«IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدىكى لېكسىيەنىڭ تولۇق تېكىستى

«IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدىكى لېكسىيەنىڭ تولۇق تېكىستى
لېكسىيە سۆزلىگۈچى: ئەمەتجان رۇسۇل
(كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش پىروگراممېرى، باش دىرېكتورى،
«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى)
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سۆزلەنگەن

ئىلاۋە: بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى «IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق» تېمىسىدىكى لېكسىيەنىڭ ئۇچۇرى بېرىلگەن ئىدى.

بۇ لېكسىيە تۈنۈگۈن دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۆزىمىز ئويلىغاندىنمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ۋە بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بۇ ھەقتە بىزگە تېلېفون قىلغانلار، ھەمكارلىشىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. بەزى شىركەتلەر بىلەن مۇشۇ بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە ھەمكارلىق توختامى تۈزىدىغانغا كېلىشتۇق.

قىسقىسى، ھەمكارلىق بىزگە ھەقىقەتەن زۆرۈر ئىكەن. ھەمكارلىقنى چۈشىنىدىغانلار، خالايدىغانلار سىلەر -بىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ئىكەن.

تۆۋەندىكىسى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قارلۇقتا سۆزلەنگەن لېكسىيەنىڭ تولۇق تېكىستى.

______________________________

سىلەر بىلەن دىدارلاشقىنىمدىن خۇشالمەن. مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشۇڭلارنى قايرىپ قويۇپ، ئارام ئېلىش ۋاقتىڭلارنى قۇربان قىلىپ تۇرۇپ، مەزكۇر لېكسىيەگە قاتنىشىپ بەرگەنلىكىڭلاردىن سۆيۈندۈم! كەلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا!

كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئارىمىزدا كومپيۇتېر بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان ئادەم ناھايىتى ئاز!

يەنە كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئارىمىزدا تېلېفون ئىشلەتمەيدىغان ئادەم ناھايىتى ئاز!

ھالبۇكى، ئەتىگەندە ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلار چوقۇم بار…!

دېمەك، مەن ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، ھازىر كومپيۇتېر ھاياتىمىزدا تاماقتەكلا مۇھىم. ھەتتا ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ «ئۈچ ۋاق تامىقى»!

بۈگۈنكى لېكسىيە مانا مۇشۇ ئالاھىدە «تاماق» ھېسابلىنىۋاتقان كومپيۇتېر بىلەن ئادەم، IT چىلارنىڭ ئۆز ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى، شۇنداقلا IT كەسىپدارلىرى بىلەن جەمئىيەت توغرىسىدا بولىدۇ.

لېكسىيەنىڭ كىچىك تېمىلىرى:

1. IT كەسپى ۋە ئادەم

2. IT كەسپى ۋە جەمئىيەت

3. IT كەسپى ۋە شىركىتىمىزنىڭ ئەمگەكلىرى

4. IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق روھى

IT كەسپى ۋە ئادەم

تۇغۇلۇپ ئېسىمنى بىلسەم، ئادەمنىڭ قورسىقى ئاچىدىكەن، تۈرلۈك ھاجەتلىرى قىستايدىكەن. جىسمى بارغانچە يوغىنايدىكەن. ئەمما روھىي جەھەتتىكى ئېھتىياج يۇقىرىقىلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ھالەتتە ئۆز سىجىللىقىنى ساقلاپ ئاستا-ئاستا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئادەمنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇش شەكلىنى جەمئىيەت بىلەن ماس قەدەمدە كودىلاپ پۈتتۈرۈپ چىقىدىكەن. روھىي دۇنيايىمىزدا قانداق بۇيرۇق بولسا، بىزنىڭ ياشاش ئۇسۇلىمىزمۇ شۇ بويىچە سىستېمىلىشىپ، جەمئىيەت ئاتلىق بۇ «بوشلۇق» قا قاچىلىنىدىكەن.

مېنىڭچە، ئادەمدىكى ماددىي ئېلېمېنتلار مىقدار جەھەتتىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئېدىسوندا بار مېڭە قېتىقى رەستىلەردىكى يايمىچى بالىلارنىڭ باش سۆڭىكى ئىچىدىمۇ بار. بېكھامدىكى يۈگۈرۈك ئىككى پۇت سىلەردىمۇ بار. بىل.گەيتىستە بار يەتتە ئەزا مەندىمۇ بار. شۇغىنىسى، ئۇلارنىڭ ئىجادىي كۈچى بىزدە يوق. ئۇلاردىكى ئىلىم روھى بىزدە يوق! ئەمما ئىشخانىمىزدا، ئائىلىمىزدە، سومكىمىزدا ئۇلار ئىشلەپ بەرگەن كومپيۇتېر بار. كومپيۇتېردا ئۇلار تۈزۈپ بەرگەن سىستېمىلار بار. ھەتتا ئىشخانامدىكى تامدىمۇ بىل.گەيتىسنىڭ سۈرىتى!

