شىركىتىمىز UI لايىھەلىگۈچى قوبۇل قىلىدۇ

نۆۋەتتە ئېچىۋاتقان تۈرلەر ۋە كېيىنكى زۆرۈر خىزمەتلەر ئۈچۈن، شىركىتىمىز UI لايىھەلىگۈچى قوبۇل قىلىدۇ.

1. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان UI لايىھەلىگۈچى: 2 نەپەر

2. ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان UI لايىھەلىگۈچى: 3 نەپەر

ۋەزىپىسى: شىركىتىمىزنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە يۇمشاق دېتال، تور بېكەت، ئەپلەرنىڭ UI (كۆرۈنمە يۈز) نى ۋە «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ گۈزەل-سەنئەت لايىھەسىنى ئىشلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

خىزمەت ئورنى: مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان UI لايىھەلىگۈچىلىرى شىركىتىمىزدە خىزمەت قىلىدۇ؛ ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان UI لايىھەلىگۈچىلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدا خىزمەت قىلىدۇ. ۋەزىپە توردا تاپشۇرۇلىدۇ، توردا تاپشۇرۇۋېلىنىدۇ.

خىزمەت ۋاقتى: مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان UI لايىھەلىگۈچىلىرى ھەپتىدە 6 كۈن، كۈندە 8 سائەت خىزمەت قىلىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايراملاردا ئارام ئالىدۇ؛ ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان UI لايىھەلىگۈچىلىرىنىڭ خىزمەت ۋاقتى قەرەلسىز بولىدۇ.

تەلەپ: رەڭ قارىشى يۇقىرى بولۇشى، مۇستەقىل لايىھە ئىشلەش ئېڭى بولۇشى، ئىلگىرى قىلىپ باققان ئەمەلىي ئەمگىكى بولۇشى، Photoshop ، Illustrator ، Coreldraw قاتارلىق تەكشىلىكتە سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرىنى پۇختا بىلىشى، ھەمكارلىشىپ تۈر ئېچىشقا ماھىر بولۇشى، ۋاقىت قارىشى يۇقىرى، مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، ئەخلاقلىق، راستچىل، سەمىمىي بولۇشى، شىركىتىمىز بىلەن كەم دېگەندە ئىككى يىللىق (ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان UI لايىھەلىگۈچىلىرى بىر يىللىق) ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك. ئىنگلىزچە سەۋىيەسى يۇقىرىلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان UI لايىھەلىگۈچىلىرىنىڭ تورغا ئۇلانغان كومپيۇتېرى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

يىللىق كىرىمى: مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان UI لايىھەلىگۈچىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى «ئاساسىي مائاش (24 مىڭ يۈەندىن 120 مىڭ يۈەنگىچە) + ئالتە خىل سۇغۇرتا + قەرەلسىز مۇكاپات + ھېيتلىق تەمىنات + يىللىق مۇكاپات + پاي ئايرىش» ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ؛ ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان UI لايىھەلىگۈچىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى «ۋەزىپە مائاشى (پۈتتۈرگەن تۈرگە قاراپ بولىدۇ) + قەرەلسىز مۇكاپات» ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ.

مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان UI لايىھەلىگۈچىلىرى شىركەتتىكى تۆھپىسىگە ئاساسەن، شىركەت پېيىغا ئېرىشەلەيدۇ. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان UI لايىھەلىگۈچىلىرىگە ئايرىپ بېرىلىدىغان پاي ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %1، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %49 بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:

1. ئوقۇش تارىخى بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. تېخنىكا، ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ھەرقانداق كىشى تىزىملاتسا بولىدۇ.

2. مىللەت، جىنس، ياش چەكلەنمەيدۇ.

3. UI لايىھەلىگۈچىلىرى رەسمىي خىزمەتكە چۈشۈشتىن ئىلگىرى، ئىككى ئاي سىناق ئىشلەيدۇ. سىناق مەزگىلىدە 1500 يۈەن ئىش ھەققى بېرىلىدۇ. سىناقتىن كېيىن UI لايىھەلىگۈچى شىركىتىمىزدىن، شىركىتىمىز UI لايىھەلىگۈچىدىن رازى بولسا ئەمگەك توختامى تۈزۈلىدۇ.

