شىركىتىمىز ئىشتىن سىرىت ئىشلەيدىغان بازار ئېچىش خادىمى قوبۇل قىلىدۇ

شىركىتىمىز بازار كېڭەيتىش ئېھتىياجىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەربىر شەھەردىن 5 نەپەردىن، ھەربىر ناھىيەدىن 2 نەپەردىن بازار ئېچىش خادىمى قوبۇل قىلىدۇ.

بازار ئېچىش خادىمىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر ياكى ناھىيەدە شىركىتىمىزنى ۋە خىزمەتلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىپ، شىركىتىمىز يولغا قويغان يۇمشاق دېتال ۋە تور بېكەت لايىھەلەش قاتارلىق تېخنىكا تۈرلىرىدە خېرىدارلارنىڭ شىركىتىمىز بىلەن توختام تۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇش.

ئىش ئورنى: ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر ياكى ناھىيەدە ئەركىن ئىشلەيدۇ، شىركىتىمىزگە كېلىشى ھاجەتسىز.

ئىش ھەققى: خېرىدار شىركىتىمىز بىلەن تۈزىگەن توختام ئاساسىي سوممىسىنىڭ %10ى بويىچە ئىش ھەققى بېرىلىدۇ. ئەگەر خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولسا، ئايرىم مۇكاپات بېرىلىدۇ.

ئىشنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن، خېرىدارنىڭ تەلىپى بويىچە شىركىتىمىز تەييارلىغان پىلان ۋە توختامنىڭ دەسلەپكى خام نۇسخىسى بازار ئېچىش خادىمىغا يوللاپ بېرىلىدۇ. بازار ئېچىش خادىمى خېرىدار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىلان ياكى توختامنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نۇسخىسىنى شىركىتىمىزگە يوللاپ بېرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىقى پۈتۈشۈلگەن توختامدىكى ئاساسىي سوممىنىڭ (يۇمشاق دېتال ۋە تور بېكەتلەرنىڭ يىللىق تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ھەققى، قاتتىق دېتال چىقىملىرى قاتارلىقلار بۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ) %10ى بازار ئېچىش خادىمىغا مائاش قىلىپ بېرىلىدۇ.

بازار ئېچىش خادىمىغا قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ:

1. سەمىمىي، راستچىل، مەسئۇلىيەتچان، مىجەزى ئوچۇق-يورۇق، كىشىنىڭ ھەققىگە قارا سانىمايدىغان بولۇشى كېرەك.

2. ئالاقىگە ماھىر، گەپ-سۆزى جايىدا، يۈرۈش تۇرۇشى رەتلىك بولۇشى كېرەك.

3. كومپيۇتېر ۋە تور ھەققىدە مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

4. خەنزۇ ۋە باشقا قېرىنداش مىللەت تىل-يېزىقىدا سەۋىيەسى يۇقىرىلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.

شىركىتىمىز بازار ئېچىش خادىمىغا تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىپ بېرىدۇ:

1. شىركىتىمىز خېرىدار بىلەن توختام تۈزۈپ بولغان ھامان، توختام ئاساسىي سوممىسىنىڭ %10ى بويىچە بازا ئېچىش خادىمىنىڭ بانكا كارتىسىغا ئىش ھەققىنى ئۇرۇپ بېرىدۇ.

2. ئەگەر بازار ئېچىش خادىمىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى بولسا، قەرەلسىز مۇكاپات بېرىلىدۇ.

3. شىركىتىمىز بازار ئېچىش خادىمىغا شىركىتىمىزنىڭ ئۆلچەملىك خىزمەت كىنىشكىسى تەمىنلەپ بېرىدۇ. (بازار ئېچىش خادىمى شىركىتىمىز ئۈچۈن بازار ئېچىش خىزمىتى شۇغۇللانغاندا، مۇشۇ خىزمەت كىنىشكىسىنى تاقاپ ئىش بېجىرىدۇ.)