ئاسفالت يوللار بىزدىن، ماشىنىلار ئۇلاردىن!

كۆز بىزدىن، تېلېۋىزور ۋە كىنولار ئۇلاردىن!

ھاۋا بىزدىن، ئايروپىلانلار ئۇلاردىن!

قورساق بىزدىن، تەمى ئالاھىدە تەڭشەلگەن، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مۇھىتتا ئىشلەنگەن ھەرخىل ئىچىملىكلەر ئۇلاردىن!

كېسەل بىزدىن، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، دورا-ئوكۇللار ئۇلاردىن!…

بۇنداق روشەن سېلىشتۇرما قىلىۋەرسەك ئانچە ئادىللىق بولماسلىقى مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بىزمۇ بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ ئاكتىپ ئىستېمالچىسى بولۇشتىن بارا-بارا ئىشلەپچىقارغۇچى بولۇشقا قاراپ يۈزلەندۇق. نۇرغۇن مىللىي كارخانىلار يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرى بارغانچە كۆلەملىشىشكە، ئىلمىيلىشىشكە باشلىدى. بىز بۇ خىل نەتىجىلەردىن سۆيۈنۈشكە ھەقلىق! ئۆزىمىزنىڭ كاستۇم-بۇرۇلكىلىرىنى كىيىپ تۇرۇپ، ئۆز ئىچىملىكلىرىمىزنى ئىچىپ تۇرۇپ، چاچلىرىمىزنى ئۆز سوپۇنلىرىمىزدا يۇيۇپ پارقىرىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات پىلانلىرىمىز ھەققىدە ئېچىلىپ-يېيىلىپ سۆزلەشكە ئەلۋەتتە ھەققىمىز بار! شۇڭا، ئىشخانامدىكى بىل.گەيتىس ۋە ستىۋې.جوبسنىڭ سۈرىتى يېنىغا ئۆزىمىزنىڭ ھوشۇر ئىسلام ۋە ئالىم ئەھەتلىرىمىزنىڭ سۈرىتىمۇ ئېسىلدى.

يەنە بىر خۇشال بولىدىغان يېرىم شۇكى، شۇ تاپتا كامالنىڭ كاستۇمىنى ، ئىمكاننىڭ ئىشتىنىنى كىيىپ، ئابىدەنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى ئىچىپ تۇرۇپ بۇ لېكسىيەنى سۆزلەۋاتىمەن. قولۇمدا بىلكاننىڭ تاختا كومپيۇتېرى تۇرۇپتۇ.

شۇنداق، مەن شۇ تاپتا ئۇيغۇرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ، لېكسىيە سۆزلەۋاتىمەن. مۇبادا ۋۇجۇدۇمدا ھەقىقىي ئۇيغۇرغا خاس تەۋەككۈلچىلىك، مەردلىك، يىراقنى كۆرەرلىك، ھەمكارلىق روھى تولۇق بولسا ئىدى، جاھاندا مەندىن قاملاشقان، مەندىن نوچى ئادەم بولمايتتى.

مەن – كومپيۇتېرنى كەسىپ قىلىپ تاللىغۇچى…

مەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا كومپيۇتېر بىلەن تۇنجى ئۇچراشقان. تۇنجى ئۇچرىشىشتىلا ئۇنىڭغا كۆڭلۈم چۈشۈپ قاپتىكەن…

بۇ گېپىمنى ئاشىق بولۇپ باققان، ئىشق دەردىنى چۈشىنىپ باققان كىشىلەر تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.

شۇڭا يەتتە يىل بۇرۇن، تۇرمۇش كۆڭۈلسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئۇچتۇرپاندىن ئىچكىرىگە باش ئېلىپ چىقىپ كەتكەن چېغىمدا، كومپيۇتېرىمنىمۇ بىللە ئېلىپ ماڭغان ئىدىم.

ئىچكىرىگە چىقىپ، يەنە شۇ ئۆزۈم ئاشىق بولغان كەسىپتە «گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال ئىلىمى باغچىسى»غا ئوقۇشقا كىردىم.

