شىركىتىمىز بازار ئېچىش خادىمى قوبۇل قىلىدۇ

بازار ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خىرىسقا، رىقابەتكە تولغان جەمئىيىتىمىزدىن تېگىشلىك ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن، شىركىتىمىز بازار ئېچىش خادىمى قوبۇل قىلىدۇ.

1. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان بازار ئېچىش خادىمى: 1 نەپەر

2. ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان بازار ئېچىش خادىمى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر بىر شەھەردىن 5 نەپەر، ھەر بىر ناھىيەدىن 2 نەپەر

ۋەزىپىسى: شىركىتىمىزنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە شىركىتىمىزنى ۋە خىزمەتلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىپ، شىركىتىمىز نۇقتىلىق ئىشلەۋاتقان يۇمشاق دېتال، تور بېكەت، ئەپ قاتارلىق تېخنىكىلىق تۈرلەردە خېرىدارلارنىڭ شىركىتىمىز بىلەن توختام تۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇش ۋە «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىغا ئېلان جەلپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

خىزمەت ئورنى: مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان بازار ئېچىش خادىمى شىركىتىمىزدە خىزمەت قىلىدۇ؛ ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان بازار ئېچىش خادىملىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدا خىزمەت قىلىدۇ. ۋەزىپە توردا تاپشۇرۇلىدۇ، توردا تاپشۇرۇۋېلىنىدۇ.

خىزمەت ۋاقتى: مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان بازار ئېچىش خادىمى ھەپتىدە 6 كۈن، كۈندە 8 سائەت خىزمەت قىلىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايراملاردا ئارام ئالىدۇ؛ ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان بازار ئېچىش خادىملىرىنىڭ خىزمەت ۋاقتى قەرەلسىز بولىدۇ.

تەلەپ: شىركىتىمىزنى چۈشىنىدىغان، كومپيۇتېر، يۇمشاق دېتال ۋە تور ھەققىدە مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى، ۋاقىت قارىشى يۇقىرى، پائالىيەتچان، مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، ئەخلاقلىق، راستچىل، سەمىمىي، كىشىنىڭ ھەققىگە قارا سانىمايدىغان بولۇشى، ئالاقىگە ماھىر، گەپ-سۆزى جايىدا، يۈرۈش-تۇرۇشى رەتلىك بولۇشى، شىركىتىمىز بىلەن كەم دېگەندە ئىككى يىللىق (ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان بازار ئېچىش خادىملىرى بىر يىللىق) ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك. خەنزۇ ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا سەۋىيەسى يۇقىرىلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان بازار ئېچىش خادىملىرىنىڭ تورغا ئۇلانغان كومپيۇتېرى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

يىللىق كىرىمى: مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان بازار ئېچىش خادىمىنىڭ يىللىق كىرىمى «ئاساسىي مائاش (24 مىڭ يۈەندىن 120 مىڭ يۈەنگىچە) + ئالتە خىل سۇغۇرتا + قەرەلسىز مۇكاپات + ھېيتلىق تەمىنات + يىللىق مۇكاپات + پاي ئايرىش» ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ؛ ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان بازار ئېچىش خادىملىرىنىڭ يىللىق كىرىمى «خېرىدار بىلەن تۈزىگەن توختام ئاساسىي سوممىسىنىڭ %10ى + قەرەلسىز مۇكاپات» ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ.

مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان بازار ئېچىش خادىمى شىركەتتىكى تۆھپىسىگە ئاساسەن، شىركەت پېيىغا ئېرىشەلەيدۇ. بازار ئېچىش خادىمىغا ئايرىپ بېرىلىدىغان پاي ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %1، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %49 بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:

1. ئوقۇش تارىخى بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. تېخنىكا، ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ھەرقانداق كىشى تىزىملاتسا بولىدۇ.

2. مىللەت، جىنس، ياش چەكلەنمەيدۇ.

3. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان بازار ئېچىش خادىمى رەسمىي خىزمەتكە چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئىككى ئاي سىناق ئىشلەيدۇ. سىناق مەزگىلىدە 1200 يۈەن ئىش ھەققى بېرىلىدۇ. سىناقتىن كېيىن بازار ئېچىش خادىمى شىركىتىمىزدىن، شىركىتىمىز بازار ئېچىش خادىمىدىن رازى بولسا، ئەمگەك توختامى تۈزۈلىدۇ.