4. شىركىتىمىزنىڭ تەشۋىقات كىتابى، خېرىدار ئۈچۈن تۈزۈلگەن پىلان ۋە توختاملار ۋاقتىدا، يېتەرلىك ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.

5. شىركەت تور بېكىتىدە ھەرقايسى شەھەر، ناھىيەلەردە تۇرۇشلۇق بازار ئېچىش خادىمىنىڭ زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ، شۇ ئارقىلىق بازار ئېچىش خادىمىنىڭ خېرىدار ئالدىدىكى سالاھىيىتى جەزملەشتۈرۈلىدۇ. شۇنداقلا، بەزى كىشىلەرنىڭ شىركىتىمىز خادىمى سالاھىيىتىدە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

ئىزاھات:

1. بازار ئېچىش خادىمىغا مۇقىم مائاش بېرىلمەيدۇ، خېرىدار بىلەن شىركىتىمىز توختام تۈزسە، ئاندىن بازار ئېچىش خادىمى مائاش ئالىدۇ. بىز بىلەن خادىم ئىككى جايدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن، بىز خادىمنىڭ قانچىلىك خىزمەت قىلغانلىقىنى، قانچىلىك ئۈنۈم ياراتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئامالسىز. شۇنداق بولغانىكەن، پەقەت خېرىدار بىلەن تۈزۈلگەن توختاملا بازار ئېچىش خادىمىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە بىردىنبىر ئىسپات بولالايدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا خادىمنىڭ ئىدىيىسىدە تەييارلىق بولۇشى كېرەك.

2. بۇ خىزمەت ئامال بار ئەتىگەندە بىر نەچچە سائەت ۋاقىت چىقىرالايدىغانلارغا ماس كېلىدۇ. چۈنكى، ئىدارە-ئورۇن، شىركەت-كارخانا، دۇكان-سارايلارنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسەن ئەتىگەندە ئىشخانىسىدا بولىدۇ.

3. بۇ خىزمەتتە خەنزۇ ۋە باشقا قېرىنداش مىللەت تىل-يېزىقىدا سەۋىيەسى يۇقىرىلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. چۈنكى، بىز پەقەت ئۇيغۇر بازىرىنىلا ئاچماقچى ئەمەس.

4. ئوقۇش تارىخى بولۇشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، مىللەت، جىنس چەكلەنمەيدۇ. كومپيۇتېر ۋە تور ھەققىدە مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە، بۇ خىزمەتنى قىلىپ كېتەلىشىگە ئىشەنچى بارلار تىزىملاتسا بولىدۇ.

5. خادىملارنىڭ ئىشخانىمىزغا كېلىپ خىزمەت قىلىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر ياكى ناھىيەدە ئىشلەيدۇ. تور ياكى تېلېفوندا ۋەزىپە تاپشۇرۇلىدۇ ۋە تاپشۇرۇۋېلىنىدۇ.

ئۆزىڭىزنى بۇ خىزمەتكە مۇناسىپ دەپ قارىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرېستىن تىزىملىتىش جەدۋىلىنى چۈشۈرۈپ ئەستايىدىل، تولۇق، توغرا تولدۇرۇپ، service@yultuzsoft.com غا يوللاپ بېرىڭ. بىز تىزىملىتىش جەدۋىلىدىكى ئۇچۇرلار بويىچە «ئىشلەشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ» دەپ قارالغان خادىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، قانۇنلۇق توختام تۈزۈپ ئىش تاپشۇرىمىز.

بازار ئېچىش خادىمى تىزىملاش جەدۋىلى

 

شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 3-قەۋەت 30/31-ئىشخانا

ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 8554813-0991 | فاكس: 8554814-0991

ئېلخەت: service@yultuzsoft.com

 

ئۈرۈمچى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى

2013-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر


يۇلتۇزسوفت 5 ياشقا كىردى، بۇ 5 يىل يۇلتۇزسوفتنىڭ نەتىجىلىك 5 يىلى بولدى

يۇلتۇزسوفت، 5 يېشىڭغا مۇبارەك! 11 يىل ئىلگىرى XJCFAN گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان چاغدا، مەيلى گۇرۇپپا قۇرغۇچىلىرى بولسۇن، مەيلى گۇرۇپپا خادىملىرى بولسۇن، مەيلى كېيىنكى XJCFAN ش...