ئوقۇش جەريانىدا گۇاڭدۇڭ يۇمشاق دېتال ئىلىمى باغچىسىنىڭ بەزى تۈرلىرىگە قاتناشتىم. قاتناشقان بەزى تۈرلىرىم خەلقئارا دەرىجىلىك تۈرلەرمۇ بولدى.

شۇ يىللاردا مەن قاتناشقان «خەلقئارالىق ئىقتىسادنى كۆزىتىش ۋە پەرەز قىلىش سىستېمىسى» نامىدىكى بىر تۈر بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپتۇ. مەن 10 نەچچە كۈن بۇرۇن بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنى ۋە مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.

بۇ – يۇقىرى پەن-تېخنىكا كەسپى. ئىش قاملاشمىسا بۇ يەردە ئىسراپ بولىدىغىنى پۇللا ئەمەس، پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدىغان ماددىي بۇيۇم ئەمەس، بەلكى ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان زېھىن ۋە ۋاقىت.

شۇنداق، كومپيۇتېر، ئۇ بىر مەھسۇلاتتۇر. ئۇ ئادەملەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھەر بولۇپ ئۇيۇشۇشىدۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ ئادەمدىن شەرەپلىك ھەمدە قىممەتلىك ئەمەس. ھالبۇكى، ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشلەتمىگەنلىكتىن داتلىشىپ كەتكەن كىشىلەردىن كومپيۇتېر تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھەمدە ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. ئادەمنىڭ مەھسۇلاتلارنى ئىختىرا قىلىشتىكى تۈپ مەقسىتى – ھاياتىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇسۇلىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. ھەرقانداق مەھسۇلات ۋە مېتود ئادەم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بىز مانا مۇشۇ نۇقتىدا ئەگىپ كەتمىسەكلا، نېمە ئۈچۈن ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا يەنىمۇ موھتاج بولىدىغانلىقىمىزنى؛ بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئۈچۈن كومپيۇتېرلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، سىستېمىلىشىش ۋە تورلىشىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجىمىز چۈشىدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلالايمىز.

شۇنداق، بۇ كەسىپ جاپالىق، ئەمما بىز ئۈچۈن كۆڭۈللۈك كەسىپ. مەن بەزىلەردىن «بۇنداق جاپالىق ئىشلەشتىن زېرىكمىدىڭىزمۇ؟» دېگەن سوئالنى كۆپ ئاڭلايمەن. دېھقان دېھقانچىلىقتىن، ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ھەم زېرىكەلمەيدۇ. پىروگرامما تۈزۈشنىڭ ئۆزىلا «جاپالىق ئىشلەش» دېگەنگە تەڭداش گەپ. ئەڭ مۇھىمى مەن كومپيۇتېرغا، پىروگراممىغا ئاشىق. شۇنداق بولغانىكەن، مېنىڭمۇ زېرىكىشكە ئامالىم يوق. دېمىسىمۇ، ئاشىق مەشۇقىدىن زېرىككەن نەدە بار؟

IT كەسپى ۋە جەمئىيەت

شۇ تاپتا بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا دۇنيادىن كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون غايىب بولسا، تۇرمۇشىمىزدا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرەر؟

راست گەپنى قىلغاندا، بۇ ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ تۈگىتىش تەس. ئائىلىنى ئېلىپ ئېيتساق، تورلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر ۋە سۇ باشقۇرۇش مېخانىزمى تۈپەيلىدىن سۇ توختايدۇ، توك توختايدۇ. سۇ بولمىسا قانداق بولىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان، يېگىلىمۇ-چىقارغىلىمۇ بولمايدۇ. يان تېلېفونىڭىز يوق، باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشالمايسىز. بالىلىرىڭىز ئوينايدىغان ئويۇن يوق، يىغىسىنى باشلايدۇ. جەمئىيەتنى ئېلىپ ئېيتساق، پۇل مۇئامىلە توختايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش توختايدۇ. داۋالاش سىستېمىسى توختايدۇ. كارخانىلار پالەچلىنىدۇ. بانكىلار تاقىلىدۇ. ۋاقىت ئۇزارسا ئادەملەرنىڭ پىسخىك تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ قاتتىق ئەسەبىيلىشىدۇ. جەمئىيەت مالىمانچىلىققا تولىدۇ…

دۆلەتنى ئېلىپ ئېيتساق، ئاۋۋال دۆلەت مۇداپىئە تورى پالەچلىنىدۇ. ئۇچۇرلاشتۇرۇلغان قورال-ياراغ باشقۇرۇش بوشلۇقى بولمايدۇ. سۈنئىي ھەمراھ پاچاقلىنىدۇ… قىسقىسى ئالەمنى ياۋايىلىق باسىدۇ.