ئەگەر ئۆز ئىقتىدارىڭىزغا ئىشەنسىڭىز، شۇ ئارقىلىق شىركىتىمىزگە ۋە ئۆزىڭىزگە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشقا كۆزىڭىز يەتسە، «مەن ئايدا بىر نەچچە مىڭ يۈەن مائاشقا ئىشلىمەيمەن، مۇنداق ئىشلارنى قىلىپ، مۇنچىلىك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايمەن، شۇڭا ماڭا ئايدا كەم بولغاندا 50 مىڭ يۈەن مائاش بېرىسىلەر» دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ گېپىڭىزگە ئەمەلىي پاكىت كەلتۈرەلىسىڭىز، بىز سىز بىلەن شۇ ھامان توختام ئىمزالاپ، ئايلىق مائاشىڭىزنىڭ 50 مىڭ يۈەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

قىسقىسى، بىزگە لازىمى ھەم شىركىتىمىزگە ھەم ئۆزىگە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدىغان، تەڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى نىشان قىلغان ئىختىساس ئىگىلىرى.

ئۆزىڭىزنى بۇ خىزمەتكە مۇناسىپ دەپ قارىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرېستىن تىزىملىتىش جەدۋىلىنى چۈشۈرۈپ ئەستايىدىل، تولۇق، توغرا تولدۇرۇپ، service@yultuzsoft.com غا يوللاپ بېرىڭ. بىز تىزىملىتىش جەدۋىلىدىكى ئۇچۇرلار بويىچە «ئىشلەشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ» دەپ قارالغان خادىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، قانۇنلۇق توختام تۈزۈپ ئىش تاپشۇرىمىز.؛ ئەگەر شىركىتىمىزدە مۇنتىزىم ئىشلىمەكچى بولسىڭىز، بىز بىلەن تېلېفوندا ياكى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈڭ.

bazar echish.rar

بۇ ئۇچۇردا ئېنىقسىز نۇقتىلار بولسا، تەپسىلاتىنى خىزمەت ۋاقتىدا بىۋاسىتە ئىشخانىمىزغا كېلىپ ياكى تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ.

شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30/31-ئىشخانا

تور بېكەت ئادرېسى: http://www.yultuzsoft.com/ug-CN

تېلېفون نومۇرى: 8554814 / 8554813-0991

ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


شىركىتىمىز «تور مەدەنىيىتى ھەققىدە» رادىيو سۆھبىتىدە

بۈگۈن (2012–يىلى 4–ئاينىڭ 1-كۈنى، يەكشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن 9:00 غىچە ئاڭلىتىلىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پىروگراممى...

  • 2012/4/1
  • 3,897

ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللىرى ۋە Windows Phone ئەپ پىروگراممېرلىرىنى تەربىيەلە...

شىركىتىمىز بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللىرىنى ۋە Windows Phone ئەپلىرىنى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يىل بېشىدا...

  • 2014/3/31
  • 5,559

2018-يىللىق روزا ھېيت ۋە دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-يىللىق روزا ھېيت ۋە دۈەنۋۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈن...

  • 2018/6/10
  • 2,422

شىركىتىمىز بازار ئېچىش خادىمى قوبۇل قىلىدۇ

بازار ئېچىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خىرىسقا، رىقابەتكە تولغان جەمئىيىتىمىزدىن تېگىشلىك ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن، شىركىتىمىز بازار ئېچىش خادىمى قوبۇل قىلىدۇ. 1. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغا...

  • 2014/3/21
  • 3,696

2012-يىلى قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2012-يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە) 10 كۈن دەم ئالىدۇ. 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-...

  • 2012/10/24
  • 4,076

شىركىتىمىزنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىغا ئائىت تىجارەت تۈرلىرى تەستىقلاندى

شىركىتىمىز تاكى 2018-يىلى كۈزگە قەدەر، IT ساھەسىدە ئۈن-تىنسىز تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولۇپ، گەرچە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن بەزى توختاملارنى تۈزگەن، بەزى چوڭ تۈ...

  • 2019/1/10
  • 23,527

2017-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2017-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە) سەككىز كۈن دەم ئالىدۇ. 2017-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • 2017/9/26
  • 2,734

گۇرۇپپىمىز مەسئۇلى «تور سودىسى ھەققىدە سۆھبەت» كە تەكلىپ قىلىندى

ئىنتېرنېت تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيىدە ئولتۇرۇپلا نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىغان ھالەت شەكىللەندى. شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا ئىنتېر...

  • 2011/11/12
  • 3,432

2013-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىلى چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2013-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى (جۈمە) نورمال خىزمەتكە چۈشىدۇ.

  • 2013/4/1
  • 2,290

ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش كۈنى دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2015-يىلى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2015-يىلى 9-ئاينىڭ 3-، 4-...

  • 2015/9/1
  • 3,392
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.