ئىشخانا ئىجارە ئېلىش ئېلانى

ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى قۇرۇلغان، «سەمىمىيەت، بىرلىك ۋە ئىختىرالىق»نى شوئار قىلغان، تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش بىر گەۋدە قىلىنغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى بولۇپ، ئاساسلىقى تور قۇرۇلۇشى، يۇمشاق دېتال ۋە ئەپ ئېچىش تەتقىقاتى، قاتتىق دېتال ئېچىش تەتقىقاتى، يۇمشاق دېتال، ئەپ، تور بېكەت يەرلىكلەشتۈرۈش تەتقىقاتى، كومپيۇتېر، IT تېخنىكىلىرى تەتقىقاتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، IDC تور مۇلازىمىتى، UE/UI لايىھەلەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، سىپىرلىق مەھسۇلاتلار، ئالاقە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

شىركىتىمىز بۇ يىل كەسىپ كېڭەيتىش ئېھتىياجى ۋە يۇقىرى ساھەلەر ھەمكارلىق پىلانىغا ئاساسەن، بىر تۈركۈم تېخنىكىلىق خادىملارنى قوبۇل قىلدى. خىزمەت سىجىللىقى ۋە تەتقىقات تۈرلىرىمىزنىڭ ئاكتىپ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن، بىز ئولتۇراق رايونلاردىن يەنە ئىككى يۈرۈش ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ، شىركەتنىڭ تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتمەكچى. بۇ ئۆيلەر بىر تۇتاش شىركەت لايىھەسى تەلىپىدە ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆيلەرگە قويۇلىدىغان كونكرېت تەلەپ:

1. ئورۇن جەھەتتىن ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونىدا بولۇشى كېرەك.

2. قۇرۇلما جەھەتتىن ئۈچ ھۇجرا، بىر مېھمانخانىلىق ئۆيدىن بىر يۈرۈش، ئىككى ھۇجرا بىر مېھمانخانىلىق ئۆيدىن بىر يۈرۈش، جەمئىي ئىككى يۈرۈش ئۆي لازىم. ئەسكەرتىش: (1) مېھمانخانا ئۆي 40 كىۋادرات مېتىردىن كىچىك بولماسلىقى كېرەك. ئۆينىڭ ئومۇمىي چوڭلۇقىغا چەكلىمە يوق. (2) بۇ ئىككى يۈرۈش ئۆي بىر بىنانىڭ بىر قەۋىتىدە بولسا تېخى ياخشى. ئەڭ بولمىغاندا بىر بىنانىڭ ئاست-ئۈستى قەۋەتلىرىدە بولسىمۇ بولىدۇ.

3. مۇھىت جەھەتتىن پاكىز، ھويلا-ئاراملىرى ئۆلچەملىك يېشىللاشتۇرۇلغان، ئاممىۋىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى لاياقەتلىك بولۇشى كېرەك.

4. ئەڭ ئاز بولغاندا ئۈچ يىللىق ئىجارە بېرەلىشى كېرەك.

5. ئۆينىڭ شارائىتى بىزنىڭ تەلىپىمىزگە يەتسىلا، شىركىتىمىز ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىجارە ھەققى مەسىلىسىدىكى تەلەپلىرىنى تولۇق قاندۇرىدۇ.

ئېھتىياجىمىزغا ماس كېلىدىغان ئۆيى بارلار ياكى شۇنداق ئۆيلەرنىڭ ئۇچۇرىنى بىلىدىغانلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئالاقە ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30/31-ئىشخانا

تور بېكەت ئادرېسىمىز: http://www.yultuzsoft.com/ug-CN

تېلېفون نومۇرىمىز: 8554814 / 8554813-0991

ئالاقىلەشكۈچى: ئەمەتجان رۇسۇل

يان تېلېفون: 13999947028

ئېلخەت: service@yultuzsoft.com

ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


شىركىتىمىز UI لايىھەلىگۈچى قوبۇل قىلىدۇ

نۆۋەتتە ئېچىۋاتقان تۈرلەر ۋە كېيىنكى زۆرۈر خىزمەتلەر ئۈچۈن، شىركىتىمىز UI لايىھەلىگۈچى قوبۇل قىلىدۇ. 1. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان UI لايىھەلىگۈچى: 2 نەپەر 2. ئىشتىن سىرت ئى...

  • 2014/3/21
  • 4,074

2020-يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2020-يىللىق روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2020-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 26-كۈنى (سەيشەنبە) خىزمەتكە چۈشىدۇ...

  • 2020/5/21
  • 64,484

2018-يىللىق جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-يىللىق جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە) ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 9-ئاينىڭ 25-كۈنى (سەيشەنبە) خىزمەتكە...

  • 2018/9/20
  • 2,866

ژۇرنال خادىملىرىنىڭ 2013-يىلى ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىلى ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى خادىملىرى (2013-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) بەش كۈن دەم ئالىدۇ. 2013-يىل...

  • 2013/4/25
  • 3,744

يۇلتۇزسوفت 2 ياشقا كىردى

يۇلتۇزسوفت تەتقىقات، تەربىيەلەش، ئىشلەپچىقىرىشنى بىر گەۋدە قىلغان، دۇنيا IT ساھەسىدىكى سەركە شىركەتلەرنىڭ تەرەققىيات نىشانىغا ياندىشىپ، ھەقىقىي مەنىدىكى يۇقىرى پەن-تېخ...

  • 2018/1/13
  • 2,667

2013-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىلى چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2013-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى (جۈمە) نورمال خىزمەتكە چۈشىدۇ.

  • 2013/4/1
  • 2,268

«ئسىكەندەر» ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى

بۈگۈن شىركىتىمىز ئىسكەندەر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى «ئسىكەندەر» ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  • 2012/8/25
  • 2,964

2019-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ. 2-ئاينىڭ 11-كۈنى (دۈشەنبە) خىزمەتكە چ...

  • 2019/2/1
  • 26,194

«ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى» تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى

بۈگۈن شىركىتىمىز ««ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى» تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  • 2012/2/3
  • 3,121

ژۇرنال خادىملىرىنىڭ 2014-يىلى يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ژۇرنال خادىملىرى (2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، چارشەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى (پەيشەنبە) نورمال خىزم...

  • 2013/12/30
  • 3,163
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.