مانا بۇ – قىسقىغىنا نەچچە يىلدا كومپيۇتېرنىڭ ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەن ئالەمشۇمۇل تەسىرى.

بىراق، كۆپىنچىمىز بۇ خىل تەسىرنى بەكمۇ يۈزەكى چۈشىنىۋالىمىز.

مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇچتۇرپان چەت، خىلۋەت، ئادەملىرى تولىمۇ ساددا بىر يۇرت. مەن تاكى 18 يېشىمغىچە كومپيۇتېرنى پەقەت كىنولاردىلا كۆرۈپ باققان. شۇ چاغلاردا ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىدە IT كەسپى، جۈملىدىن كومپيۇتېر كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ قېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان. ئوقۇتقۇچى بولۇشنى، بولغاندىمۇ «پەنلەرنىڭ ئاتىسى» دەپ تەرىپلىنىدىغان ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇشنى ئويلايتتىم.

تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كومپيۇتېردا ئوقۇپ، كومپيۇتېرنى كەسىپ قىلىپ تاللاپ قالدىم. ئەگەر كومپيۇتېرنى كەسىپ قىلمىغان بولسام، بۇ ئۈسكۈنە بىلەن تېخىمۇ كېيىن تونۇشۇشۇم مۇمكىن ئىدى.

لېكىن، ھازىر ئۇنداق ئەمەس. نۇرغۇن ئۆيلەردە كومپيۇتېر بار، تور بار، يان تېلېفون بار. بالىلار كىچىكىدىنلا بۇ زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر بىلەن تونۇشۇپ چوڭ بولىدۇ. مىسال ئالسام، مېنىڭ ئۆيۈمدە بىر دانە ئۈستەل كومپيۇتېرى، ئىككى دانە خاتىرە كومپيۇتېرى، ئۈچ دانە تاختا كومپيۇتېر، 4-5 دانە يان تېلېفون بار. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى خەلقئارا تورغا ئۇلانغان. مانا بۇ ھازىرقى رېئاللىق. مانا بۇ ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى، مانا بۇ ھازىرقى دۇنيانىڭ IT كەسپىگە قانچىلىك باغلىنىپ كەتكەنلىكىنىڭ يارقىن ئىپادىسى.

بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەر بىرەيلەن ئۆز كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، بولۇپمۇ كارخانىچىلار كارخانا باشقۇرۇش، مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش، بازار ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى يادلىۋېلىش، قەغەزگە خاتىرىلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ ئەمدى كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى، IT كەسپىنىڭ ئۆز كەسپىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ زۆرۈر ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى چوقۇم ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.

2013-يىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نادىر ئېلانى دەپ قارىلىۋاتقان «ئەركەكلەرنىڭ كىملىكى-مىراس ئەرلەر كىيىملىرى» ناملىق تېلېۋىزىيە ئېلانى بۇنىڭغا مىسال بولسا كېرەك.

شۇنداق، ئۇيغۇر كارخانىلىرى ئەمدى IT كەسپىنى نەزەرگە ئالماي تۇرۇپ، IT كەسپىگە تايانماي تۇرۇپ ئەڭ ئەقەللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. دىققەت قىلىڭلاركى، مەن تەرەققىي قىلالمايدۇ دېمىدىم، مەۋجۇت بولالمايدۇ دەۋاتىمەن. 18 يىللىق IT خادىمى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 11 يىللىق كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمەن.

IT كەسپى ۋە شىركىتىمىزنىڭ ئەمگەكلىرى

مەن 2008-يىلى يىل بېشىدا ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ تاكى 2010-يىلى 2-ئاينىڭ بېشىغا قەدەر شىنجاڭنىڭ IT كەسپىنى ناھايىتى تەپسىلىي كۆزەتتىم. نۇرغۇن بوشلۇقنى، پۇرسەتنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە كەسىپدىشىم بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۈگۈنكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتىنىڭ ئۇلى بولغان كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىنى قۇردۇم.

گۇرۇپپا بولۇپ تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، گۇرۇپپىغا باش بولۇپ، بىر نەچچە تور بېكەت سىستېمىسى ۋە يۇمشاق دېتالنى ئىشلەش، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، ئىلگىرى ئىشلىگەن يۈرۈشلۈك كومپيۇتېر ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتاللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇنتىزىم تور بېكەت قۇرۇپ، ئاۋامغا كومپيۇتېر، تور بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىنى تېخىمۇ مۇنتىزىم قىلدىم.