  • 2021/1/13
  • 15,504

2015-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2015-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2015-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 4-كۈنى (دۈشەنبە) ...

  • 2015/4/28
  • 2,677

گۇرۇپپىمىز «تارىم» ژۇرنىلى تور بېكىتى قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەڭ بۇرۇن نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى ئانا ژۇرنال «تارىم» ژۇرنىلى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سە...

  • 2011/6/13
  • 2,196

Android ، iOS ۋە PHP پىروگراممېرى قوبۇل قىلىنىدۇ

يېڭى ئىشخانىغا كۆچۈپ، يېڭى تۈرلەرنى ئېچىش خىزمىتىنى باشلاپ كەتتۇق. قولىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ خېلى كۆپ تۈرلىرى بار. بۇ تۈرلەرنى ۋاقتىدا تاماملاش ئۈچۈن، بىر ن...

  • 2015/1/22
  • 4,378

2015-يىللىق دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

دۈەنۋۇ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2015-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، شەنبە) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى (دۈشەنبە) خىزمەتكە چۈشىدۇ.

  • 2015/6/16
  • 2,655

2015-يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2015-يىلى چىڭمىڭ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2015-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى) بىر كۈن دەم ئالىدۇ. 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى (دۈشەنبە) نورمال خىزمەتكە چۈشىدۇ.

  • 2015/4/1
  • 1,386

2020-يىللىق يېڭى يىللىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2020-يىللىق يېڭى يىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2019-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) ئىككى كۈن دەم ئالىدۇ. 2020-يىلى 1-ئاي...

  • 2019/12/30
  • 62,802

2016-يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2016-يىللىق روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2016-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە) تۆت كۈن دەم ئالىدۇ. 7-ئاينىڭ 10-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەتكە چ...

  • 2016/6/28
  • 1,371

2017-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2017-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شىركىتىمىز خادىملىرى (2017-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە) ئۈچ كۈن دەم ئالىدۇ. 5-ئاينىڭ 2-كۈنى (سەيشەنبە...

  • 2017/4/28
  • 1,137

تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» تەسىس قىلىندى

  تۇنجى نۆۋەتلىك «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى-ئەلكىن پىروگرامما مۇكاپاتى» تەسىس قىلىندى 2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلېكتىرون ساھەسىدىكى يولباشچىلارنىڭ بىرى – بىلكان شىركىتى «بى...

  • 2015/4/24
  • 2,344
 مۇلازىمەت سۇپىسى

مۇلازىمەت تېلېفونى:

0991 - 8554814

0991 - 8554813

خىزمەت ۋاقتى:
بېيجىڭ ۋاقتى 10:00 دىن 20:00 گىچە (دۈشەنبىدىن شەنبىگىچە)
بايرام كۈنلىرى دەم ئېلىنىدۇ.

ئۈندىدار مۇلازىمى

ئۈندىدار سالونى

لىدىرنىڭ يۈرەك سۆزى

يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئىستەيدىغىنى – باشقىلارنى چوڭ-كىچىك، كۈچلۈك-ئاجىز دەپ ئايرىماي، ھەرقانداق زامان ۋە ماكاندا ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش پۇرسىتىنى دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش.
يۇلتۇزسوفتتىكى ھەربىر خادىمنىڭ ئاداققى مەقسىتى - ئەل ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردىكى بىخەتەر ئىنتېرنېت مۇھىتى بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ قىممىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش.
بىز ئىزىمىز قالغان ئەنە شۇ دەۋرلەردىن خۇرسەن بولۇشقا ھەقلىقمىز. چۈنكى، بىز ئىنىتېرنېت تەرەققىياتىنىڭ شاھىدى.

ئالاقىلىشىڭ
تاقاش
ئۈندىدارنى ئېچىپ «扫一扫» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ.