شىركىتىمىز پىروگراممېر قوبۇل قىلىدۇ

نۆۋەتتە ئېچىۋاتقان تۈرلەر ۋە كېيىنكى زۆرۈر خىزمەتلەر ئۈچۈن، شىركىتىمىز تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە پىروگراممېر قوبۇل قىلىدۇ.

1. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان PHP تور پىروگراممېرى: 3 نەپەر

2. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان Net. تور پىروگراممېرى: 3 نەپەر

3. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان يۇمشاق دېتال پىروگراممېرى: 3 نەپەر

4. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان iOS ئەپ پىروگراممېرى: 5 نەپەر

5. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان Android ئەپ پىروگراممېرى: 5 نەپەر

6. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان Windows ئەپ پىروگراممېرى: 5 نەپەر

7. ئىشتىن سىرىت ئىشلەيدىغان PHP تور پىروگراممېرى: 10 نەپەر

8. ئىشتىن سىرىت ئىشلەيدىغان Net. تور پىروگراممېرى: 10 نەپەر

9. ئىشتىن سىرىت ئىشلەيدىغان يۇمشاق دېتال پىروگراممېرى: 10 نەپەر

10. ئىشتىن سىرىت ئىشلەيدىغان iOS ئەپ پىروگراممېرى: 10 نەپەر

11. ئىشتىن سىرىت ئىشلەيدىغان Android ئەپ پىروگراممېرى: 10 نەپەر

12. ئىشتىن سىرىت ئىشلەيدىغان Windows ئەپ پىروگراممېرى: 10 نەپەر

ۋەزىپىسى: شىركىتىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۆز كەسپى دائىرىسىدە پىروگرامما يېزىش، سىناش، تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

خىزمەت ئورنى: مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان پىروگراممېرلار شىركىتىمىزدە خىزمەت قىلىدۇ؛ ئىشتىن سىرىت ئىشلەيدىغان پىروگراممېرلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدا خىزمەت قىلىدۇ. ۋەزىپە توردا تاپشۇرۇلىدۇ، توردا تاپشۇرۇۋېلىنىدۇ.

خىزمەت ۋاقتى: مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان پىروگراممېرلار ھەپتىدە 6 كۈن، كۈندە 8 سائەت خىزمەت قىلىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايراملاردا ئارام ئالىدۇ؛ ئىشتىن سىرىت ئىشلەيدىغان پىروگراممېرلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى قەرەلسىز بولىدۇ.

تەلەپ: ئۆز ساھەسىدە مۇستەقىل پىروگرامما ئېچىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، رەتلىك، ئۆلچەملىك كود يېزىش ئادىتى بولۇشى، يازغان كودىنىڭ قۇرۇلمىسى ئېنىق، ئىسىم، ئىزاھاتلىرى ئۆلچەملىك بولۇشى، ئىلگىرى قىلىپ باققان ئەمەلىي ئەمگىكى بولۇشى، ھەمكارلىشىپ تۈر ئېچىشقا ماھىر بولۇشى، ۋاقىت قارىشى يۇقىرى، مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، ئەخلاقلىق، راستچىل، سەمىمىي، كەسپىي ئەخلاققا ئىگە بولۇشى، شىركىتىمىز بىلەن كەم دېگەندە ئىككى يىللىق (ئىشتىن سىرىت ئىشلەيدىغان پىروگراممېرلار بىر يىللىق) ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك. ئىنگلىزچە سەۋىيىسى يۇقىرىلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئىشتىن سىرىت ئىشلەيدىغان پىروگراممېرلارنىڭ تورغا ئۇلانغان كومپيۇتېرى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

يىللىق كىرىمى: مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان پىروگراممېرلارنىڭ يىللىق كىرىمى «ئاساسىي مائاش (36 مىڭ يۈەندىن 120 مىڭ يۈەنگىچە) + ئالتە خىل سۇغۇرتا + قەرەلسىز مۇكاپات + ھېيىتلىق تەمىنات + يىللىق مۇكاپات + پاي ئايرىش» ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ؛ ئىشتىن سىرىت ئىشلەيدىغان پىروگراممېرلارنىڭ يىللىق كىرىمى «ۋەزىپە مائاشى (پۈتتۈرگەن تۈرگە قاراپ بولىدۇ) + قەرەلسىز مۇكاپات» ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ.

مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان پىروگراممېرلار شىركەتتىكى تۆھپىسىگە ئاساسەن، شىركەت پېيىغا ئېرىشەلەيدۇ. مۇنتىزىم ئىشلەيدىغان پىروگراممېرلارغا ئايرىپ بېرىلىدىغان پاي ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %1، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %49 بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:

1. ئوقۇش تارىخى بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. تېخنىكا، ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ھەرقانداق كىشى تىزىملاتسا بولىدۇ.

2. مىللەت، جىنس، ياش چەكلەنمەيدۇ.

3. پىروگراممېرلار رەسمىي خىزمەتكە چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئىككى ئاي سىناق ئىشلەيدۇ. سىناق مەزگىلىدە 1500 يۈەن ئىش ھەققى بېرىلىدۇ. سىناقتىن كېيىن پىروگراممېر شىركىتىمىزدىن، شىركىتىمىز پىروگراممېردىن رازى بولسا، ئەمگەك توختامى تۈزۈلىدۇ.

ئەگەر ئۆز ئىقتىدارىڭىزغا ئىشەنسىڭىز، شۇ ئارقىلىق شىركىتىمىزگە ۋە ئۆزىڭىزگە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشقا كۆزىڭىز يەتسە، «مەن ئايدا بىر نەچچە مىڭ يۈەن مائاشقا ئىشلىمەيمەن، مۇنداق ئىشلارنى قىلىپ، مۇنچىلىك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايمەن، شۇڭا ماڭا ئايدا كەم بولغاندا 50 مىڭ يۈەن مائاش بېرىسىلەر» دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ گېپىڭىزگە ئەمەلىي پاكىت كەلتۈرەلىسىڭىز، بىز سىز بىلەن شۇ ھامان توختام ئىمزالاپ، ئايلىق مائاشىڭىزنىڭ 50 مىڭ يۈەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

قىسقىسى، بىزگە لازىمى ھەم شىركىتىمىزگە ھەم ئۆزىگە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدىغان، تەڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى نىشان قىلغان ئىختىساس ئىگىلىرى.

ئۆزىڭىزنى بۇ خىزمەتكە مۇناسىپ دەپ قارىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرېستىن تىزىملىتىش جەدۋىلىنى چۈشۈرۈپ ئەستايىدىل، تولۇق، توغرا تولدۇرۇپ، service@yultuzsoft.com غا يوللاپ بېرىڭ. بىز تىزىملىتىش جەدۋىلىدىكى ئۇچۇرلار بويىچە «ئىشلەشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ» دەپ قارالغان خادىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، قانۇنلۇق توختام تۈزۈپ ئىش تاپشۇرىمىز.

program.rar

بۇ ئۇچۇردا ئېنىقسىز نۇقتىلار بولسا، تەپسىلاتىنى خىزمەت ۋاقتىدا بىۋاسىتە ئىشخانىمىزغا كېلىپ ياكى تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ.

شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30/31-ئىشخانا

تور بېكەت ئادرېسى: http://www.yultuzsoft.com/ug-CN

تېلېفون نومۇرى: 8554814 / 8554813-0991

ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» تەسىس قىلىندى

  تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» تەسىس قىلىندى 2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلېكتىرون ساھەسىدىكى يولباشچىلارنىڭ بىرى – بىلكان شىركىتى «بى...

  • 2015/4/24
  • 2,097

«مۇساباي» ئىقتىساد تور بېكىتى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى

بۈگۈن شىركىتىمىز «مۇساباي» ئىقتىساد تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

  • 2013/5/22
  • 2,174

DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسى تارقىتىلدى

ئۇيغۇر-قازاق قېرىنداشلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالدىنقى نىشان قىلغان DedeCMS V5.5 قازاقچە نۇسخىسى بۈگۈن قولدىن چىقتى. سىستېمىنى ئېلان قىلىشتىن ئاۋۋال DedeCMS V5.5 قازاقچە...

  • 2010/11/15
  • 2,277

2020-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2020-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە) سەككىز كۈن دەم ئالىدۇ. 10-ئاينىڭ 9-كۈنى (ج...

  • 2020/9/29
  • 11,110

مۇبارەك XJCFAN، قۇتلۇق 8 يېشىڭغا مۇبارەك!

مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈنلەردە شۇنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتۇق: ئەينى چاغدا XJCFAN گۇرۇپپىسىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ، كېيىنكى شىركەتكە ئاساس سالغان ئەمەتجان (قىسمەت)، ياسىنجان ...

  • 2019/12/12
  • 60,292

2019-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە) ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 4-ئاينىڭ 8-كۈنى (دۈشەنبە) نورمال خىزمە...

  • 2019/4/4
  • 461

2019-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2019-يىللىق يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 2018-يىلى 1-ئاينى...

  • 2018/12/28
  • 21,164

2018-يىللىق جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-يىللىق جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە) ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 9-ئاينىڭ 25-كۈنى (سەيشەنبە) خىزمەتكە...

  • 2018/9/20
  • 1,615

2018-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى (دۈشە...

  • 2018/4/1
  • 1,053

2017-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2017-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە) سەككىز كۈن دەم ئالىدۇ. 2017-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • 2017/9/26
  • 1,436
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554813

0991 - 8554814

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.