2011 -يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «پەن ۋە مائارىپ» پىروگراممىسى گۇرۇپپىمىزنى زىيارەت قىلدى.

2011-يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئاشكارا نەشر قىلىنىدىغان بىردىنبىر كومپيۇتېر بىلىملىرى ژۇرنىلى – «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى ھەمكارلىشىپ چىقىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتۇق.

تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتى، «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى ھەمكارلىشىپ چىقىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشىمىز قىلغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئاۋامنىڭلا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

شۇنداق، بىز 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى نامىدا شىنجاڭنىڭ تور، يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلدۇق.

2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگىچە نۇرغۇن يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق خىزمەتلەرنى قىلدۇق. ئىدارە-ئورۇنلار ۋە شىركەتلەرنىڭ بەزى تۈرلىرىگە ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا كەسپىي سەۋىيەمىز، تېخنىكا ئىقتىدارىمىز جەھەتتە قەتئىي مەسىلە بولمىسىمۇ، بۇ تۈرلەرگە قاتنىشىشتىن مەھرۇم قالدۇق. چۈنكى، بىز تېخى يەككە سالاھىيەتتە ئىدۇق. ئاخىرى سالاھىيىتىمىزنى تېخىمۇ مۇنتىزىملاشتۇرۇش، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىگە ھەقىقىي بىر قانۇنىي ئىگە سۈپىتىدە كىرىش مەقسىتىدە، 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى «ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى» نى ئەنگە ئالدۇردۇق.

شىركىتىمىز «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇپ، ئىككى يېرىم يىل بولغاندا – 2013-يىلى 8-ئايغا كەلگەندە مەن دۆلەت ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئاشكارا نەشر قىلىنىدىغان بىردىنبىر كومپيۇتېر ژۇرنىلى – «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكى ۋە مەسئۇل كوررېكتورلۇقىغا تەكلىپ قىلىندىم.

ژۇرنال نەشر قىلىنغان دەسلەپكى يىللىرى مەن بۇ ژۇرنالغا بىر نەچچە ماقالە ئەۋەتكەن ئىدىم. بىر نەچچە سان ژۇرنالنى تەكرار تەكشۈردۈم، لېكىن ماقالەم بېسىلمىدى. ئۇ ۋاقىتتىكى «ژۇرنالغا ماقالەم بېسىلسىكەن» دېگەن ئىنتىزارلىقىمنى تىل بىلەن ئىپادىلىمەك تەس.

بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ ژۇرنال مېنىڭ قولۇمدىن چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ، ئادەم نېمىنى ئارزۇ قىلسا ۋە شۇ يولدا ساپ نىيىتى بىلەن ھەرىكەت قىلسا، ھەسسىلەپ نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىغا چىن پۈتىمەن.

كۈنلەر ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ شىركىتىمىز رايونىمىزدىكى مۇنتىزىم پىروگرامما ئېچىش شىركەتلىرىنىڭ بىرسىگە ئايلاندى. بۇ جەرياندا شىركىتىمىز دوختۇرخانا باشقۇرۇش سىستېمىسى، موتورلۇق ئۈسكۈنىلەر سېتىش زەنجىرسىمان دۇكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئاھالىلەر كومىتېتى نوپۇس باشقۇرۇش سىستېمىسى، چىش كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەپ، خېرىدارلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى، تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيەسى «ئىگىلىك سەھنىسى» پىروگراممىسى، ئەنخۇي خۇەينەن خەتتاتلار ۋە رەسساملار ئاكادېمىيەسى، بىلكان ئېلېكتىرون شىركىتى، ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى، مىللەتلەر مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى، گۇاڭجۇ تۇركان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى يارقۇت مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى ئۇيغار خەلقئارا سودا ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئىدارە-ئورۇن ۋە شىركەتلەرنىڭ تۈرلىرىنى خەلقئارا ئۆلچەمگە بويسۇنغان ھالدا ۋاقىت ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا پۈتتۈردى. يۈرۈشلۈك كومپيۇتېر ئۆگىتىش يۇمشاق دېتاللىرىنى بازارغا سېلىپ، ئاۋامنىڭ ئوقۇتقۇچىسىز كومپيۇتېر ئۆگىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

شۇنداق، شىركىتىمىز بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللىرىنى، تور بېكەتلىرىنى ۋە ئەپلىرىنى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يىل بېشىدا بەزى تۈرلەرنى پىلانغا ئالدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە بەزى تۈرلەر ئاللىقاچان باشلىنىپ بولدى. بۇنىڭ بىلەن خىزمەت مىقدارىمىز، ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئېھتىياجىمىز تېخىمۇ ئاشتى. لېكىن ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئاستا بولدى.

