شىركىتىمىز سىستېما ئۇستىسى قوبۇل قىلىدۇ

نۆۋەتتە ئېچىۋاتقان تۈرلەر ۋە كېيىنكى زۆرۈر خىزمەتلەر ئۈچۈن، شىركىتىمىز تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە سىستېما ئۇستىسى قوبۇل قىلىدۇ.

1. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان WordPress ئۇستىسى: 1 نەپەر

2. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان DedeCMS ئۇستىسى: 1 نەپەر

3. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان EmpireCMS ئۇستىسى: 1 نەپەر

4. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان PHPCMS ئۇستىسى: 1 نەپەر

5. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان Discuz ئۇستىسى: 1 نەپەر

6. ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان WordPress ئۇستىسى: 5 نەپەر

7. ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان DedeCMS ئۇستىسى: 5 نەپەر

8. ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان EmpireCMS ئۇستىسى: 5 نەپەر

9. ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان PHPCMS ئۇستىسى: 5 نەپەر

10. ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان Discuz ئۇستىسى: 5 نەپەر

ۋەزىپىسى: شىركىتىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۆز كەسپى دائىرىسىدە تور بېكەت ئىشلەش، ئۆزگەرتىش، ئىقتىدار يېزىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

خىزمەت ئورنى: مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان سىستېما ئۇستىلىرى شىركىتىمىزدە خىزمەت قىلىدۇ؛ ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان سىستېما ئۇستىلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدا خىزمەت قىلىدۇ. ۋەزىپە توردا تاپشۇرۇلىدۇ، توردا تاپشۇرۇۋېلىنىدۇ.

خىزمەت ۋاقتى: مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان سىستېما ئۇستىلىرى ھەپتىدە 6 كۈن، كۈندە 8 سائەت خىزمەت قىلىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايراملاردا ئارام ئالىدۇ؛ ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان سىستېما ئۇستىلىرىنىڭ خىزمەت ۋاقتى قەرەلسىز بولىدۇ.

تەلەپ: ئۆزى تۇتقان سىستېمىدا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ھەرقانداق ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بولۇشى، ئىلگىرى قىلىپ باققان ئەمەلىي ئەمگىكى بولۇشى، تەييار كودتىن ئىجادىي پايدىلىنالايدىغان بولۇشى، ھەمكارلىشىپ تۈر ئېچىشقا ماھىر بولۇشى، ۋاقىت قارىشى يۇقىرى، مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، ئەخلاقلىق، راستچىل، سەمىمىي، كەسپىي ئەخلاققا ئىگە بولۇشى، شىركىتىمىز بىلەن كەم دېگەندە ئىككى يىللىق (ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان سىستېما ئۇستىلىرى بىر يىللىق) ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك. ئىنگلىزچە سەۋىيەسى يۇقىرىلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان سىستېما ئۇستىلىرىنىڭ تورغا ئۇلانغان كومپيۇتېرى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

يىللىق كىرىمى: مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان سىستېما ئۇستىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى «ئاساسىي مائاش (24 مىڭ يۈەندىن 120 مىڭ يۈەنگىچە) + ئالتە خىل سۇغۇرتا + قەرەلسىز مۇكاپات + ھېيتلىق تەمىنات + يىللىق مۇكاپات + پاي ئايرىش» ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ؛ ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغان سىستېما ئۇستىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى«ۋەزىپە مائاشى (پۈتتۈرگەن تۈرگە قاراپ بولىدۇ) + قەرەلسىز مۇكاپات» ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ.

مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان سىستېما ئۇستىلىرى شىركەتتىكى تۆھپىسىگە ئاساسەن، شىركەت پېيىغا ئېرىشەلەيدۇ. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان سىستېما ئۇستىلىرىغا ئايرىپ بېرىلىدىغان پاي ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %1، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %49 بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:

1. ئوقۇش تارىخى بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. تېخنىكا، ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ھەرقانداق كىشى تىزىملاتسا بولىدۇ.

2. مىللەت، جىنس، ياش چەكلەنمەيدۇ.

3. سىستېما ئۇستىلىرى رەسمىي خىزمەتكە چۈشۈشتىن ئىلگىرى، ئىككى ئاي سىناق ئىشلەيدۇ. سىناق مەزگىلىدە 1500 يۈەن ئىش ھەققى بېرىلىدۇ. سىناقتىن كېيىن سىستېما ئۇستىسى شىركىتىمىزدىن، شىركىتىمىز سىستېما ئۇستىسىدىن رازى بولسا ئەمگەك توختامى تۈزۈلىدۇ.

