شىركىتىمىز مەمۇرىي باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

مەمۇرىي خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شىركىتىمىز بىر نەپەر مەمۇرىي باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.

ۋەزىپىسى: باش دىرېكتورنىڭ مەمۇرىيەت (شىركەت ئومۇمىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، خادىم قوبۇل قىلىش، بازار ئېچىش…) جەھەتتىكى خىزمىتىگە ياردەملىشىش ئارقىلىق، شىركىتىمىزنىڭ تىجارەت ئىشلىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ.

خىزمەت ئورنى: شىركىتىمىزدە خىزمەت قىلىدۇ.

خىزمەت ۋاقتى: ھەپتىدە 6 كۈن، كۈندە 8 سائەت خىزمەت قىلىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايراملاردا ئارام ئالىدۇ.

تەلەپ: ئەر، ئۇيغۇر، 30 ياشتىن يۇقىرى 55 ياشتىن تۆۋەن، شىركىتىمىزنى چۈشىنىدىغان بولۇشى، كومپيۇتېر، يۇمشاق دېتال ۋە تور ھەققىدە مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى، پائالىيەتچان، ئاممىۋى ئالاقىگە ماھىر، باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇشى، كەم دېگەندە ئۈچ يىللىق باشقۇرۇش خىزمىتى تەجرىبىسى بولۇشى، ۋاقىت قارىشى يۇقىرى، مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، ئەخلاقلىق، راستچىل، سەمىمىي بولۇشى، شىركىتىمىز بىلەن كەم دېگەندە ئۈچ يىللىق ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك. ئىنگلىز، خەنزۇ ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا سەۋىيەسى يۇقىرىلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.

يىللىق كىرىمى:

مەمۇرىي باشقۇرغۇچىنىڭ يىللىق كىرىمى «ئاساسىي مائاش (36 مىڭ يۈەندىن 120 مىڭ يۈەنگىچە) + ئالتە خىل سۇغۇرتا + قەرەلسىز مۇكاپات + ھېيتلىق تەمىنات + يىللىق مۇكاپات + پاي ئايرىش» ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ.

مەمۇرىي باشقۇرغۇچى شىركەتتىكى تۆھپىسىگە ئاساسەن، شىركەت پېيىغا ئېرىشەلەيدۇ. مەمۇرىي باشقۇرغۇچىغا ئايرىپ بېرىلىدىغان پاي ئەڭ تۆۋەن بولغاندا %1، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %49 بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:

1. ئوقۇش تارىخى بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. تېخنىكا، ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ھەرقانداق كىشى تىزىملاتسا بولىدۇ.

2. ئەر، ئۇيغۇر، 30 ياشتىن يۇقىرى 55 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك.

3. مەمۇرىي باشقۇرغۇچى رەسمىي خىزمەتكە چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئىككى ئاي سىناق ئىشلەيدۇ. سىناق مەزگىلىدە 1500 يۈەن ئىش ھەققى بېرىلىدۇ. سىناقتىن كېيىن مەمۇرىي باشقۇرغۇچى شىركىتىمىزدىن، شىركىتىمىز مەمۇرىي باشقۇرغۇچىدىن رازى بولسا، ئەمگەك توختامى تۈزۈلىدۇ.

ئەگەر ئۆز ئىقتىدارىڭىزغا ئىشەنسىڭىز، شۇ ئارقىلىق شىركىتىمىزگە ۋە ئۆزىڭىزگە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشقا كۆزىڭىز يەتسە، «مەن ئايدا بىر نەچچە مىڭ يۈەن مائاشقا ئىشلىمەيمەن، مۇنداق ئىشلارنى قىلىپ، مۇنچىلىك ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايمەن، شۇڭا ماڭا ئايدا كەم بولغاندا 50 مىڭ يۈەن مائاش بېرىسىلەر» دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ گېپىڭىزگە ئەمەلىي پاكىت كەلتۈرەلىسىڭىز، بىز سىز بىلەن شۇ ھامان توختام ئىمزالاپ، ئايلىق مائاشىڭىزنىڭ 50 مىڭ يۈەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

قىسقىسى، بىزگە لازىمى ھەم شىركىتىمىزگە ھەم ئۆزىگە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدىغان، تەڭ تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى نىشان قىلغان ئىختىساس ئىگىلىرى.

بۇ ئۇچۇردا ئېنىقسىز نۇقتىلار بولسا، تەپسىلاتىنى خىزمەت ۋاقتىدا بىۋاسىتە ئىشخانىمىزغا كېلىپ ياكى تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ.

شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30/31-ئىشخانا

تور بېكەت ئادرېسى: http://www.yultuzsoft.com/ug-CN

تېلېفون نومۇرى: 8554814 / 8554813-0991

ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


كۇرسانتلارنىڭ 2014-يىللىق دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى دۈەنۋۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كۇرسانتلار (2014-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى، يەكشەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى (دۈشەنبە) نورمال دەرس ئوقۇيدۇ....

  • 2014/5/29
  • 2,054

2018-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-يىللىق چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ. 2-ئاينىڭ 22-كۈنى (پەيشەنبە) خىزمەتكە...

  • 2018/2/8
  • 1,183

2012-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2012-يىلى چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2012-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى (پەيشەنبە) نورمال خىزمەتكە چۈش...

  • 2012/4/1
  • 1,140

ژۇرنال خادىملىرىنىڭ 2014-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ژۇرنال خادىملىرى (2014-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، شەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. شەنبە كۈنىدىكى نورمال دەم ئېلىش كۈنى 2014-يىلى 4-ئاين...

  • 2014/4/4
  • 1,874

«كۈلگىن» تورىنىڭ 2-نەشرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى

بۈگۈن شىركىتىمىز «كۈلگىن» تورىنىڭ Metro ئۇسلۇبىدىكى 2-نەشرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. بۇ نەشرىدىكى «كۈلگىن» تورىغا نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى تور تېخنىكىلىرى ئىشلىتىلگەن، ت...

  • 2013/3/4
  • 1,883

2017-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2017-يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە) سەككىز كۈن دەم ئالىدۇ. 2017-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • 2017/9/26
  • 1,412

شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ 2013-يىلى جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىلى جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2013-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، پەيشەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى (جۈمە) نورمال خىزم...

  • 2013/9/16
  • 1,934

گۇرۇپپىمىز «تارىم» ژۇرنىلى تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ بۇرۇن نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى ئانا ژۇرنال «تارىم» ژۇرنىلى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سە...

  • 2011/6/13
  • 1,851

شىركىتىمىز ئىشتىن سىرىت ئىشلەيدىغان بازار ئېچىش خادىمى قوبۇل قىلىدۇ

شىركىتىمىز بازار كېڭەيتىش ئېھتىياجىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەربىر شەھەردىن 5 نەپەردىن، ھەربىر ناھىيەدىن 2 نەپەردىن بازار ئېچىش خادىمى قوبۇل قىلىدۇ. بازار ئېچ...

  • 2013/8/16
  • 4,294

2020-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2020-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2020-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە) بەش كۈن دەم ئالىدۇ. 4-ئاينىڭ 26-كۈنى (يەكشەنبە) ۋە 5-ئا...

  • 2020/4/29
  • 31,317
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554813

0991 - 8554814

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.