شىركىتىمىزدە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇشى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تېلېۋىزىيە، رادىيو، ژۇرنال، تور قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا مۇراجىئەت قىلىپ، بەزى خادىملارنى قوبۇل قىلىپ كەلدۇق ۋە كېلىۋاتىمىز. شۇنداقتىمۇ بۇ يېتەرلىك بولمىدى.

شۇڭا بۈگۈنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئەتىسى خىزمەتكە كىرىشەلەيدىغان ئىختىساسلىق خادىملارنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن، خادىملارنى ئۆزىمىز تەربىيەلەش چىقىشنى قارار قىلىپ، ھەمكارداش شىركەتلەرنىڭ يېقىندىن قوللىشى بىلەن بىر نەچچە سىنىپنى پىلانغا ئالدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە Windows يۇمشاق دېتاللىرى پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوقۇش باشلىدى. تۆۋەندە ئولتۇرغانلار ئىچىدە بۇ سىنىپتا ئوقۇۋاتقانلارمۇ بار. Android ئەپ پىروگراممېرلىرى سىنىپى مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، iOS ئەپ پىروگراممېرلىرى سىنىپى كېلەر ئاينىڭ باشلىرىدا دەرس باشلايدۇ.

IT كەسپى ۋە ھەمكارلىق روھى

ئارىمىزدىكى زور كۆپچىلىكىمىز «ئىستىقبال سەھنىسى» پىروگراممىسىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۆتكەنكى مەلۇم بىر ساندا، ئاقسۇدىن كەلگەن كارتون لايىھەلەيدىغان بىر بالا نورمال بىر كارتون فىلىم ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغان يەنە بىرقانچە ئادەم بولسا، ئاز بولغاندا بىر يىلدىلا پۈتتۈرۈپ چىقالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن نەچچە يۈزمىڭ يۈەن چىقىم سەرپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئەگەر ئۇ بالا ئۆزى يالغۇز ئىشلىسىچۇ؟ ئۇ چاغدا 3-4 يىل ۋاقىت سەرپ بولۇشى مۇمكىن.

خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا، پىروگرامما يېزىش، تور قۇرۇلۇشى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، سىستېما ئەلالاشتۇرۇش، ئەپ ئېچىش، پىروگرامما ئارقىلىق پۈتۈپ چىقىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، كارخانىلارنىڭ تور قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشكەن يۇمشاق دېتال بازىرىنى ئېچىش ۋە كېڭەيتىش… قاتارلىق IT ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرمۇ ئەلۋەتتە ئوخشاش. بىرلا ئادەم بىر تۈرنى نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىشلىسە، ئۇ تۈر مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتكۈچە، ئۇ تۈرنىڭ بازار قىممىتى ئاللىقاچان نۆلگە ئايلىنىدۇ.

مېنىڭ كۆزىتىشىم بويىچە گەپنى يالىڭاچلا ئېيتساق، ئۇيغۇر كومپيۇتېر شىركەتلىرىدە ئورتاق ساقلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلىنىڭ بىرى مەبلەغ كەم بولۇش مەسىلىسىدۇر. لېكىن، ھەرگىز تېخنىكا مەسىلىسى ئەمەس. مەبلەغ قىيىنچىلىقى تەبىئىي ھالدا چوڭ تۈرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماسلىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

«ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق» دېگەندەك، تېخنىكىسى بار كىشىلەردە مەبلەغ يوق، مەبلىغى بار كىشىلەر تېخنىكىلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشنى بەك خالاپ كەتمەيدۇ. بىزدە كومپيۇتېر شىركەتلىرىنى قۇرغۇچىلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللانغان كىشىلەردۇر. بۇ شىركەت ئىگىلىرى تاپقان-تەرگىنىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يۇقىرىلاپ ئوقۇشقا، كومپيۇتېر شىركىتى قۇرۇشقا سەرپ قىلىۋېتىدۇ. شىركەت قۇرۇلغاندا بۇلارنىڭ قولىدا كۆپ مەبلەغ قالمايدۇ. كومپيۇتېر كەسپىي خەلقئارالىق كەسىپ بولغاچقا، بۇ كەسىپنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان پىروگراممېرلار شىركەتلىرىمىزدىن ئەڭ بولمىغاندا خەلقئارادىكى پىروگراممېرلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەسىدىكى كىرىمگە ئېرىشەلمىسە، بىز ئۇلارنى ئەلۋەتتە تۇتۇپ تۇرالمايمىز. شۇڭلاشقىمۇ خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر پىروگراممېرلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر كومپيۇتېر شىركەتلىرى مەبلەغدىن قىسىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پىروگراممېرلار يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ زەنجىرسىمان قىسىلىشلار بايا دەپ ئۆتكەندەك، تەبىئىي ھالدا چوڭ تۈرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماسلىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەگەر يېتەرلىك مەبلەغ بولسا، ياكى باشقىلارنىڭ مەبلىغىنى جەلپ قىلغىلى بولسا ئىدى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن، ھەتتا چەتئەللەردىن پىروگراممېر تەكلىپ قىلساق، چوڭ تۈرلەر بىزنىڭ قولىمىزدىن چىقسا، بىزگىمۇ يارىشاتتى، ئەلۋەتتە. بادام دوپپا، چىمەن دوپپا ياراشقان باشقا نېمە ياراشمايدۇ دەيسىلەر!

شىركىتىمىز قۇرۇلغان 2011-يىلىدىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر شىنجاڭدىكى كومپيۇتېر شىركەتلىرى ئارىسىدىكى رىقابەت ئۇنچە بەك كەسكىن بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىقمۇ كۆرۈنەرلىك بولمىدى. IT كارخانىلىرى ئارا ھەمكارلىق جايىدا بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، باشقا كەسىپتىكى كارخانىلار بىلەن IT كارخانىلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقمۇ دېگەندەك بولمىدى.

مەن بۇ يەردە، ئابىدە بىيو–تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىككى ئاي بۇرۇن باغداش مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تور-ئالاقە كەسپىگە مەبلەغ سالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. رەھمەت، سىلەرنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكىڭلارغا!

كونىلار شۇڭا «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس» دەيدۇ. بىر ئادەم ئۆزى يالغۇزمۇ پىروگراممېر بولالىشى مۇمكىن. شۇنداقلا ئۇنىڭ پىروگراممېرلىقى ئۆزى بىلەنلا كېتىدۇ، ئۇزۇنغا پايلىمايدۇ. ئۇ ئاز-تولا پۇل تاپالىشى مۇمكىن. ئەمما، ھازىرقى دەۋردە ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدە بازار ئاچالىشىغا بىر نېمە دېمەك تەس. قىممەت يارىتالمىغان پىروگرامما ماڭا نىسبەتەن ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. مەن بۇ يەردە پەقەت ئىقتىسادىي قىممەتنىلا كۆزدە تۇتمىدىم، ئەلۋەتتە.

چەتئەلدىكى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى IT كارخانىلىرىنىڭ ئۆزئارا ياكى باشقا كەسىپتىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى تور، تېلېۋىزور، رادىيو، گېزىتلەردىن كۆرۈپ، ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز. بەزى شىركەتلەرنىڭ باشقا شىركەتلەرنى سېتىۋالغانلىقىنى، قوشۇۋالغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمىزدا، كۆنگەن تەپەككۇرىمىز بويىچە تازا قوبۇل قىلالمايمۇ قالىمىز.

بىلسەم، بۇ خىل سېتىۋېلىش، قوشۇۋېلىشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر خىل ھەمكارلىق ئىكەن ئەسلى.

بۇ خىل شىركەتلەرنىڭ نىشان لايىھەسى، بازار بوشلۇقىنى توغرا پەرەز قىلىش نىسبىتى، ئىنساننىڭ ئەقىل-پاراسىتى سەۋەبىدىن ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدىغان ۋە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان مەۋھۇم ئېھتىياجغا بولغان مۇنتىزىم تەتقىقاتى چوقۇم توغرا يۆنىلىشتە ماڭغاندىن سىرت ، خادىملار ھەمكارلىق ۋە ئېتىراپ قىلىش، بويسۇنۇش ۋە تەسىر كۆرسىتىشنىڭ نېمىلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ئىكەن. قىسقىسى، ئۇلاردا «كارخانا مەدەنىيىتى» دېگەن ئۇقۇم ئاساسەن جەمئىيەتلىشىپتۇ.

