىركىتىمىز بازار كېڭەيتىش ئېھتىياجىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى شەھەر، ناھىيەلەردىن «بازار ئېچىش خادىمى» قوبۇل قىلىشنى باشلىغان ئىدى. بۈگۈن تۇنج...

  • 2013/9/6
  • 3,281

iOS ئەپ سىنىپىدا 24-چىسلا دەرس باشلىنىدۇ

«iOS ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىلىدۇ» دېگەن تېمىمىزدا دېگىنىمىزدەك، تەييارلىق خىزمەتلەر بىر قۇر پۈتتى. دەرس 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى (يەكشەنبە، چۈشت...

  • 2014/8/14
  • 4,697

2014-يىلى روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2014-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى (جۈمە) نورمال خىزمە...

  • 2014/7/22
  • 3,283

2020-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2020-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2020-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە) بەش كۈن دەم ئالىدۇ. 4-ئاينىڭ 26-كۈنى (يەكشەنبە) ۋە 5-ئا...

  • 2020/4/29
  • 67,045

2018-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى (چارشەنبە...

  • 2018/4/26
  • 2,112

«ئسىكەندەر» ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى

بۈگۈن شىركىتىمىز ئىسكەندەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى «ئسىكەندەر» ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  • 2012/8/25
  • 3,022
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.