ئەگەر ئۆز ئىقتىدارىڭىزغا ئىشەنسىڭىز، شۇ ئارقىلىق شىركىتىمىزگە ۋە ئۆزىڭىزگە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشقا كۆزىڭىز يەتسە، «مەن ئايدا بىر نەچچە مىڭ يۈەن مائاشقا ئىشلىمەيمەن، مۇنداق ئىشلارنى قىلىپ، مۇنچىلىك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايمەن، شۇڭا ماڭا ئايدا كەم بولغاندا 50 مىڭ يۈەن مائاش بېرىسىلەر» دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ گېپىڭىزگە ئەمەلىي پاكىت كەلتۈرەلىسىڭىز، بىز سىز بىلەن شۇ ھامان توختام ئىمزالاپ، ئايلىق مائاشىڭىزنىڭ 50 مىڭ يۈەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

قىسقىسى، بىزگە لازىمى ھەم شىركىتىمىزگە ھەم ئۆزىگە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدىغان، تەڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى نىشان قىلغان ئىختىساس ئىگىلىرى.

ئۆزىڭىزنى بۇ خىزمەتكە مۇناسىپ دەپ قارىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرېستىن تىزىملىتىش جەدۋىلىنى چۈشۈرۈپ ئەستايىدىل، تولۇق، توغرا تولدۇرۇپ، service@yultuzsoft.com غا يوللاپ بېرىڭ. بىز تىزىملىتىش جەدۋىلىدىكى ئۇچۇرلار بويىچە «ئىشلەشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ» دەپ قارالغان خادىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، قانۇنلۇق توختام تۈزۈپ ئىش تاپشۇرىمىز.

system.rar

بۇ ئۇچۇردا ئېنىقسىز نۇقتىلار بولسا، تەپسىلاتىنى خىزمەت ۋاقتىدا بىۋاسىتە ئىشخانىمىزغا كېلىپ ياكى تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ.

شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30/31-ئىشخانا

تور بېكەت ئادرېسى: http://www.yultuzsoft.com/ug-CN

تېلېفون نومۇرى: 8554814 / 8554813-0991

ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


ژۇرنال خادىملىرىنىڭ 2013-يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ژۇرنال خادىملىرى (2013-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە) ئالتە كۈن دەم ئالىدۇ. 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى (يەك...

  • 2013/9/27
  • 3,611

2021-يىللىق قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2021-يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2021-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ.

  • 2021/7/17
  • 57,546

يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى تور بېكىتى قۇرۇل...

بۈگۈن شىركىتىمىز يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى تور بېكەت قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  • 2013/5/4
  • 3,610

«كۈلگىن» تورىنىڭ 2-نەشرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى

بۈگۈن شىركىتىمىز «كۈلگىن» تورىنىڭ Metro ئۇسلۇبىدىكى 2-نەشرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. بۇ نەشرىدىكى «كۈلگىن» تورىغا نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى تور تېخنىكىلىرى ئىشلىتىلگەن، ت...

  • 2013/3/4
  • 3,179

گۇرۇپپىمىز ئەلداۋا ساغلاملىق تورى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى

بۈگۈن ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئورگان تور بېكىتى-ئەلداۋا ساغلاملىق تورى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، رايونىمىزد...

  • 2011/9/1
  • 3,468

«شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى

بۈگۈن شىركىتىمىز «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  • 2012/1/16
  • 3,548

2020-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2020-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2020-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە) ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 4-ئاينىڭ 7-كۈنى (سەيشەنبە) نورمال خىزم...

  • 2020/4/2
  • 70,129

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 2-سان

مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1 ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2

  • 2012/4/20
  • 4,689

Windows Phone ئۈچۈن «جەمگاھ» ئېلان قىلىندى

ئەپ نامى: جەمگاھ (Jemgah) خىزمەت مۇھىتى: +Windows Phone 8.0 نەشرى: 1.0.0.0 سىغىمى: 1265KB رولى: تور دۇنياسىدىكى IT بىلىملىرىنى جەملەپ ھەمبەھرىلەش ئەپ چۈشەندۈرۈلۈشى: «I...

  • 2015/2/18
  • 4,751

2017-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2017-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2017-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى (سەيشەنبە...

  • 2017/4/28
  • 2,263
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.