ئەگەر ئۆز ئىقتىدارىڭىزغا ئىشەنسىڭىز، شۇ ئارقىلىق شىركىتىمىزگە ۋە ئۆزىڭىزگە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشقا كۆزىڭىز يەتسە، «مەن ئايدا بىر نەچچە مىڭ يۈەن مائاشقا ئىشلىمەيمەن، مۇنداق ئىشلارنى قىلىپ، مۇنچىلىك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايمەن، شۇڭا ماڭا ئايدا كەم بولغاندا 50 مىڭ يۈەن مائاش بېرىسىلەر» دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ گېپىڭىزگە ئەمەلىي پاكىت كەلتۈرەلىسىڭىز، بىز سىز بىلەن شۇ ھامان توختام ئىمزالاپ، ئايلىق مائاشىڭىزنىڭ 50 مىڭ يۈەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

قىسقىسى، بىزگە لازىمى ھەم شىركىتىمىزگە ھەم ئۆزىگە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدىغان، تەڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى نىشان قىلغان ئىختىساس ئىگىلىرى.

ئۆزىڭىزنى بۇ خىزمەتكە مۇناسىپ دەپ قارىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرېستىن تىزىملىتىش جەدۋىلىنى چۈشۈرۈپ ئەستايىدىل، تولۇق، توغرا تولدۇرۇپ، service@yultuzsoft.com غا يوللاپ بېرىڭ. بىز تىزىملىتىش جەدۋىلىدىكى ئۇچۇرلار بويىچە «ئىشلەشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ» دەپ قارالغان خادىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، قانۇنلۇق توختام تۈزۈپ ئىش تاپشۇرىمىز.

UI.rar

بۇ ئۇچۇردا ئېنىقسىز نۇقتىلار بولسا، تەپسىلاتىنى خىزمەت ۋاقتىدا بىۋاسىتە ئىشخانىمىزغا كېلىپ ياكى تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ.

شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30/31-ئىشخانا

تور بېكەت ئادرېسى: http://www.yultuzsoft.com/ug-CN

تېلېفون نومۇرى: 8554814 / 8554813-0991

ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


Windows Phone ئۈچۈن پۈتۈك ئېلان قىلىندى

«پۈتۈك» پەقەت بىرلا مەقسەت – Windows Phone دا ئۇيغۇرچە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن. «پۈتۈك» ناملىق بۇ ئەپ Windows Phone نىڭ 8.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرىلىرى...

  • 2014/8/20
  • 4,181

2019-يىللىق جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 9-ئاينىڭ 16-كۈنى (دۈشەنبە) خىزمەتكە چۈ...

  • 2019/9/8
  • 38,551

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتېرنېت كەسپىي جەمئىيىتى قۇرۇلدى

2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتېرنېت كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى. يۇلتۇ...

  • 2019/12/13
  • 66,351

شىركىتىمىزنىڭ 2012-يىلى روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2012-يىلى 8–ئاينىڭ 19–كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ، 2012-يىلى 8–ئاينىڭ 22-كۈنى (چارشەنبە) نورمال خىزمەتكە چ...

  • 2012/8/18
  • 3,993

2016-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2016-يىلى چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2016-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى (دۈشەنبە) نورمال خىزمەتكە چۈشىدۇ.

  • 2016/3/28
  • 2,625

كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور نامى يۇلتۇزسوفتقا ئاتلىتىلىدۇ

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى رەسمىي ھالدا شىنجاڭ يۇلتۇزسوفت چەكلىك شىركىتىنىڭ بالا شىركىتى قىلىنغان ...

  • 2016/12/31
  • 3,875

شىركىتىمىز ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىدى

شىركىتىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى (خەنزۇچە قىسقارتىپ ئاتىلىشى: 自治区网信办...

  • 2017/5/20
  • 2,815

ژۇرنال خادىملىرىنىڭ 2014-يىلى چاغانلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىللىق چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن ژۇرنال خادىملىرى (2014-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى جۈمەدىن 2-ئاينىڭ 6-كۈنى پەيشەنبىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى (...

  • 2014/1/24
  • 3,388

يۇلتۇزسوفت ماركىسىنىڭ 2019-يىللىق نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

يۇلتۇزسوفت ماركىسى 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى لايىھەلەنگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان شىركىتىمىزنىڭ ئالاقىدار تېخنىكا، مەھسۇلات، مۇلازىمەت ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىدا بۇ ماركا ئى...

  • 2019/5/23
  • 30,380

گۇرۇپپىمىز «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى

دۆلەت ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئاشكارا نەشىر قىلىنىدىغان، كومپيۇتېر بىلىملىرىگە ئائىت بىردىنبىر ژۇرنال «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 14 نەچچە يىلدىن ...

  • 2011/3/18
  • 3,111
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.