لېكىن، دىيارىمىزدىكى IT كارخانىلىرى، جۈملىدىن شىركىتىمىز ئۇنداق قىلالمىدۇق. بۇنىڭغا ئۇنداق ياكى مۇنداق باھانىلەرنى كۆرسىتىشىمىز بىھۇدە. دېمىسىمۇ بىراۋدىن ئاغرىنىدىغان، قاقشايدىغان جاھان ئەمەسقۇ بۇ!؟

بىز سىلەر بىلەن ھامان ھەمكارلىشالايدىغانلىقىمىزغا، خۇددى مەن ماۋۇ كاستۇمنى قاتۇرۇپ كىيگەندەك، ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققان مەشغۇلات سىستېمىسى، ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققان تاختا كومپيۇتېر، ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققان يان تېلېفوننىڭ ھامان ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىغا، شۇ مەھسۇلاتلارنى ھەممىمىزنىڭ تاراقشىتىپ تۇرۇپ ئىشلىتىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. بىز بۇ مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش يولىدا ئاداققىچە، تاكى قارا تۇپراققا كىرىپ كەتكۈچە ماڭىمىز.

سىلەر بىز IT كارخانىلىرىنى يارىماس دېسەڭلارمۇ مەيلى، چوڭ ئىش قىلالمايدۇ دېسەڭلارمۇ مەيلى، ئاغرىنىشىمىز يوق. لېكىن، قولىمىزدىن ئىش كېلىدىغانلىقىغا ھامان ئىشىنىسىلەر.

شۇنداق، سىلەر بىز IT كارخانىلىرىنى ھەرنېمە دەپ تىللىساڭلار بولۇۋېرىدۇ. بىز IT كارخانىلىرى سىلەرگە قوشۇلۇپ ئۆزىمىزنى تىللىغاچ، IT كارخانىلىرى ئارا ھەمكارلىققا ۋە باشقا كەسىپتىكى كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىققا دوستانە قولىمىزنى سۇنىمىز.

قولىمىزنى سىلكىۋېتەمسىلەر ياكى چىڭڭىدە سىقامسىلەر، بۇ تاللاش سىلەرگە قالدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 5-سان

مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1 ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2

  • 2012/10/25
  • 3,178

UI لايىھەلىگۈچى قوبۇل قىلىنىدۇ

ئالدىمىزدىكى نەچچە كۈن ئىچىدە يېڭى ئىشخانىغا كۆچىمىز ۋە بەزى يېڭى تۈرلەرنى ئېچىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ باشلاپ كېتىمىز. شىركىتىمىزنىڭ UI لايىھەلىگۈچىسى ئابلىمىت ئابلەت (گ...

  • 2015/1/22
  • 5,579

باش دىرېكتور «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىدا رەسىملىك تونۇشتۇرۇلدى

شىركىتىمىز باش دىرېكتورى ئەمەتجان رۇسۇل دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 2-سان مۇقاۋىسىدا رەسىملىك تونۇشتۇرۇلدى. ئەمەتج...

  • 2012/4/20
  • 5,317

شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئورگان تورى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلى...

بۈگۈن شىركىتىمىز ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتى – شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئۈچ تىللىق ئورگان تورى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپە...

  • 2012/12/1
  • 3,060

2013-يىللىق «دۈەنۋۇ چاغىنى»لىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىللىق دۈەنۋۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2013-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، دۈشەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى (سەيشەنبە) نورمال...

  • 2013/6/10
  • 3,924

شىركىتىمىزنىڭ يېڭى ماركىسى (LOGO) ئېلان قىلىندى

ئۈستىدىكى ماركىنى 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى گۇرۇپپىمىز قۇرۇلغاندا لايىھەلىگەن بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. بۇ ماركا شۇ ۋاقىتتىكى ھەمكارلىقنى ئاساس ...

  • 2012/4/17
  • 4,312

Android ، iOS ۋە PHP پىروگراممېرى قوبۇل قىلىنىدۇ

يېڭى ئىشخانىغا كۆچۈپ، يېڭى تۈرلەرنى ئېچىش خىزمىتىنى باشلاپ كەتتۇق. قولىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ خېلى كۆپ تۈرلىرى بار. بۇ تۈرلەرنى ۋاقتىدا تاماملاش ئۈچۈن، بىر ن...

  • 2015/1/22
  • 5,673

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور نامى يۇلتۇزسوفتقا ئاتلىتىلىدۇ

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى رەسمىي ھالدا شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتىنىڭ بالا شىركىتى قىلىنغان ...

  • 2016/12/31
  • 3,910

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 1-سان

مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1 ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2

  • 2013/2/22
  • 3,506

ژۇرنال خادىملىرىنىڭ 2014-يىلى ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى خادىملىرى (2014-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى...

  • 2014/4/26
  • 3,189
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.