شىركەت تور بېكىتىنىڭ 2-نەشرى ئېلان قىلىندى

2012-يىلىنىڭ بېشىدا شىركىتىمىز تور بېكىتىنىڭ 1-نەشرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. 1-نەشردىكى تور بېكەت سىستېمىسى تاكى بۈگۈنگە قەدەر شىركىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن يۈزى سۈپىتىدە خىزمەت سۈپىتىدە خىزمەت قىلىپ كەلدى.
ئارىدىن بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، شىركەت تور بېكىتىگە يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشۇش، يېڭى كۆزنەكلەرنى تەسىس قىلىش زۆرۈر بولدى. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە شىركىتىمىز تور بېكىتىنىڭ 2-نەشرى ئېلان قىلىندى.
بۇ نەشردە تۆۋەندىكى يېڭىلىقلار بار.
1. بېكەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزى (UI) ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىنچىكىلىق بىلەن ئىشلەندى. ھەتتا 1PX ئۇيان-بۇيان بولۇشقىمۇ يول قويۇلمىدى.
2. پىكىر بېرىش سۇپىسى تەسىس قىلىندى. شىركىتىمىزگە، مەھسۇلاتلىرىمىزغا ياكى مۇلازىمەت سۈپىتىمىزگە پىكىر بەرسىڭىز، بىز چوقۇم سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز، بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن، پىكرىڭىزگە لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىمىز.
3. شىركەتتىكى بىر قىسىم خىزمەتچىلەرنىڭ، جۈملىدىن شىركەت باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ زۆرۈر ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلاندى. بۇ ئۇچۇرلار داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ.
4. شىركەتنىڭ بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرى ئاشكارىلاندى.
5. شىركەت رەسمىيەتلىرى ئاشكارىلاندى.
6. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى تۈرلەر كۆپەيتىلدى ياكى ئۆلچەملەشتۈرۈلدى.
7. بېكەتنىڭ بۇ قېتىمقى نەشرىدە تۆۋەندىكى تور كۆرگۈلەر، جۈملىدىن IE6 نەزەرگە ئېلىنمىدى.
8. تور بېكىتىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى نەشرىدىكى باشقا يېڭىلىقلارنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن ياكى «مەھسۇلاتلار» سەھىپىسىدىن كۆرۈلەيسىز.
9. ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزنىڭ يېڭى نەشرىدىكى بەزى ئىقتىدارلار ۋە سەھىپىلەر داۋاملىق تولۇقلىنىۋاتىدۇ.

 

كونا نەشرى

يېڭى نەشرى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


2016-يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2016-يىللىق روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2016-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 7-ئاينىڭ 10-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەتكە چ...

  • 2016/6/28
  • 1,371

DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تارقىتىلدى

 DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى باش بېتى كۆرۈنۈشى    DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسى باشقۇرۇش سۇپىسى كۆرۈنۈشى   تور بېكىتىمىز DedeCMS V5.5 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلەت...

  • 2010/7/17
  • 2,858

شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ 2013-يىلى ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىلى ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2013-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى (...

  • 2013/4/22
  • 2,527

2015-يىلى چاغانلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2015-يىللىق چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2014-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى چارشەنبىدىن 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سەيشەنبىگىچە) يەتتە كۈن دەم ئالىدۇ. 2-ئاينىڭ 25-كۈنى (...

  • 2015/2/13
  • 2,753

«تور مەدەنىيىتى تىجارىتى ئىجازەتنامىسى» نى ۋاكالىتەن بېجىرىش ھەققىنى تەڭشەش ئ...

بۆلۈمىمىز ۋاكالىتەن بېجىرىۋاتقان «تور مەدەنىيىتى تىجارىتى ئىجازەتنامىسى 网络文化经营许可证» نىڭ بىز تەييارلاپ رەتلەيدىغان تۈرلۈك ماتېرىياللىرى تېخىمۇ كۆپەيدى، باسىدىغا...

  • 2020/9/20
  • 49,617

شىركىتىمىز يېتىم-يېسىر، نامرات بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

لى لىيەنجيې باشچىلىقىدىكى «بىر فوندى» ۋە ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى جىددىي ئىشلار پىدائىيلىرى فوندىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ئۇچتۇرپان جىددىي ئىشلار پىدائىيلى...

  • 2019/11/16
  • 46,498

2014-يىلى جوڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2014-يىلى جوڭچيۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2014-يىلى 9-ئاينىڭ 7-، 8-كۈنلىرى) نورمال دەم ئېلىش كۈنى بىلەن قوشۇپ ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 2014-يىلى 9-ئ...

  • 2014/8/29
  • 2,539

«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلى 2011-يىللىق 2-سان

  مۇقاۋىنىڭ 1-بېتى     مۇقاۋىنىڭ 2-بېتى      مۇقاۋىنىڭ 3-بېتى      مۇقاۋىنىڭ 4-بېتى     ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 1      ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى 2   

  • 2011/5/23
  • 2,359

شىركىتىمىز ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىدى

شىركىتىمىز مەسئۇلى ئەمەتجان رۇسۇل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى (خەنزۇچە قىسقارتىپ ئاتىلىشى: 自治区网信办...

  • 2017/5/20
  • 1,622

2018-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2018-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2018-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى (چارشەنبە...

  • 2018/4/26
  • 1,162
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.